ساغلاملىق

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئادەم ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەندە ئۆزىگە خاس رولى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار كەملەپ كەتسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. كالپۇك يېرىلىش، جاۋغاي ياللۇغى-ۋىتامىن B2 كەمچىل

كالپۇك يېرىلىش ياكى ياللۇغلىنىپ جاراھەتلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئاساسلىقى بەدەندە ۋىتامىنB2نىڭ كەملەپ كەتكەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ. ۋىتامىنB2 ئاساسەن توقۇلما زەخمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىنB2 چاچ ۋە تېرىنىڭ ئۆسۈشىگە قاتنىشىشتەك مۇھىم رولنىمۇ ئوينايدۇ. بىراق بۇ ۋىتامىننى بەدەن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ياكى ساقلىيالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۈزلۈكسىز سىرتتىن قوبۇل قىلىپ تۇرۇش كېرەك.

ھەر كۈنى 250 مىللىلىتىر سۈت ئىچىش بەدەننىڭ بۇ خىل ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ (مەسىلەن: قىشلىق موگۇ، قېرىنقۇلاق، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ) تەركىۋىدىمۇ مول ۋىتامىنB2 بار.

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

2. تەم سەزگۈسى تۆۋەنلەش-سىنىك كەمچىل

ئورگانىزىمدا سىنىك كەمچىل بولغاندا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشتىھا تۆۋەنلەش، ئۆسۈشى ئاستىلاش (ياش-ئۆسمۈرلەردىكى)، چاچ چۈشۈش، تەم سەزگۈسى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېگەن تاماق تېتىمىسا ھەمدە بەدەندىكى يارا تەستە ساقايسا بۇ بەدەندە سىنىك كەملىكنىڭ بېشارىتى.

قوي-كالا گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆشلەردە مول سىنىك بار، ھەپتىدە بىر قېتىم 226 گىرام ئەتراپىدا كالا گۆشى يېگەندە يېتەرلىك سىنىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

3. ئاشقازان بىئارام بولۇش-ۋىتامىن A كەمچىل

ۋىتامىن A بىر جەھەتتىن كۆزنى ئاسرىسا يەنە بىر جەھەتتىن نەپەس يولى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيدە تەبئىي قوغداش قەۋىتى ھاسىل قىلىپ، مىكروب ياكى باشقا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى توسىدۇ.

سەۋزە ياكى ھايۋانلارنىڭ جىگىرىنى يېيىش ۋىتامىن A تولۇقلاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇل. ۋىتامىن A تولۇقلاش ئۈچۈن ھەپتىدە ئازراق ۋىتامىن تابلېتى ياكى 2~1 قېتىم ھايۋانلارنىڭ جىگىرىنى يېسە بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

4. ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە تېرىكىش-تۆمۈر كەمچىل

قان ئازلىق تۆمۈر كەملەشتىن بولغان بىردىنبىر مەسىلە ئەمەس، تۆمۈر كەملىگەندە ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئاسانلا ئىگىز-پەس ئۆزگىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار تۆمۈر تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، بولمىسا ئاسانلا كەيپىيات بۇزۇلۇش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

قىزىل گۆش، تۇخۇم، شاكاللىق مېۋە ۋە يېشىل كۆكتاتلاردا مول تۆمۈر بار، بۇلاردىن باشقا مۇۋاپىق ۋىتامىن C تولۇقلاپ تۆمۈرنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

5. ئوشۇق ئىششىش-كالىي كەمچىل

قان ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى، بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ئوسموتىك بېسىم تۇراقلىقى قاتارلىقلارنى تەڭشەشتە كالىي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدەندە ئۇزۇن مەزگىل كالىي كەملىسە يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش ۋە نېرۋا ئۆتكۈزگۈچلىرى بىنورماللىشىشتەك (مەسىلەن: ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا تەر بىلەن بىللە كالىي تۇزى كۆپلەپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاسانلا پەي تارتىشىۋالىدۇ) ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ھەم پۈتۈن بەدەندە ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ پۇتنىڭ ئوشۇقىدا ئەڭ روشەن كۆرۈنىدۇ.

تەنھەرىكەتتىن كېيىن بانان يېيىش كالىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ، پەي تارتىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇۋاپىق كۆكتاتتىنمۇ كالىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار كەم بولسا بەدىنىمىزدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

6. پۈتۈن بەدەن ئاغرىش-ۋىتامىن D كەمچىل

ۋىتامىن D سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋە چىشنىڭ ساغلاملىقى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە كېلىپ بەدەن ۋىتامىن Dنى بىرىكتۈرەلمەيدۇ، چوقۇم سىرتتىن قوبۇل قىلىش كېرەك.

ھەپتىدە مۇۋاپىق بېلىق يېيىش بىلەن بىرگە يېتەرلىك ئاپتاپسىنغاندا بەدەندىكى ۋىتامىنDنى تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ.

بەدەندە مەسىلە كۆرۈلسە ھەممىسىنىڭ كېسەل بولۇشى ناتايىن، بەلكىم ھەر خىل ۋىتامىن ياكى ئېلېمېنتلار كەملىگەن بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى