قۇلىقىڭىزنى ئۇۋۇلاشقا سەل قارىماڭ
قۇلاققا رېفلېس رايونى زىچ توپلاشقان بولۇپ، دائىم ئۇۋۇلىغاندا، قان-تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۆرەكنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەن قۇۋەتلەش ۋە پۈتكۈل ئەزالارنى ئىللىتىش رولىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بىكار چاغلىرىڭىزدا قولىڭىز بىلەن قۇلىقىڭىزنى 100 قېتىم ئەتراپىدا يىنىك ئۇرۇپ ياكى ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، قۇلاقتىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتەلەيسىز.
بەدەن ماغدۇرسىزلاشقاندا قۇلاقنى يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسە، مېڭە سەگەكلىشىپ، راھەتلىنىدۇ.
كەيپىيات تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلدىغاندا قۇلاقنى ئۇۋۇلاش ئۆزىنى تىنىچلاندۇرۇشقا، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشقا پايدىلىق.
چىراي تاتىرىپ، خۇنۇكلەشكەندەك تۇيۇلسا، قۇلاقنى، بولۇپمۇ قۇلاق يۇمشىقىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلاپ، يۈزنى پارقىرىتىدۇ.
زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قۇلاقنى بولۇپمۇ قۇلاق گىجىكىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، زۇكامنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.
قۇلاق ئادەم بەدىنىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى بولۇپ، ھەربىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قۇلاق ئۇۋۇلاشنىڭ قېتىم سانى، ۋاقتى ۋە بەدەن بىئاراملىق ھېس قىلمىغۇدەك دەرىجىدە قوشۇش ياكى كېمەيتىشى كېرەك.