ساغلاملىق

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

شياۋشۈنىڭ بويى بىر قەدەر ۋىجىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئۇششاق كېسەللەر ئۈزۈلمەيدۇ. يولدىشى شياۋليۇ بولسا ناھايىتى قاۋۇل بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىمۇ نورمال بولىدۇ. بىراق توي قىلغىلى تۆت يىل بولغان بولسىمۇ ئىزچىل بالىلىق بولالمىغاچقا، ئۇ مەسىلىنى ئۆزىدىن چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ. باشقىلارمۇ تەبىئىي ھالدا ئەر تەرەپنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئايال تەرەپ ھامىلدار بولالمايدۇ دەپ قارايدۇ.

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

ئەمما شياۋشۈ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دوختۇر ئەر تەرەپنىڭمۇ بىر قېتىم كېلىپ تەكشۈرتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تەكشۈرتۈشتىن كېيىن دوختۇر ئۇلارغا شياۋليۇنىڭ ئۇرۇقنىڭ سۇيۇقلۇق مىقدارىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما زىچلىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ تۇغماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىنلېكىنى ئېيتقان. بۇ نەتىجىنى ئاڭلاپ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەيران قالغان. دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇرۇق مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل (ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى) كېسەللىك ئىكەن.

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

1. ئىسپېرما چىقارغان مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، ئەرلىك ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ. ساغلام ئىسپېرمىنىڭ ئۆلچىمىگە باھا بەرگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا قاراش كېرەك:

1) رەڭگىگە قاراش

نورمال ئەھۋالدا ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى سۈت رەڭدە بولىدۇ، بەزىدە سۇس سېرىق رەڭ، ساپ ئاق رەڭ ياكى كۈل رەڭ ئاق رەڭ پەيدا بولىدۇ. رەڭنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى تەركىبى نىسبىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولىدۇ، ئىسپېرما سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس.

2) ئىسپىرما مىقدارىغا قاراش

ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئىسپىرما چىقىرىش مىقدارى 2-5 مىللىلىتىر، تەخمىنەن بىر دانە مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىغا كەلگۈدەك بولىدۇ. ئەگەر بىر مىللىلىتىردىن ئاز بولسا، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى زىيادە ئاز بولۇش كېسىلى بولۇپ، ئۇرۇق خالتىسى بېزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى ئۇرۇق كىرگۈزۈش يولى توسۇلۇپ قېلىشتا كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ سەككىز مىللىلىتىردىن كۆپ بولسا، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى زىيادە كۆپ بولۇش كېسىلى بولۇپ، مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك ياللۇغلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاندا، ئىسپېرمىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسپېرمىنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ، ئايالنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئۇقۇمى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ بولۇشى ياللۇغنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلىپ، ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇرۇق مىقدارى زىيادە كۆپ ياكى ئاز بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ، يېتەرلىك بولسا ئەڭ ياخشى.

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

3) پۇرىقىنى پۇراش

نورمال ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەممىسىدە پۇراق بولىدۇ، پۇرىغاندا فوتىنىيە گۈلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەگەر پۇراق بولمىسا ياكى سېسىق پۇراق بەك ئېغىر بولسا، ئەكسىچە مەسىلە بار بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

4) چاستوتىسىغا قاراش

چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇرۇق سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. ئۇرۇق ھەرگىزمۇ ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بەدەن سىرتىغا بىۋاسىتە چىقىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ، بىر ئۇرۇقنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە تەخمىنەن 75 كۈن كېتىدۇ. تۇخۇمدىن چىقىپ كېتىدىغان ئۇرۇق، يەنە قوشۇمچە ئەزالار رايونىدا تەخمىنەن ئىككى ھەپتە تۇرغاندا پىشىپ يېتىلىدۇ. چاستوتا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇرۇق مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. چاستوتا بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، ئۇرۇق قېرىپ، ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇرۇققا ئازراق مۇۋاپىق يېتىلىش ۋاقتى بەرگەندە، ئاندىن تېخىمۇ ساغلام بولغان بوۋاق تۇغۇلىدۇ.

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

2. ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1) ناچار تۇرمۇش تارىخى بولۇش

ئۇزاق مۇددەت تۈنەش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئوچۇق رادىياتسىيە بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش تارىخى بار ئەرلەر ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

2) ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىش مەغلۇپ بولۇش

ئەگەر ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىپ بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەرلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئىسپېرمىسىنى تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

3) ئايالىنىڭ قايتا-قايتا بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، ھامىلىنىڭ توختاپ قېلىشى

ئايالى ھامىلىدار بولالايدىغان، ئەمما قايتا-قايتا بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلىنىڭ توختاپ قېلىشى ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى نورمال ھالەتتىكى ئۇرۇقنىڭ زىيادە ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن بولۇپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

ئىسپېرما ئېشىپ كېتىش كېسىلى قانداق ئىش؟

3. ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىشتا مەغلۇپ بولغان نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، تۇغماسلىقنىڭ ئېرىنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇقلاندۇرمىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا بۇ قانداق ئىش؟

نورمال ئەھۋالدا ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى سىرتقا چىقىرىلىپ بەش مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا سۇيۇقلىنىپ سۇدەك ھالەتكە كېلىدۇ. ئەگەر 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە سۇيۇقلاندۇرۇلمىسا، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى سۇيۇقلاندۇرۇلماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. سۇيۇقلاندۇرۇلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: تۇغما مەزى بېزى يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق تۇغما يېتىلىشى نورمالسىز بولۇش؛ ئۇزاق مۇددەت سىنك كەمچىل بولۇش؛ تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش؛ مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق كۆپىيىش سىستېمىسى ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسپېرمىنى سۇيۇقلاندۇرماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنى تاللاش، يول بويىدىكى ئېلانلارغا ياكى كىچىك شىپاخانىلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك، ئالدامچىلىققا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى