تەرمىلەر

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك بۆرىكى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى بىرقىسىم ناچار ئادەتلەر تۈپەيلىدىن، كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ بۆرىكى ئاجىزلاشماقتا. ئەمەلىيەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەتلەر ئارقىلىق بۆرەكنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، سىزدە تۆۋەندە ئېيتىلغان ئالامەتلەر بار بولسا، بۆرىكىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

بىرىنچى، چاچلىرى قاپقارا ھەم پارقىراق بولۇش

جۇڭيى تېبابىتىدە «چاچنىڭ قانداق ئۆسۈشى بۆرەككە باغلىق، ئۆسكەندىن كېيىن ئۇنى قانداق قۇۋۋەتلەش قانغا باغلىق» دەپ قارىلىدۇ. بەدەندە قان ئاز بولسا چاچنىڭ رەڭگى سۇس بولىدۇ، چاچنىڭ قاپقارا، پارقىراق، بولۇق بولۇشى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەكسىچە چاچنىڭ رەڭگى سۇس ھەم ئاق چاچ كۆپ بولسا، چاچ قۇرغاق بولۇپ ئاسان ئۈزۈلسە، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىقى، قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سىزنىڭ چېچىڭىز قارا ھەم پارقىراق بولسا بۆرىكىڭىزنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

ئىككىنچى، تۈكى قويۇق بولۇش

كونىلاردا «كۈچلۈك ئەر تۈكلۈك كېلىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بۇ گەپ ئاساسسىز ئەمەس، بەدەندىكى تۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى خۇددى چاچقا ئوخشاشلا بۆرەكنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۆرەك ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ئەزا ئەمەس، ئۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا يەنە بەدەندىكى تۈك ۋە چاچلارنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۆرەك ساغلام بولسا چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى تۈكلەرنىڭ قويۇق ھەم جانلىق بولۇشى بۆرەك ياخشىلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالامىتى.

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

ئۈچىنچى، بۇغدىيىكى كۆرۈنەرلىك، بۇرۇت-ساقاللىرى قويۇق بولۇش

بۇغدىيەك ۋە بۇرۇت-ساقاللارنىڭ ئۆسۈشى ئەرلىك ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيىسىدە بۇ بۆرەكنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار دەپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇغدىيىكى كۆرۈنەرلىك، بۇرۇت-ساقاللىرى قويۇق، قاپقارا ھەم پارقىراق بولۇش ئەرلەردىكى بۆرەك كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىپادىسى.

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

تۆتىنچى، ئاڭلاش قۇۋۋىتى ياخشى بولۇش

جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيىسىدە كۆز، تىل، ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاق قاتارلىق بەش ئەزا جىگەر، يۈرەك، تال، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق بەش ئەزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ ياخشى يامانلىقى، بۆرەكنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭلاشقا ئەگەر سىزنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز ياخشى بولسا بۆرىكىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بەشىنچى، چىشى مۇستەھكەم بولۇش

چىش ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۆرەك يىلىك ئىشلەپچىقىرىدۇ، يىلىك بولسا سۆڭەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەك كۈچلۈك بولسا يىلىك مەنبەسى ئۈزۈلمەيدۇ، سۆڭەك يېتەرلىك يىلىككە ئىگە بولۇپ، مۇستەھكەم، قاتتىق ھەم چىدامچان بولىدۇ، چىشمۇ ئاسان چۈشمەيدۇ. چىشنىڭ ئۆسۈشى ئوخشاشلا بۆرەكنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۆرەك ياخشى بولسا چىش مۇستەھكەم بولىدۇ.

ئەرلەرنىڭ بۆرىكىنىڭ كۈچلۈكلېكىنى ئىپادىلەيدىغان ئالتە خىل ئالامەت

ئالتىنچى، بەل ياخشى بولۇش.

جۇڭيى تېبابىتىدە بەل بۆرەكنىڭ تۇرار ماكانى دەپ قارىلىدۇ، بۆرەك ئاجىزلىقى ئالدى بىلەن بەلدە ئىپادىلىنىدۇ. بەل بىلەن بۆرەكنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا بولىدۇ، ئۇزۇن ئولتۇرۇش بەلنى زەخىملەندۈرۈپ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ئەرنىڭ بېلى ياخشى بولسا بۆرىكى ياخشى بولىدۇ، ئەكسىچە بۆرەك ياخشى بولمىسا بەل داۋاملىق ئاغرىيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى