ساغلاملىق

كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن قول، باش تىترەشنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بەزى ئالاھىدە مەزگىلدە بەدەننىڭ بەزى جايلىرىدا تىترەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. پەۋقۇلئاددە يۈز بەرگەن تىترەشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى قول، باش، پۇت ۋە ئاۋاز پەردىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. دائىم بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا قول تىترەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: جىددىيلىشىش، چارچاش، ئاچلىق، نەرسە ئېلىش، خەت يېزىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا قول تىترەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. باش تىترەشنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشى، جىددىيلىشىش، ئادەم كۆپ بولۇش، دىققىتىنى يىغىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىپادىلىنىدۇ. پۇتنىڭ تىترىشى ئادەتتە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ ئاۋاز پەردىسى قىسمىغا كەلگەندە، گەپ قىلغاندىكى ئاۋاز تىترەشكە باشلايدۇ، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن قول، باش تىترەشنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ئەگەر سىزدە بۇ ئەھۋاللار بولسا ئۇنداقتا دىققەت قىلىڭ. پەۋقۇلئاددە تىترەش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر:

ئۇزۇن مەزگىللىك پەۋقۇلئاددە تىترەش پىسخىكىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، مىجەزى چۇسلىشىپ، ئادەمدە ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە پەۋقۇلئاددە تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە «خامۇشلۇق كېسىلى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پەۋقۇلئاددە تىترەش يەنە ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە بولۇپ، كېسەل بولغانلارنىڭ بەدەن ساپاسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، پەۋقۇلئاددە يۈز بەرگەن تىترەش ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىدۇ، ھەتتا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كېسەللىكلەر «پاركىنسون»غا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

پەۋقۇلئاددە تىترەش ئىممۇنىتېت كۈچىدە مەسىلە كۆرۈلۈشكە سەۋەب بولغاندا، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى نېرۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت بىئارام بولۇش قوشۇلسا، ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى «ۋېگېتاتىۋ نېرۋا قالايمىقانلىشىش» كېلىپ چىقىدۇ.

ئەگەر سىزمۇ پەۋقۇلئاددە تىترەش كېسەللىكى كۆرۈلگەن بىمار بولسىڭىز، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش خىيالىڭىز بولسا، ئەمما ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاشنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، تۆۋەندىكى مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن:

1. چېنىقىشنى كۈچەيتىش: بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشلار سالامەتلېكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە ئامال بار بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، تەيجى گۇمپىسى، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

2. پىسخىكىلىق پەرۋىش: ئالدى بىلەن بۇ رېئاللىققا توغرا قاراش كېرەك. باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقماسلىق، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش، ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش، ھاياجانلىنىشتىن، ھېرىپ-چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. كۈندىلىك تۇرمۇشقا دىققەت قىلىش: ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىكلەيدۇ، لېكىن يېنىكلەش ئالامىتى ئادەتتە 2-4 سائەت داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا ھاراق ئىچكەندە بۇ كېسەلنى داۋالىغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك.

4. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش: ئارتېرىيە قېتىشقا قارشى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، كەرەپشە، باش پىياز قاتارلىقلارنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ياغقا قارشى تۇرۇش رولى بار. بەش خىل دانلىق زىرائەتنى كۆپ يېيىش كېرەك. تۈرى قانچە كۆپ بولسا كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، بولۇپمۇ مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

قول تىترەشنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سەل قارىساق بولمايدۇ. قول تىترەش كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئاللىقاچان ياش ئايرىمايدىغان ھالەتكە كەلدى. ئەگەر سىزدە قول تىترەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بالدۇرراق تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش قىلىڭ. ئادەتتە قانچە بالدۇر داۋالىغاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ، كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى