زەرەتلىنىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن قىش پەسلىدە كىشىدە زەرەتلىنىش ئەھۋالى (ئېلېكتىر ئىستاتىك) يۈز بېرىدۇ؟
قۇرغاق ھاۋا ۋە توك ئۆتكۈزمەيدىغان تالالىق كىيىملەر بەدەندە زەرەتلىنىشنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى شەرت ھېسابلىنىدۇ، قىش پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، كىشىلەر قېلىن، تالالىق ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كىيگەچكە ئاسانلا زەرەتلىنىش پەيدا بولىدۇ.
زىيادە كۆپ زەرەتلىنىش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقتۇر.
1. نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
زىيادە كۆپ زەرەت ئادەم بەدىنىگە توپلىشىۋالسا، نېرۋا ھۈجەيرە پەردىلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېقىمىنى يەتكۈزۈشى نورمالسىزلىشىپ، بولۇپمۇ نېرۋىسى ئاجىزلاردا باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
2. يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىدۇ
زەرەتلىنىش شەكىللەندۈرىدىغان ماگنىت مەيدانى يىنىك بولغاندا مەيدە سىقىلىش، نەپەس جىددىيلىشىشنى، ئېغىر بولغاندا، يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىش ۋە تومۇرنىڭ بالدۇر سوقۇشى، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
3. تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ
زەرەتلىنىش ئادەم بەدىنىدە كۆپ مىقداردىكى مۇسبەت ئىيون شەكىللەندۈرۈپ، تېرىنىڭ سۇ مىقدارىنى كېمەيتىپ، كېپەكنى كۆپەيتىۋىتىدۇ. زەرەت سۈمۈرگەن توپا-چاڭلاردا ھەرخىل ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار كۆپ بولغاچقا، تېرە قىچىشىش ۋە تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھامىلدارلار زىيادە كۆپ زەرەتكە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بەدەندىكى ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ماغدۇرسىزلىق، ئىچى تىتىلداش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ھامىلىگە زىيان سالىدۇ.
ئادەتتە تېرىسى قۇرغاق ۋە بەدىنىدە ئوكسېگىن كەمچىل كىشىلەردە زەرەتلىنىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەدەن زىيادە چارچىغاندا، ئوكسېگىن كەملىنىپ، مۇسبەت زەرەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، قىشتا بەدەندە يىغىلغان زەرەتلەر ئاسانلىقچە تارقالمايدۇ-دە، بارا-بارا توك بېسىمى ھاسىل بولۇپ، زەرەتلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
زەرەتلىنىشتىن ساقلىنىشتىكى ئەپچىل چارىلەر
* چاچنىڭ قۇرغاقلىشىشىدىن ساقلىنىش
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، چاچ ئاسراش مېيىنى چاچنىڭ ئوتتۇرى ۋە ئۇچىغا سۈرۈپ، 10دىن 15 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ چايقىۋەتسە ياكى سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چاچنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ياكى ئۇچىغا سۇ سېپىۋەتكەندە چاچ قۇرغاقلىشىپ زەرەتلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
* تېرىنىڭ نەملېكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش
نەملىك ساقلاش، تېرە سىلىقلاش مىيىنى يۈز ۋە قول-پۇتلارغا سۈرۈپ بەرسىمۇ زەرەتلىنىشتىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
* ۋىتامىن تولۇقلاش
سۇنى كۆپ ئىچىپ، كالتسىي ماددىسى ۋە ۋىتامىنC مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
* پاختىلىق كىيىملەرنى كىيىش
كىيىمنىڭ ماتېرىيالى زەرەتلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تولىمۇ مۇھىمدۇر. قىش كۈنلىرى تالالىق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش، ساپ پاختا كىيىم ۋە پايپاقلارنى كىيىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. كىر يۇيغاندا، كىيىملەرنى سىلىقلاش پاراشوكىغا چىلاپ يايغاندا، زەرەتنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
كىيىمىڭىزنى يېشىشتىن، ئىشىك تۇتقۇچىنى ياكى تۇرۇبا بېشىنى تۇتۇشتىن بۇرۇن قولىڭىزنى تامغا سۈرۈۋەتسىڭىز، بەدىنىڭىزدە زەرەتلىنىش يۈز بەرمەيدۇ.