قىستۇرما

ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى

ســــــــــــالام بىــــــــــــلوگېر:

بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى بولۇپ پۈتكۈل بېكىتىڭىزنى ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتەلەيسىز راستىننى ئېيقاندا مەن بۇ قىستۇرمىنىڭ تۇنجى ئاپتورى ئەمەس ، توردىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا خاتالاشمىغانلا بولسام مەن ئۈچۈنچىسىكەنمەن . بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى « تەدبىركار ئەپەندىم » بولۇپ تۇنجى بولۇپ شۇ كىشى ياسىغانىكەن . كېيىن بۇنى دوغاپ بىلوگىدىن « دوغاپ ئەپەندىم » ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ يەنى ئەسلىدىكى بىرخىل خەت نۇسخىنى قوللاشتىن ئىككى خىل خەت نۇسخىنى قوللاشقا يېڭىلىغان ئىكەن . كېيىنچە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتى توختاپ قاپتۇ . بۇنىڭغا قاراڭ بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى:

(ۋوردپرەس ئۇيغۇچە تونۇتۇش ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇش قىستۇرمىسى)

https://bilimlar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=10641&fromuid=55357 (مەنبەسى: بىلىملەر مۇنبىرى)

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋوردپرەسنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن قىستۇرمىنىڭ ئاسراپ يېڭىلاش خىزمىتىنىڭ توختىشى ئارىسىدا قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا بولۇپ ، قىستۇرمىنىڭ تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورمال ئىشلىمەيدىغان كەينى سەھنىدە بىر قىسىم فونت-ئايكونلارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى ياكى بۇزىۋېتىشى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر بولغانىكەن . قانداق قىلىش كېرەك چوقۇم بىرى ئاسراش يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىش كېرەكتە ، يەنە كېلىپ ۋوردپرەسكە بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش شۇنداقلا ۋوردپرەس ئۆزىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە GPL گە ئەمەل قىلغان ئاساستا بۇ قىستۇرمىغا قارىتا ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ باردىم . ھەمدە بۇ ئەمگەك مېۋەمنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ، مەن بىر كەسپى پروگراممېر ئەمەس شۇڭا بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي, بايقالغان خاتالىقلار كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىدە كېيىنكى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتىدە تۈزىلىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن.

قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:

ئۇيغۇر-فونت ئۇيغۇرچە ۋورپرەسنىڭ ئالدى كەينى سەھنىدە تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىنى ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋورپرەس قىستۇرمىسى ، بولۇپ ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كېيىن ھەر قانداق ئۇسلۇبقا ئايرىم خەت نۇسخىسى تەڭشەش ئورنىتىش كەتمەيدۇ ھەممە ئۇسلۇبقا ماسلىشالايدۇ ، يازما يوللاش تەھرىرلەش ۋە ئارخىپ رايونىدا كۆپ خىل خەت نۇسخىنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئالدى كەينى سەھنىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ۋە يېزىق كىرگۈزۈشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز !

ئۇيغۇر-فونت تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە « چېچەن كىرگۈزگۈچ » ئىشلىتىلگەن بولۇپ نۆۋەتتە بۇ ئەڭ ئىلغار بولغان تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قولايلىق . ھەرقانداق ئورۇنغا تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز . كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL+K نى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچىنى ئۆز-ئارا ئەركىن ئالماشتۇرالايسىز .كىرگۈزگۈچكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ  ئورنىتىلغان بولۇپ بۇ ئىقتىدار ئەسلىي چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۆزىنىڭ ئورگان تورى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن بۇ قېتىم بۇ ئىقتىدارىنى ۋوردپرەسكە ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۈم . بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: زىيارەتچىلىڭرىڭىز بېكىتىڭىزدىكى خەۋەر ياكى ماقالىلەرنى كۆرگەندە چۈشىنەلمىگەن ياكى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا شۇ سۆزلۈكنى قارىغا ئالسا (تاللىسىلا) ئىزدىگۈچ شۇ زامان پەيدا بولىدۇ . ئىزدىگۈچنى چەكسىلا تاللىغان سۆزنى بېكىتىڭىزدىن ئىزدەپ بېرىدۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ توربېكىتىڭىزنى رەڭدار قىلىدۇ ھەم بېكىتىڭىز زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

پۈتكۈل بىكەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى خالىغان بىر CSS مەنبەنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى مەنبەدىن خالىغانچە پايدىلىنالايسىز . مەسىلەن: ۋوردپرەس سېستىمىسى سىرتىدا ئايرىم بەت ياكى سېستىما ئاچقان بولسىڭىزمۇ شۇ بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىن خالىغان خەت نۇسخىنىڭ CSS مەنبەسىنى ئۇلىسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئورنىتىپ قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن تەھرىلىگۈچنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە قارسىڭىز خەت نۇسخا كۆزگەزمىسى دەپ بىر ئۇلىنىش بېرىلدى شۇنى چەكسىڭىز ھەر بىر خەت نۇسخىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ، ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردا كۆرگەزمە بېرىلدى ۋە ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بېرىلدى . قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتە نۆل سەۋىيەلىك كىشىمۇ بۇ قوللانمىنى كۆرۈش ئارقىلىق قىستۇرمىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تولۇق بىلەلەيدۇ .

قىستۇرمىدىن ئارىيە:

ھەر بىر خەت خەت نۇسخىسىنىڭ توربەت يۈزىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان كودلاش شەكىللىرى تولۇق بېرىلدى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ….

قىستۇرما ئۈنىمىنى بۇ بىلوگ ئارقىلىق كۆرۈڭ …..

نۆۋەتتىكى نەشىرى : 2.2.1

17 خىل خەت نۇسخىنى قوللايدۇ

كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ

چۈشۈرۈش

ئاخىرىدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك خىزمىتىڭلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن !

مەنزىل: Www.BilBilik.Com

ھۆرمەت بىلەن: بىلبىلىك

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

4 باھا

  1. مانا بۇ تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق،مۇبارەك بولسۇن ۋوردپرەس ئىشتلىش ئىشتىياقىمنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردىڭىز! مۇشۇنداق نادىر تېخنىكىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، مەنچە نۇرغۇن بىلوگداشلار مۇشۇنداق ئىقتىدارلىق قىستۇرمىغا ئېھتىياجلىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ سىناپ كۆردۈم ھەقىقەتەن قالتىسكەن يازما يوللىغاندا مەزمۇنلارنىمۇ نەچچە خىل خەت نۇسخېسىغا ئۆزگەرتەلەيدىكەنمىز! ھەربىر ئۇسلۇپقا ئارتۇقچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش ئۆزگەرتىش تەڭشەش ھاجەتسىزكەن، مۇشۇ قىستۇرما ئارقىلىقلا ئۇيغۇرچە نورمال كىرگۈزۈش، ۋە ئۇيغۇرچە ئۆلچەمكىك كۆرسىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي، توختاپ قالماڭ!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى