ساغلاملىق

«ئەخلەت يېمەكلىك»لەرنى زىيادە كۆپ يېيىش بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاسانلا توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ

ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتسى ساغلاملىق ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوتسېنت ئاساد خان مۇنداق دېدى: «كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھاللاردا كوفېئىن بولىدۇ، تېز تاماق يېمەكلىكلىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھاللاردا يۇقىرى ئىسسىقلىق مىقدارى بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ».

كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتسىنىڭ بۇ تەتقىقات ئورنى ئىشلەتكەن سانلىق مەلۇماتلار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان دۇنيا مەكتەپ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشىدىن كەلگەن. بۇ تەكشۈرۈش شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتەسى ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك 64 دۆلەتتىكى ئەينى چاغدا يېشى 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 175 مىڭ 261 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ ئىستاكاندىن ئارتۇق كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ياش – ئۆسمۈرلەردە ھەر كۈنى پەقەت بىر ئىستاكانلا ئىچىدىغان ئوخشاش ياشتىكېلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتى %55 يۇقىرى بولىدىكەن، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تېز تاماق يەيدىغان ئوغۇل ياش – ئۆسمۈرلەردە ئۇيقۇ توسالغۇسى كۆرۈلۈش نىسبىتى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تېز تاماق يەيدىغان ئوغۇل ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارىغاندا %55 يۇقىرى بولىدىكەن، بۇ نىسبەت قىز ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا %49 يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاساد خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىلىش تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەكتەپلەرنىڭ كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك ۋە تېز تاماق بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەيدىغان كەيپىيات يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئائىلىلەردىمۇ بالىلارنىڭ ساغلام يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . مەن ، ئاددىيلىقنى ياقتۇرىمەن ! شۇڭىلاشقا بۇ بىلوگنىمۇ ئاددىيلا بېزىدىم ، بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى