كەچۈرۈڭ، مەن ئەيدىز بىمارى (5): مۇشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن
ئىسمىم شياۋ يۈ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، بۇ يىل 21 ياش، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، بىر يېقىن دوستۇم مېنى كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. مەن كىتاب كۆرۈشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم، پەقەت جىمجىتلىقنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كۇتۇپخانىغا بىللە باردىم، كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ زېرىكىپ ئەينەكنى ئېلىپ يۈزۈمگە قارىدىم. نەتىجىدە بوينۇمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىششىپ قالغان يەر بارلىقىنى بايقىدىم، قولۇم بىلەن سىلاپ روشەن ھېس قىلدىم.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە مەن دائىم ئۇنى سىلاپ بېقىشقا ئامراق بولۇپ قالدىم. نەتىجىدە ئۇ چوڭىيىپلا قالماي، سول تەرەپتىكى بوينۇمغىمۇ بىرى ئۆسۈپ قالغان بولۇپ، مېنى بەك قورقۇتۇۋەتتى. كۆڭلۈمدە نېمىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم توردىن ئىككى خىل سىناق قەغىزى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ، ساراسىمىگە چۈشتۈم. كېيىن بۇنى ياتاقدىشىم بايقاپ يېتەكچىگە ۋە ئاپامغا مەلۇم قىلىپ، مېنى ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
دوختۇر بۇنى كۆرۈپ لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ كېتىپتۇ دەپ دىياگوز قويۇپ، سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن HIVنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلى دەپ گۇمانلاندى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال سېستىرانى چاقىرىپ مەندىن قان ئالغۇزدى، نەتىجىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغىنىم ئېنىقلاندى. ئۆزۈمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئەمدىلا بىلگەن چېغىمدا، ماڭا يۇقتۇرۇپ قويغان ئادەمگە نەپرەتلىنىشنىلا ئويلايتتىم ھەمدە ئۇنىڭ كىملېكىنى ئېنىق بىلەتتىم.
ئاتا-ئانامنىڭ نېمە ئۈچۈن توي قىلىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئاپامنىڭ دادامغا ياتلىق بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق ئېسىمنى بىلسەم ئۇلار ئىزچىل ئۆي ئايرىپ ئۇخلايدىكەن. كىچىك ۋاقتىمدا ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاپام مومامغا يىغلاپ تۇرۇپ، دادامنىڭ سىرتتا بىر ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن دادامغا ئوخشاش كىشىلەر توپىنىڭ يەنە كۆپلۈكىنى بىلدىم ھەمدە ئۇلارغا قاتتىق نەپرەتلەندىم. ئۇلارنىڭ نابۇت قىلغىنى ئۆزى ۋە بىر ئائىلىنىڭ كەلگۈسى بولۇپلا قالماي، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە يەنە مېنڭ كەلگۈسۈممۇ بار ئىدى.
مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئىنچىكە ئىدىم. دادام ئىككىمىزنىڭ ھۇجرىسى ئاپامنىڭ ھۇجرىسىدىنمۇ پاكىز ئىدى، دادام ئاساسەن ئۆيدە تۇرمايتتى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ بەزى زۆرۈر بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن باشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپامغا كۆڭۈل بۆلمەيتتى. ئەمەلىيەتتە مەن بىر ئاتىسىز ئائىلىدە چوڭ بولغان، كىچىكىمدىن تارتىپ يېتەرلىك ئاتا مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ باقمىغانىدىم. ھازىر مانا بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاپامنىڭ مېنى تۇغقىنىدىن، مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغىنىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. ئاپام ھېلىمۇ بەك جاپا تارتتى، ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى چەكلىك ھاياتىمدا ئامال بار ئاپامغا كۆپرەك ھەمراھ بولغۇم بار.
داۋامى بار….