ساغلاملىق

دۇنيادا تۇنجى راك ھۈجەيرىسىنىڭ «ئانىدىن بالىغا يۆتكەلگەنلىكى» بايقالدى

راك ھازىرقى «كېسەللەرنىڭ پادىشاھى» بولۇپ قالدى، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلاردا راكقا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ قورقۇتىدىغىنى راك ھۈجەيرىلىرىدە يۆتكىلىش يۈز بېرىدۇ.

ئادەتتە، بىز دەۋاتقان «يۆتكىلىش» ئوخشاش بىر بىمارنىڭ تېنىدە يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، ئاخىرقى دەۋرلىك ئاشقازان راكىدا لىمفا تۈگۈنىگە كۆچۈش، ئاخىرقى دەۋرلىك جىگەر راكىدا مېڭىگە كۆچۈش قاتارلىقلار. ئەمما بەزى ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ راك كېسىلىنى بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەمدۇ؟

بۇ خىل «ئانىدىن بالىغا يۆتكىلىش» ئاڭلىماققا ئەقىلگە سىغمايدۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن يۈز بەردى.

دۇنيادا تۇنجى راك ھۈجەيرىسىنىڭ «ئانىدىن بالىغا يۆتكەلگەنلىكى» بايقالدى

1. ئاز كۆرۈلىدۇ. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇشى بالىنىڭ ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىراردى.

2021- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ئىلىم ژۇرنىلى (NEJM)» دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى راك كېسىلى بىمارىنى ئېلان قىلدى، ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك راك كېسىلى مەركىزى ئۆسمە توقۇلمىسى ۋە ساغلاملىق تەشكىلاتىنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈشتە، 23 ئايلىق ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى بالا ئۆپكە راكى بىمارىنى بايقىدى.

باشقا سەۋەبلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار دادىللىق بىلەن مۇنداق قىياس قىلغان: تۇغۇت ۋاقتىدا، ئانىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى ھۈجەيرىسى تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈپ «ئانىدىن بالىغا يۇققان».

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇ ئىككى بالا ئەنئەنىۋى قان مەنبەسى ئارقىلىق كېسەل يۇقتۇرماستىن، بەلكى تۇغۇت يولى ئارقىلىق كېسەل بولغان. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا، ئەگەر ئانا تېنى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولسا، راك ھۈجەيرىلىرى بالىياتقۇ بوينىدىكى باش سۈيى، ئاجرالمىلار ۋە قان سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تۇغۇت جەريانىدا، بوۋاق راك ھۈجەيرىلىرى ئالدىدا بىۋاسىتە پەيدا بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆپكىگە سۈمۈرۈۋالىغا بولۇشى ئھتىماللىقا ئەڭ يېقىن.

ئىككى بوۋاقنىڭ ئانىسى تۇغۇتتا بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغان، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن بايقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئىككى بوۋاقنىڭ تېنىدىكى راك ھۈجەيرىسىدە Y خىروموسوما كەمچىل بولۇپ، ئانا تېنىدىكى ئۆسمە گېن ئىسپېكتىرى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بوۋاقنىڭ كېسەللىك مەنبەسى نەپەس يولىدا ئىكەن. ئەگەر بالا ھەمراھى ئارقىلىق تارقالسا، كېسەللىك مەنبەسى چوڭ مېڭە، سۆڭەك ۋە جىگەر قاتارلىق بەدەندىكى باشقا رايونلارغا تارقىلىشى مۇمكىن.

بۇ ئىسپاتلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، بۇ ئىككى بىمار تۇغۇت يولى ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا تارقىلىشى سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

دۇنيادا تۇنجى راك ھۈجەيرىسىنىڭ «ئانىدىن بالىغا يۆتكەلگەنلىكى» بايقالدى

تۇنجى بالىغا 23 ئايلىق بولغاندا دىياگنوز قويۇلغان، ئۇنىڭ ئانىسىغا بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كېيىن بالىياتقۇ بوينى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئىككىنچى بالا ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئانىسى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىياتقۇ بوينى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. نۆۋەتتە، ئىككى بىمار ساقايغان بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى قايتا قوزغالماپتۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بىر كۈتۈلمىگەن ئىشنى بايقىغان بولۇپ، بالىنىڭ تېنىدە ئوخشاش تۈر يات تەنچىسىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسى يۈز بېرىدىكەن، شۇڭا كېسەللىك قوزغىلىش باسقۇچىدا، ئۆسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدىكەن.

كىلىنىكىدا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىنىڭ كېسەللىكنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئېھتىماللىقى تەخمىنەن 500 مىڭدىن بىر نىسبەت بولىدۇ. ئەمما تەتقىقاتچىلار يەنە تۇغۇت يولى ئارقىلىق تارقىلىش خەتىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيادا تۇنجى راك ھۈجەيرىسىنىڭ «ئانىدىن بالىغا يۆتكەلگەنلىكى» بايقالدى

ئىككىنچى، بەش خىل راك كېسىلىدە ئاسانلا يۆتكىلىش يۈز بېرىدۇ.

گەرچە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ، لېكىن راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تېنىدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۆتكىلىش نىسبىتىدىمۇ پەرق بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى