ساغلاملىق

سىفلىسقا دائىر سوئال جاۋابلار

سىفلىس تارىخى ئۇزۇن بولغان جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، كۆپلىگەن يوللاردىن يۇقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى جىنسىي يولدىن يۇقۇشتۇر. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر: «سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئادەم ساقايمايدۇ، ۋىرۇس بەدەندە بىر ئۆمۈر قالىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس، تۆۋەندە بىز سىفلىس توغرىسىدا توختىلىمىز:

سىفلىسقا دائىر سوئال جاۋابلار

1.سىفلىس ساقىيامدۇ؟

بۇ كېسەللىك قارىماققا ساقايماس كېسەلدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى پېنىتسىللىن (青霉素) بىلەن داۋالاش بولۇپ، پەقەت داۋالاش تەرتىپىگە رىئايە قىلىپ ۋاقتىدا دورا يەپ ئۈزۈلدۈرمەي داۋالىسا ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان ساقىيىش كىلىنىكىلىق ساقىيىش بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى تۈگەپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال ھالەتكە قايتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق بەدەندە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنىڭ ئانتېتلاسى (ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىشلەپچىقارغان سىفلىس ۋىرۇسىنىڭ «رەقىبى») ساقىلىنىپ قالىدۇ ۋە كېينىكى سىفلىسقا قارىتا قان تەكشۈرتكەندە مۇسبەت چىقىدۇ. دوختۇرلارنىڭ بىمارلارغا: «سىفلىس ساقىيىپ بوپتۇ، لېكىن قان تەكشۈرتكەندە مۇسبەت چىقتى» دېيىشى دەل يۇقارقى سەۋەبتىندۇر. ئەگەر سىفلىسىنىڭ پۈتۈنلەي ساقايغان-ساقايمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغاندا چوقۇم رېئاگېن ئانتېتلا (反应素抗体) تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

سىفلىسقا دائىر سوئال جاۋابلار

2.سىفلىسنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟

سىفلىس كېسىلى ئۈچ باسقۇچلۇق بولۇپ، ئوخشىمىغان باسقۇچدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشىمايدۇ. بىرىنچى ئىككىنچى باسقۇچى دەسلەپكى مەزگىللىك سىفلىسقا تەۋە بولۇپ، ئۈچىنچى باسقۇچى ئاخىرقى مەزگىلىگە تەۋە. سىفلىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەر ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا كىچىك قاتتىق شانكىر پەيدا بولىدۇ، دەسلىپىدە كىچىك قىزىل ئەسۋە بولىدۇ، كېيىن بارغانچە دۆڭچە مۇندەككە ئۆگىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى (مەسىلەن: يېنىك قىزىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىقلار) كۆرۈلىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلىدە تېرە ئېغىر زەخمىگە ئۇچرايدۇ ۋە بەدەندىكى باشقا ئەزالارمۇ زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

3.سىفلىس قانداق پەيدا بولىدۇ؟

سىفلىس بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، سىفلىس بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا يۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئاساسلىق يۇقۇش يولى جىنسىي يول بولۇپ، %90دىن كۆپرەكى ئىگىلەيدۇ. ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشتىمۇ يۇقۇشى مۇمكىن، مەسىلەن سىفلىس بىمارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ياكى خۇسۇسىي بۇيۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلار. ئانىدىن بالىغا يۇقۇشمۇ سىفلىسنىڭ بىر خىل تارقىلىش يولى، بالا تېخى تۇغۇلمىغان ياكى قۇچاقتا بېقىلىۋاتقان بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار.

سىفلىسقا دائىر سوئال جاۋابلار

4.سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

سىفلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاۋۋال يۇقۇش يوللىرىدىن باشلاپ توسۇش كېرەك. ئالدى بىلەن جىنسىي جەھەتتە ئەخلاقلىق بولۇش، بىر ۋاقىتتا كۆپ جىنسىي ئالاقىسىدا بولماسلىق، خەتەرلىك جىنسىي قىلمىشلىرىدا بولماسلىق. ئىپپىتىنى سېتىش ۋە پاھىشۋازلىق قاتارلىق قالايمىقان قانۇنسىز قىلمىشلاردا بولماسلىق كېرەك، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى سىفلىس ئوڭايلا يۇقۇپ قالىدىغان خەتەرلىق قىلمىشلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلچەمسىز ئورۇنلاردا قان سالماسلىق ۋە قان بەرمەسلىك كېرەك، ئەگەر تاساددىپىي سىفلىس بىمارىنىڭ قېنى سېلىنىپ قالسا ئادەم ئوخشاشلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئاياللار سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغاندا ھامىلدار بولماسلىقى، ئالدى بىلەن ئوبدان داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن بىر نەچچە يىل ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ھامىلدار بولۇشى كېرەك، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا داۋالاپ ساقايتىپ بولۇپ ئاندىن توي قىلىشى لازىم. ھازىرچە تېبابەتتە سىفلىسقا قارىتا ۋاكسىنا يوق، ئالدىنى ئېلىش يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىگە باغلىق بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق تەشۋىق-تەربىيە ئۆگىنىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى