ساغلاملىق

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

نۇرغۇن ياشلار يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دائىم يانفوننى قولىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

يانفون ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ئەمما يانفون ئويناش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك، سالامەتلىكىمىزگە يامان تەسىرى بولىدۇ.

نۇرغۇن ياشلار تۈنەپ يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، كېچىدە يانفون ئوينىغاندا جىگەر زەخىمگە ئۇچرايدۇ.

تۈنەپ يانفون ئويناشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك، ئۇنداقتا بىز كۆرۈپ باقايلى.

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

كېچىسى جىگەر زەھەرنى تازىلايدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل، ئەگەر كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمىساق، جىگەر نورمال ئارام ئالالمايدۇ، ئىككىنچى كۈنى جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئويناشقا ئامراق كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، جىگەر ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

1. ئېغىز پۇراش

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفون ئوينىساق، جىگەر ۋاقتىدا ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىكى ھەمدە زەھەرنى ياخشى تازىلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىگەر زەھەر تازىلاش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈندۈزى كۆپ مىقداردىكى زەھەرنى سۈمۈرىدۇ، ئەگەر كەچتە زەھەرنى ۋاقتىدا تازىلاشقا ئامال بولمىسا، جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يۈز قىسمىدا جىگەر دېغى پەيدا بولۇش

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

جۇڭگو تېبابىتىدە جىگەر قاننى ساقلاپ بېرىدۇ دېيىلىدۇ، ئەگەر جىگەرنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولمىسا، قاندىكى زەھەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ.

قاندىكى زەھەر ۋاقتىدا چىقىرىلمىسا جىگەردىكى زەھەر تۆۋەنگە ئۇيۇشۇپ قان ئۇيۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىزنىڭ يۈزىمىزدىكى ئىپادىسى بولسا جىگەر دېغى.

3. كۆز قۇرغاقلىشىش

ئەگەر جىگەر زەخىمگە ئۇچۇرىسا، كۆزىمىزگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەردە ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر ئادەتتە ياخشى ئارام ئالالمىسا، كېچىسى ئۇخلىماي يانفون ئوينىسا جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغاندا، كۆزىڭىزنىڭ قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلېكىنى بايقايسىز.

4. سۈيدۈك سارغىيىش

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا سۈيدۈك ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر سۈيدۈك سېرىق رەڭگە مايىل بولسا، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، جىگەر ئىقتىدارىمىزنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە زەخىملەنگەنلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

جىگەرنى ئاسرىغانلىق ساغلاملىقنى ئاسرىغانلىق، ئۈچ نەرسىگە ئازراق تېگىپ، ئۈچ يېشىلنى كۆپرەك يېيىش كېرەك

ئۈچ نەرسىنى ئاز يېيىش

1. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

 

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

ئەگەر كۆپ مىقداردا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە جىگەرنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، ھەتتا جىگەرنى ياغ قاپلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىك

 

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

كۆكىرىپ قالغان بەزى يېمەكلىكلەر ئاسانلا باكتېرىيەلەرنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئافلاتوكسىن پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزدە راكقا ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، جىگەرگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

شۇڭا ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا يېمەكلىكلەرنىڭ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، چوقۇم ئۇنى تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك.

3. ئىسپىرت

ھاراق ئىچىش جىگەرگە زىيانلىق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دوستلارنىڭ چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئىسپىرت بەدىنىمىزگە كىرگەندە جىگەر ئارقىلىق مېتابولىزم ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر جىگەر ئىسپىرتنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىگەردىكى ھۈجەيرىلەر غىدىقلىنىپ، جىگەر قېتىشىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىگەر راكى پەيدا بولىدۇ.

ئۈچ يېشىلنى كۆپ يېيىش

1. ئەركەك ئەمەن (茼蒿)

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

ئەركەك ئەمەن تەركىبىدە بىر خىل ئالاھىدە خۇش پۇراق بولۇپ، جىگەردىكى ماينى پارچىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، كەيپىياتى ناچار كىشىلەر ئەمەننى كۆپرەك يەپ بەرسە، جىگەرگە ماي يىغىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ.

2. مەرۋايىتگۈل (芦笋)

مەرۋايىتگۈل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئامىنو كىسلاتاسى جىگەرنىڭ ئىسپىرتنى يوقىتىشىغا ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ.

3. پالەك

 

كېچىدە يانفون ئويناشنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى

پالەك تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قاندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى