مەزى بېزى ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
1. جۇڭگو تېبابىتى مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا «يەتتە ئۈلۈش داۋالاش، ئۈچ ئۈلۈش كۈتۈنۈش»كە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مەزى بېزى ياللۇغى جۇڭگو تېبابىتىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆل ئىسسىق، ئۇيۇپ توسۇلۇش دەپ ئاتىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مىجەز ئاجىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ، ھۆللۈك ۋە دۇغلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، قان يېتەرلىك بولىدۇ، بۇ چاغدا بەدىنىڭىزدە ياخشى بىر مۇھىت شەكىللىنىدۇ، بەدەندىكى ھەربىر ئەزا، ھەربىر ھۈجەيرە ساغلام بولىدۇ، بۇ چاغدا مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالىمىسىمۇ ئۆزى ساقىيىپ كېتىدۇ.
2. «كۈتۈنۈش»
1) ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش: ساغلام بولۇشنى ئويلىسىڭىز ئالدى بىلەن تۇرمۇشىڭىزنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز، ھەر كۈنى بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇشىڭىز (ھەر كۈنى كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن ئۇخلاپ، ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز)، كېچىچە تۈنىمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
2) كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بەدەن چېنىقتۇرغاندىلا ئاندىن قاۋۇل بولغىلى بولىدۇ، ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيەت مىقدارىنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سىز ساغلام بولۇش ئۈچۈن چوقۇم چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىڭىزنى ھەر كۈنى جىسمانىي ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ ئولتۇرۇش، ئىشتىن چۈشۈپ ئولتۇرۇش، تاماق يەپ ئولتۇرۇش، ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇشقا ئەمەس. ھەر كۈنى چېنىقىشنى كۈچەيتكەندە، قان-قۇۋۋەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ؛
3) يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق، ساغلام بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، لېكىن چوڭ تەپ چوڭ ئىچىش سىزنى ساغلام قىلالمايدۇ، ھازىرقى زامان ئادەملىرىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل ئەمەس، بەلكى ئوزۇقلۇق ئېشىپ كەتتى، كۆكتات، دانلىق زىرائەت، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، چوڭ بېلىق، مايلىق گۆش سالامەتلىككە ئارتۇقچە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
4) كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش: كېسەللىك ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، ساغلام بەدەنگە ھەممە ئادەم ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا پۇشايمان قىلسا، ئىچى پۇشۇپ، قالايمىقان خىيال قىلسا ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەت بەدەنگە يۈك بولىدۇ، ساغلام بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى تۈزگەندىن باشقا، قالغان ۋاقىتتا كېسەلنى ئۈزۈل-كېسىل ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزنى روھىي جەھەتتىن ساغلام تۇتۇڭ، كېسەلنى ئۇنتۇپ قېلىش بولسا بىر خىل كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.