ساغلاملىق

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

«تەبىئەت ئالاقىسى» ناملىق ژۇرنالدا يېڭى بىر تەتقىقات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك ئورنىتىپ بەلگىلەنگەن نېرۋا ئۇچىنى غىدىقلاش ئارقىلىق تويۇش سېزىمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، كەلگۈسىدە بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنى ئورۇقلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

ئامېرىكا تېكساس شىتاتى A&M ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىر ۋە كومپيوتېر فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى پارك (Sung II Park) تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: سېمىزلىك دۇنيادىكى ئەڭ كەڭرى تارالغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. سېمىزلەر دىيابېت، يۈرەك كېسىلى ھەتتاكى راك قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئوڭايلا گىرىپتار بولىدۇ. ھەر يىلى ئامېرىكىدا سېمىزلىك تۈپەيلىدىن بولغان ئىقتىسادىي زىيان 147 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

بەدەندىكى ئاداشقان نېرۋىلار ئاشقازاندىن چوڭ مېڭىگە تويۇش سېزىمىنى يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇقتىلىق نېرۋىلارنى غىدىقلاش ئۇسۇلى بىلەن سېمىزلىكنى داۋالاش تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بەزى داۋالاش ئۈسكۈنىلەر ئاداشقان نېرۋىلارنىڭ ئۇچىنى غىدىقلاپ، ئېچىرقاش سېزىمنى چەكلىيەلەيدۇ. لېكىن بۇنداق ئۈسكۈنىلەر يۈرەك قوزغاتقۇچقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، مۇرەككەپ سىم يوللىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق نېرۋىلارنىڭ ئۇچىنى توك بىلەن غىدىقلايدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ناھايىتى قولايسىز.

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

پارك مۇنداق دېگەن: سىمسىز تىزگىنلەش ۋە زامانىۋى ئوپتىكا تېخنىكىسى ئىشلىتىپ، نۇر ئارقىلىق نېرۋىلارنىڭ ئۇچىنى غىدىقلاپ ئادەمدە تويۇش سېزىمى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكىلار بىلەن نېرۋىنى غىدىقلىغۇچى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك كېلەڭسىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ كىچىك ۋە قولايلىق قىلىپ ياسىغىلى بولۇش مۇمكىن. بىز ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئوپراتسىيە زەخمىسى بىلەن بەدەنگە مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئاشقازاننىڭ بەلگىلەنگەن نېرۋىلىرىنى غىدىقلاپ، ئەسلىدە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئورۇقلاشقا تېگىشلىك بىمارلارغا ئەڭ يېڭى داۋالاش تەدبىرلىرىنى تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئورۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

پارك يەنە مۇنداق دېگەن: گەرچە سىمسىز تىزگىنلەش تېخنىكىسى بولسىمۇ، ھازىرغىچە بەدەندىكى مېڭىدىن باشقا ئەزالارنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىك ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك تىزگىنلەش ئېلىپ بارالايدىغان ئۈسكۈنە كەشىپ قىلىنمىدى. شۇڭا بىز ئىرسىيەت ماددىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغا سەزگۈر گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئېنىق بېكىتكەن ئاداشقان نېرۋىلارنىڭ ئۇچىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئارقىدىن يەنە مىكرو لامپا ۋە سىمسىز تىزگىنلەش ئۆزىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىكرو توك يولى تاختىسىنى ئاشقازاننىڭ ئالاھىدە ئورنىغا كۆچۈرىمىز. ئۆزەك سىرتتىن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مىكرو لامپىغا توك ئۆتىدۇ، بۇ چاغدا لامپىدىن چىققان نۇر نېرۋىلارنىڭ ئۇچىنى غىدىقلاپ ئادەمدە تويۇش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ.

ئالاھىدە تېخنىكا: ئاشقازانغا مىكرو ئۆزەك كۆچۈرۈپ ئورۇقلاش

پارك يەنە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگە: ھازىر ئېلېكترون، ماتېرىيال ئىلمى ۋە نېرۋا ئىلمىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار سىمسىز فوتوگېنېتىكا (无线光遗传学)، ئىشتىھا تىزگىنلەشنى پەرقلەندۈرۈش ۋە باشقا تاشقى نېرۋا يولى قاتارلىق ساھەلەرگە ناھايىتى قىزىقماقتا، يەنە كېلىپ بۇ تەتقىقاتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا. ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكىلار بىز ئويلاپ باقىمىغان ئۇسۇللار بىلەن نېرۋا سېستىمىسىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. كەلگۈسىدە گېننى ناھايىتى ئاز ئۆزگەرتىدىغان ياكى پۈتۈنلەي گېنغا تايانماي تۇرۇپ ئاشقازان-ئۈچەي ياكى باشقا ئەزادىكى نېرۋىلارنى غىدىقلاپ تىزگىنلىيالايدىغان تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بارلىققا كەلگۈسى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى