تەرمىلەر

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

ئادەم بىئارام بولسا، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

شىئەندىكى بىر ئەر دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، دۇدۇقلاپ گەپ قىلالماي قالدى.

ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى…

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭدا سۈيدۈكىدىن قان كېلىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، قورساقنىڭ تۆۋەن تەرىپى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى بار ئىدى. شەنشى ئۆلكىلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈ لىمىڭ ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئەر بىمارنىڭ دۇدۇقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدا بىر شەخسىي سىر بارلىقىنى پەملىدى.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

 

ئارقىدىن، بۇ ئەر بىمار ئۆزىنىڭ بىر نەچچە تال ماگنىت شارچىنى سۈيدۈك يولىغا تىقىپ قويغىنىغا ئون نەچچە كۈن بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ماگنىت شارچىلار ئۇنىڭ دوۋسىقىدا كاللەك بولۇپ قالغان ئىدى.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

چۈ مۇدىر مۇنداق دېدى: «بۇ ئەر بىمار ماگنىت شارچىسىنى سۈيدۈك يولىغا بىردىن-بىردىن كىرگۈزگەن، ماگنىت شارچىلىرى ئۆزئارا تارتىشىدىغانلىقتىن، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، سۈيدۈك يولىدىن ئۆتۈپ دوۋساققا كىرىپ كەتكەن، نەتىجىدە بۇ ئەر ئۇلارنى ئۆزى چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان».

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

بۇ ئەر نەچچە دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىپ، ئوپېراتسىيە قىلىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۆزى بارغانسېرى بىئارام بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز ھالدا يەنە دوختۇرخانىغا كەلدى.

چۈ مۇدىر سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىن مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە قىلىپ، بۇ ماگنىت شارچىلىرىنى ئالماقچى بولدى. ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ماگنىت شارچىلىرىنىڭ ھەممىسى چىقىرىۋېتىلدى، بۇ شارچىلار جەمئىي 29 تال ئىدى.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

بۇ ماگنىت شارچىلارنىڭ يۈزى كالتسىيلاشقان بولۇپ، بەدەن ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىغا زىيان يەتكۈزگەنىدى. داۋالاش ئارقىلىق، بۇ ئەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

چۈ مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرخانىغا كېلىپ، دوۋساقتىكى يات نەرسىلەرنى ئالغۇزغان بىمارلار ئاز ئەمەس ئىكەن، بىر بىمار توك سىمىنى دوۋساققا كىرگۈزگەن بولۇپ، تەخمىنەن بىر مېتىردىن ئۇزۇنراق كېلىدىكەن، بۇ سىم دوۋساقتا تۈگۈن پەيدا قىلغانلىقتىن، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىنغان ئىكەن.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

چۈ مۇدىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك يولى ئۇزۇنراق بولۇپ، يات ماددىلار كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئاسانلا كەپلىشىپ قېلىپ، ئۆزلۈكىدىن سىرتقا چىقىرالمايدىكەن. يات ماددىلار سۈيدۈك يولى ياكى دوۋساقتا تۇرۇپ قالسا، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش، سۈيدۈك يولى توسۇلۇش، دوۋساق تېشىلىش قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

سۈيدۈك يولىغا 29 دانە ماگنىت شارچىنى تىقىۋالغان ئەر

ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەرگىز باشقا نەرسە بىلەن ياكى قول بىلەن سىقماسلىق، تېزدىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى