ساغلاملىق

چەتئەللىكلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالامسىز؟

يېقىندا ياپونىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىغا ئائىت بىر تېما ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسىدە مۇئەللىم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا: «مېنىڭچە سىلەر ھېچقايسىڭلار ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىسى يېمەيۋاتىسىلەر» دېگەن. بۇ قىزنىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل تەربىيەسى بىر تەرەپلىمە بولۇپ، كىشىگە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەن قىزلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى قىزلاردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. دەرسلىك كىتابتىمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشمۇ پەقەت «ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چەكلەنگەن. ئەمما ئۇ ئۆزى ھەر كۈنى ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچىدىكەن، سەۋەبى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى داۋالاش ئۈچۈن ئىكەن؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن رولى بار ئىكەن.

چەتئەللىكلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالامسىز؟

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولىدىغان مەنزىرە: «كىچىك ئاشىق-مەشۇقلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قىز بالا يىغلاپ تۇرۇپ يېگەن ھېلىقى بىر تال كىچىك كۇمىلاچ يەنى جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى» ئەلۋەتتە. جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىدىن باشقا يەنە بىر خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بار بولۇپ، دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياپونىيەلىك قىزنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى داۋالايدىغان دورا، بۇنى قىسقا ئۈنۈملۈك ئىچىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دېيىشكە بولىدۇ. قىسقا ئۈنۈملۈك ئىچىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئانىلىق ھورمۇن ۋە ھامىلدارلىق ھورمۇنىدىن تەييارلانغان مۇرەككەپ دورا بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىشنى چەكلەش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىسپېرمىنىڭ تېشىپ ئۆتۈشىنى توسۇش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى %99تىن يۇقىرى بولۇپ، ساغلام تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ماس كېلىدىغان بىر خىل دائىملىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

چەتئەللىكلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالامسىز؟

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتىن باشقا، بەزى كىشىلەر قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ھەيزنى تەڭشەش، دانىخورەك چىقىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن يەيدۇ. بىرىنچىدىن، قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ھەيزنى قانۇنىيەتلىك قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تەركىبىدە ھامىلدارلىق ھورمونى تەركىبى بار بولۇپ، ھەيزنىڭ كېلىشى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى توغرا ئىستېمال قىلغاندا، ھەيز دەۋرىنى تەڭشەپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، دانىخورەك چىقىشنىڭ سەۋەبى شۇكى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئەگەر ھامىلدارلىق ھورمۇنى نېيتراللاشسا، بۇنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

چەتئەللىكلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالامسىز؟

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تىلغا ئېلىنسا، بىز تۇنجى بولۇپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىشنى ئويلايمىز. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا رايونلىرى، مەسىلەن : ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاساسلىقى گاندون ئىشلىتىشنى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. لېكىن غەرب دۆلەتلىرىدە ئوخشىمىغان ھادىسىلەر بار بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا رايونى بىلەن ئەنگىلىيەدە، نۇرغۇن ئەرلەر بوغۇش(بۇ بىر خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى)نى تاللايدۇ. «ئاياللار تەتقىقاتى توغرىسىدا» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن ھازىرغىچە ئەرلەرنىڭ بوغۇشى كانادا، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.» ئەرلەرنىڭ بوغۇشى ئاياللارنىڭ بوغۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەن، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ يوق دېيەرلىك بولىدۇ؛ ئەڭ مۇھىمى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭ بوغۇشىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

ياۋروپا رايونىدىكى كىشىلەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئامراق، چۈنكى بۇ خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدە قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئاممىۋى سەھىيە پاراۋانلىقىنىڭ بىر ھالقىسى قىلىنغان بولۇپ، ئاممىغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر ئۆز ئالدىغا داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ دوختۇرلار بىلەن پاراڭلىشىپ، دورا ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىنلا ھەقسىز قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئالالايدۇ.

چەتئەللىكلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالامسىز؟

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ شۇنچە يىل ئىشلەتكەن گاندونلىرىنى «كامالەتكە يەتكەن» دەپ ئويلايدۇ، بەلكىم ئۇ بەزىدە ھەقىقەتەن كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلەر ئىشنىڭ يېرىمىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كىيدۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك قىلمىش، بەلكىم بۇ ئارلىقتا تاساددىپىي ئاز مىقداردىكى ئۇرۇق «چىقىپ كېتىشى» مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تاقاپ بولغاندىن كېيىن ئالدى ئۇچىدىكى ھاۋانى سىقىپ چىقارمايدۇ، بۇنداق بولغاندا گاندون ئاسانلا يېرىلىپ كېتىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش مەغلۇپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گاندوننى توغرا تاقىغاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن ھامىلىدارلىق خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە، دورا ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ. قىسقىسى مەيلى قايسى خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللانسۇن، چوقۇم توغرا، ئىلمىي ئىشلەتكەندىلا ھامىلىدارلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلانغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى