ساغلاملىق

ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ توققۇز كېسەللىك ئالامىتى

ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن كۆپ يۇقىرى.

ئەنگلىيە دۆلەت داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى (NHS)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %7.1

80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %16.7 بولغان.

ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ توققۇز كېسەللىك ئالامىتى

بىر ئادەمنىڭ راستتىنلا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئاسان ئەمەس، چۈنكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى»دە يېقىندا قېرىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قانچە كېسەللىك ئالامىتى ئېلان قىلىندى.

1. دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ۋە يول تونۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ.

مەسىلەن، بەزىلەر تاللا بازىرىدا تۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانداق بارغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛

بەزى ياشانغانلار ئۇزاق ئويلاپمۇ شۇ كۈندىكى چېسلا ۋە ھەپتىنىڭ قانچىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ.

2. يېزىقچىلىق ئىقتىدارى چېكىنىش

بۇ نۇرغۇن دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ئادرېسىنى يېزىش، تۇغۇلغان كۈن كارتىسىغا تەبرىك سۆزى يېزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىيىن ئىش.

ئۇلار يېزىقچىلىق قىلغاندا، دائىم مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغان مۇۋاپىق سۆز-ئىبارىلەرنى تاپالماي قالىدۇ، يېزىش جەريانىدا يەنە دىققىتىنى يىغالماسلىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ.

3. قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار بولۇش.

ياشانغانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش.

ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۇنتۇغاقلىق ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئادەم ئويلاپ باقمىغان جايلاردا دائىم ئۇلار ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىلەرنى بايقايدۇ، مەسىلەن، ئۇلار ئاچقۇچنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويىدۇ ياكى پۇل قاپچۇقىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قويىدۇ.

4. كەيپىياتى داۋالغۇش.

دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەردە، دائىم تۇيۇقسىز كەيپىيات داۋالغۇشى ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ.

ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ داۋالغۇشى سەۋەبسىزلا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

5. پىكىر ئالماشتۇرۇش قىيىن بولۇش.

نورمال ئادەملەر دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، دائىم «سىز تاغدىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇ باغدىن گەپ قىلىدىغان» ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ھەم قىيىن ھەم غەلىتە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.

6. تەكرار ئىپادىلەش.

بەزى بىمارلار ئوخشاش ئۇسۇلدا، ئوخشاش ھېكايىنى قايتا ـ قايتا سۆزلەيدۇ ياكى ئوخشاش مەسىلىنى قايتا-قايتا سورايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تەكرارلىنىش سۆھبەتلىشىش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىدىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، ئىش قىلغاندىمۇ يۈز بېرىدۇ، بۇ ئوخشاش بىر ئىشنى تەكرار قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

7. روھىي چۈشكۈنلىشىش.

ئەسلىدە قۇياشدەك پارلاپ تۇرغان ئادەم تۇيۇقسىز چۈشكۈنلىشىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىلگىرىكى قىزىقىشىغا ئەمدى قىزىقمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇ بەلكىم قېرىلىق ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بىمارنىڭ زېھنىمۇ بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، ھە دېسىلا چارچاپ ھالىدىن كېتىدۇ ياكى روھسىز بولۇپ قالىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ.

8. دىققىتىنى يىغالماسلىق.

دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش تەس بولۇش بولسا ياشانغان بىمارلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلە.

پىلاننى ئالدىن ياخشى تۈزۈش ھەم ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن بەك تەس. سان مەسىلىسىگە يولۇققاندا، ئۇلارمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

9. ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى تاماملاشتا قىينىلىش بار.

ئەسلىدە ئىنتايىن ئاددىي بولغان ئۆي ئىشلىرى (مەسىلەن، تاماق ئېتىش ۋە تازىلىق قىلىش) ياشانغان بىمارلارغا نىسبەتەن تاماملاش تەس بولغان ئېغىر ۋەزىپە.

بىمار ئاۋۋال نېمە قىلىشنى، ئاندىن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ ياكى قانداق قول سېلىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى