ساغلاملىق

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ئۆلۈم ۋاقتىغا نىسبەتەن مۇقىم بولمىغان ئەندىزە ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ئىنسانلار بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب تېپىلمىدى، بەزىلەر بالدۇر ئۆلۈپ كەتتى، بەزى كىشىلەر ناھايىتى كېچىكىپ… بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ خاتىرىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 100 ياشتىن ئاشسىلا ئىنسانلارنىڭ چېكى ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئىلمىي تەتقىقات نەزەرىيەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ چېكى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆمۈرنىڭ «ئاخىرقى نۇقتىسى» بار دېيىش، بۇ بىر خىل نەزەرىيە بويىچە ئېيتقاندا خاتا قاراش.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى 1200 ئەۋرىشكىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، گېننىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتتە بولۇشى مۇمكىنلېكىنى، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدىكى گېن ئۆزگىرىشىمۇ ئۆمۈرنىڭ «ئۇزۇن قىسقىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلېكىنى بايقىغان، نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز، بىز ئەھۋالغا قاراپ باقايلى.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

گېن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
گېن ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما گېن ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، لېكىن بۇ مۇتلەق خاراكتېرلىك قاراش ئەمەس، دېمەك گېن پەقەت ئىنسانلارنىڭ قىسمەن ئۆلۈش ۋاقتىنىلا بەلگىلەيدۇ. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دۇ جىڭ (杜静)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرسىيەت ئىلىمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىدە گېن ئامىلى ئاران %30نى ئىگىلەيدۇ، يەنە %70 ئامىل سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، مەسىلەن: تاسادىپىيلىق، شەخسنىڭ بەدەن ھالىتى، تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بىز ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ گېن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ دېسەك بولمايدۇ.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئەمما بۇنىڭدا بەلگىلىك ئامىل مەۋجۇت، چۈنكى ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، گېن ھەقىقەتەن بەدەندىكى بەزى مەسىلىلەرنى بەلگىلەيدۇ، مەسىلەن: كۆپچىلىك دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقاندەك، بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئىزچىل ياخشى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ناچار بولۇشى، بۇ ئېنىقلا گېن بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، ئەمما ئىرسىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىدە گېن ئامىلى ئاران %30نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋال يوق. ھەمدە ئالىملار ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىنى بەلگىلەيدىغان بىر خىل گېن ئۆزگىرىش ئامىلىنى بايقىغان، يەنى بىز دائىم دەيدىغان «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش گېنى» ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

بۇ خىل گېن «FoxO» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە مەۋجۇت، شۇڭا بۇ غەلىتە ئىش ئەمەس، ئەمما FoxO نىڭ بىر مۇھىم رولى بار بولۇپ، ئىنسانلار غول ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل گېن ئىنسانلارنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، نورمال ئادەم ئەگەر ھېچقانداق ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزى قېرىپ ئۆلگەن بولىدۇ، شۇڭا گېننىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئىنسانلار گېن ئارقىلىق ئۆمرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ئالىملار بۇرۇنلا تەتقىق قىلغان، گېن تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۆزگەرتكەن، بۇ خىل نەزەرىيە ئىلىم ـ پەندە مەيدانغا كەلگەن، ئەمما ئەمەلىيەتچانلىقى ئۆمۈرنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىگە يەتمەيدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ «قېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مۇمكىنچىلىكىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى، پەقەت ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ئۇزارتىش رولى بولدى، شۇڭا گېننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقىنى ئۆزگەرتىش ۋاقتىنچە ئادەملەردە كۆرۈلمەيدۇ، كەلگۈسىدە بولسا بۇ ئېھتىماللىق بار، قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانلار ھايۋاناتلار ئۆمرىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئەلۋەتتە، بۇ يەردە «مەڭگۈلۈك ھاياتلىق»قا چېتىلمايدۇ، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك، مەڭگۈلۈك ھايات ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات ھېسابلىنىدۇ، مەيلى «توڭلىتىپ قايتا تىرىلدۈرۈش پىلانى» بولسۇن ياكى «ئىنسانلارنىڭ بەدەن قىسمىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش» قاتارلىقلار بولسۇن، بۇ تېخنىكىلار ۋاقتىنچە ئەمەلگە ئاشمىدى، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ، كەلگۈسىدە قانداق ھالەتكە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، بىزمۇ نامەلۇم سانغا تەۋە، بۈگۈنكى ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز يەنىلا «تۇغۇلۇش، ئۆلۈش» ئاساسىغا ئەمەل قىلىمىز، بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئاندىن «ئادەم ئۆلۈش» مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەقىقەتەن گېن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، %30 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى بەلگىلەيدىغان گېن مەۋجۇت، لېكىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يەنە قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىشنى خالايدۇ. قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن «تەبىئەتنىڭ مەھسۇلىغا ئايلىنىدۇ»، ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ، بۇمۇ ئەمەلىيەتتە تالاش ـ تارتىش خاراكتېرلىك مەسىلە، لېكىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن راستتىنلا ئاڭغا ئىگە بولامدۇ ـ يوق؟ دېگەن مەسىلىدىمۇ ئالىملار بىر پارچە تەتقىقات يەكۈنى چىقارغان، ئاخىرىدا بىزمۇ ئاددىي قىلىپ سۆزلەپ باقايلى.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يەنىلا ئاڭ مەۋجۇت بولامدۇ؟
ئادەم باشتىن ـ ئاخىر ئۆلۈمگە قاراپ ماڭىدۇ، لېكىن «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن»مۇ يەنىلا ئاڭلىق ھالدا ئىزچىل باشقىلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە قوزغايدۇ. ئامېرىكا ئىلگىرى بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تەتقىقات بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندا، چوڭ مېڭىسىنىڭ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ھېس قىلىدۇ. يەنى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلېكىنى بىلىدۇ. پەقەت ئۆلۈم ۋاقتىدا، بۇ ئاڭنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

شۇڭا ئادەم ئۆلگەندە يەنىلا ئاڭ مەۋجۇت بولىدۇ، لېكىن ئاساسەن ئۆز تېنىدە «قاپسېلىپ» قالىدۇ. بۇنى بايان قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلگۈچى ھەتتا دوختۇرنىڭ ئ‍ۆلگۈچىنىڭ ئۆلگەنلېكىنى جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىيالايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار بار. تەتقىقاتچى پانىيانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاڭ ئۆلگەندە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، چۈنكى «بىر بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكى رەسمىي جاكارلانغاندا يۈرەك سوقۇشتىن توختىغان ئاشۇ دەقىقىدە بولىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئۆلۈم ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى». شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى شۇ دەقىقىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېڭى بولىدۇ، مانا بۇ ئومۇمىي ئەھۋال.

گېن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بەلگىلەمدۇ؟

ئۇنىۋېرسال ئەھۋالدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىۋېرسال يەكۈننى يەنىلا دەلىللەشكە بولمايدۇ، تەتقىقاتچىلار مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ، بىزمۇ قانداق ئىسپاتلاشنى بىلمەيمىز، لېكىن چۈشەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، يۈرەكنىڭ توختىشى ياكى مېڭە ھەرىكىتىنىڭ توختىتىشىغا ئاساسەن بۇ ئۆلۈمنىڭ ۋاقىت نۇقتىسىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا يەنىلا ئاڭ مەسىلىسى مەۋجۇت بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى