يېمەك-ئىچمەك

بۇ ئىككى خىل نەرسە تەركىبىدە «تەبىئىي ئەرلىك ھورمۇن» بار

ھازىرقى زامان ئەرلىرىنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلە بېسىمى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ھەر كۈنىدىكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت بېسىمى نۇرغۇن ئەرلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى. يېقىندىن بۇيان نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇغاق ھەم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ روھىي ۋە جىسمانىي كۈچىڭىز بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟ ئۆزىڭىزنى بالدۇر قېرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەرلىك ھورمۇننىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەر بولۇشى مۇمكىن. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، تۇرمۇش ئادىتى ناچار بولۇش، چېنىقىش كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەرلىك ھورمۇننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئادەتتە، بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشتىن قول سېلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر دائىم تەركىبىدە ئەرلىك ھورمۇن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەرلىك ھورمۇن كەمچىل بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ». ئۇنداقتا، قايسى يېمەكلىكلەردە ئەرلىك ھورمۇن بار؟

بۇ ئىككى خىل نەرسە تەركىبىدە «تەبىئىي ئەرلىك ھورمۇن» بار

1. قارا پۇرچاق (黑豆): قارا پۇرچاق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، قارا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %36~%40 كە يېتىدۇ. ئۇ گۆشنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، تۇخۇمنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، سۈتنىڭ 12 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. قارا پۇرچاق تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، قارا پۇرچاق تەركىبىدە يەنە 19 خىل ماي كىسلاتاسى بار. ئۇ سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مەنپىيلىكنى ياخشىلاش رولىمۇ بار.

بۇ ئىككى خىل نەرسە تەركىبىدە «تەبىئىي ئەرلىك ھورمۇن» بار

2. نېلۇپەر ئۇرۇقى (莲子): نېلۇپەر ئۇرۇقى تالنى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى، نېلۇپەر ئۇرۇقىدا نېلۇپەر ئۇرۇقى ئىشقارى ۋە نېلۇپەر ئۇرۇقى شېكىرى قاتارلىق تەركىبلەر بار، يەنە كالتسىي، تۆمۈر ۋە فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلارمۇ بار بولۇپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ساغلام يېمەكلىكلەردىن سانىلىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە كۆپرەك يەپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى