ساغلاملىق

دائىم كۆز چارچىغاندەك ھېس قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

مەيلى ئۇزاق مۇددەت كىتابقا تىكېلىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۇزاق مەزگىل كومپيوتېرغا قاراپ تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولسۇن، دائىم كۆز چارچاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، كۆز چارچىغاندا دائىم كۆز قۇرغاقلىشىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆز ھەددىدىن زىيادە چارچىغاندا پەيدا بولىدىغان بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى تۇرمۇشىمىزغا بەلگىلىك قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئېغىر بولغاندا كۆزىمىزگە مەڭگۈلۈك زىيان يەتكۈزىدۇ، تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە كۆز چارچاشنى پەسەيتىشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؟

1. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش

كۆزنىڭمۇ مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ۋاقتى بولۇشى كېرەك. بىز كىتاب ياكى كومپيوتېر ئېكرانىغا ئۇزاق ۋاقىت تىكېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، كۆزىمىزنى ئارام ئالدۇرىشىمىز كېرەك، كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالساقمۇ ياكى يىراققا نەزەر سالساقمۇ، كۆزىمىز ناھايىتى ياخشى ئارام ئالالايدۇ. كۆز ئەمگىكى بىلەن مۇۋاپىق دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، كۆزنى تېخىمۇ ياخشى ئاسراش كېرەك.

2. كۆزنى چىمىلدىتىش

كۆزنى چىمىلدىتىش كۆزىمىزنى تېخىمۇ نەملەشتۈرىدۇ. كۆزىمىز چارچىغاندا، بولۇپمۇ قۇرغاقلاشقاندا، كۆزنى چىمىلدىتىش ئارقىلىق كۆزنىڭ قۇرغاقلىقىنى پەسەيتكىلى، كۆزنى تېخىمۇ راھەت ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

3. مۇۋاپىق يورۇقلۇق مەنبەسى

زىيادە يورۇق مۇھىت ياكى زىيادە غۇۋا مۇھىت كۆزىمىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدا، چوقۇم باشتىن-ئاخىر مۇۋاپىق يورۇقلۇق مەنبەسى ئاستىدا تۇرۇش كېرەك، مۇۋاپىق يورۇقلۇق مەنبەسى كۆزىمىزنى يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلاپ، راھەتلەندۈرىدۇ، بىز كۆزىمىزنى ياخشى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلالايمىز.

4. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش

كۆز چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن كۆزنى يېنىك تېڭىشمۇ كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىشتىكى ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلدۇر. لۆڭگىنى كۆزگە يېنىك سۈرتكەندە، كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆزنى يېنىك سۈرتۈپ بەرسە، كۆزنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

5. دالا ھەرىكىتى

مۇۋاپىق دالا ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆزىمىزدىكى ھارغىنلىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ، ھەرىكەت كۆزىمىزگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، مۇۋاپىق دالا ھەرىكىتى بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

6. ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقى

كۆزىمىز كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، تەڭپۇڭ بولغان ئوزۇقلۇقنىڭ ماسلىشىشى كۆزىمىزنى تېخىمۇ ساغلام ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. كۆز ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغاندا، دائىم زىيادە چارچاپ كېتىدۇ. كۆزىمىزنى ياخشى ئاسراش، كۆزىمىزنى ساغلام ھالەتكە كەلتۈرۈشمۇ كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل.

كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆزنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار كۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى