ساغلاملىق

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

بۆرەك زەئىپلىشىش جۇڭگو تېبابىتىدىكى كېسەللىك نامى، نۇرغۇن ئەرلەر بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ بەدەنگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن كونكرېت ھالدا ئۆزىنىڭ قايسى ئەزالىرىغا ياكى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، تۆۋەندە مەن كۆپچىلىكككە بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە قانداق تەسىرى بارلىقىنى سۆزلەپ بىرەي.

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

1. پات پات سىيىش

بۆرىكى ئاجىز ئەرلەردە ئادەتتە كۆپ سىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىملىق سۈيدۈك چىقىرىش مىقدارىمۇ بىر قەدەر ئاز، رەڭگى سېرىققا مايىل بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا بەدەننىڭ مېتابولىزم سۈرىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ۋاقتىدا سۇ ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش كېرەك.

2. ئىسپىرما بالدۇر كېتىش

ئىسپىرما بالدۇر كېتىش ئەرلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئەگەر بۆرىكى ئاجىز ئەرلەر بالىلىق بولۇش باسقۇچىدا تۇرسا، ئىسپېرمىنىڭ چىقىرىلىش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت مۇناسىپ تەدبىر قوللانمىسا، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ.

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش

ئۇزۇن مۇددەت بۆرەك زەئىپلىشىش ھالىتىدە تۇرغان بىمارلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپلا قالماي، دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا خىزمەت ۋە ئوقۇشقا تەسىر يېتىدۇ.

4. مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىغىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسىتىپ بەدەنگە نۇرغۇن زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى قانچىلىك؟

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كىلىنىكىدا %60~%70 پىرسەنتكە يېقىن بىمارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ھالەتتە بولۇپ ئاستا ـ ئاستا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە تۇرمۇش رېتىمى ۋە خىزمەت ۋاقتىغا دىققەت قىلىش، بەك چارچاپ كەتمەسلىك، تۈنىمەسلىك لازىم، ئەڭ ياخشىسى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ھەمدە جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق تەڭشەپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەدرىجىي پەسەيتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى