ساغلاملىق

پاركىنسون كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

پاركىنسون كېسىلى يەنە پۇت-قول تىترەپ پالەچلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىق قارا ماددا (黑质، چوڭ مېڭە ئاستىغا جايلاشقان كۈل رەڭ كاللەكچە) بىلەن سىزىقسىمان تەنچە (纹状体، چوڭ مېڭىنىڭ ئاستىدىكى نېرۋا ئۈگىلىرىنىڭ بىرى) ئىككىسىدە يۈز بېرىدۇ. پۇت-قول تىترەش، مۇسكۇل قېتىشىۋېلىش ۋە ھەرىكىتى ئاستىلاش بولسا بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى. ياشانغانلاردا تۆتىنچى كۆپ ئۇچرايدىغان نېرۋا ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

پاركىنسون كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ئادەتتە 70-40 ياشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ، يۇقىرى پەللىسى 60-50 ياشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ، ياشلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. يەنە تېخى ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تاشقى زەخمە، روھىي چۈشكۈنلۈك، زىيادە ھارغىنلىق ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلالايدۇ. باشلىنىشى ناھايىتى يوشۇرۇن، تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى تولىمۇ ئاستا بولىدۇ. ھەرىكىتى، ئىنكاسى ئاستىلاش ۋە بەدەن ھالىتى ئۆزگىرىش قاتارلىقلار بۇ كېسەلنىڭ باشلىنىش ئالامەتلىرىدۇر، كېيىن ئاستا-ئاستا ئېغىرلاپ تىنچ تۇرغاندىكى مۇسكۇللارنىڭ تىترىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېز بولۇش، ھەرىكىتى ئاستىلاش ۋە مۇستەقىل نېرۋىلار توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇدۇللا ئېيتقاندا، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا داۋالاپ تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولمايدۇ.

پاركىنسون كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

ساقايماسلىقىنىڭ سەۋەبى

بىۋاستە سەۋەبى: ئوتتۇرا مېڭىدىكى قارا ماددا دوپامىنى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىزىقسىمان تەنچە دوپامىنىنىڭ مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇندىلا بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ.

كونكرىت سەۋەبى: بۇ ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. لېكىن قېرىش، ئىرسىيەت ۋە مۇھىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ كېسەلنى كۆپىنچە دورا بىلەن داۋالايدۇ، ئاز ساندا ئوپېراتسىيە قىلىدۇ. گەرچە يۇقارقى تەدبىرلەر بىلەن تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەللىكنى يەنىلا بەلگىلىك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

پاركىنسون كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

پاركىنسون بىمارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالى توغرىسىدا

بىمارنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى يۇقىرلىتىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق كەم بولسا بولمايدۇ. تەركىۋىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مول ئاقسىل ۋە تۆۋەن مايلىق يېمەكلىكلەر يەنى پۇرچاق سۈتى، توخو شورپىسى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش، يەنە كۈندىلىك يەيدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تاماقنى بەكرەك چايناپ يېيىش، تاماق يېيىش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.

2017-يىلىدىكى بىر نوپۇزلۇق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت مۇۋاپىق قەھۋە ئىچكەندە پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدىكەن.

پاركىنسون كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم

ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم

پاركىنسون كېسىلى جاننى ئالمايدۇ، لېكىن بۇ كېسەلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، بۇلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاندا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ. مەسىلەن: سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىلىرى يۇقۇملىنىش، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، شۈمۈرۈشتىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پاركىنسون كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.

پاركىنسون كېسىلى بىمارلىرى بەزى مۇسكۇللار قېتىشىۋېلىش ياكى مۇسكۇللار تىترەش سەۋەبلىك بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ياخشى كونتىرول قىلالمايدۇ ھەمدە ئاسانلا يىقىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلىنىدىغىنى يەنىلا ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش. ياخشى كەيپىيات ھەرقانداق كېسەلنىڭ ئەڭ ياخشى داۋاسى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى