يېمەك-ئىچمەك

قىش پەسلىدە كالا قوي گۆشلىرىنى كۆپ يېيىشنىڭ پايدىسى

كۆپىنچە ئاياللاردا قىش پەسلى كەلسىلا سوغۇقتىن قورقىدىغان، قول-پۇتى ئىسسىمايدىغان، ئەمما ئالىقىنى توختىماي تەرلەيدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ بەدەندىكى مۇزەككەرنىڭ يېتىشمەسلىكى، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە سوغۇقلۇقىدىن پەيدا بولىدىغان ئەھۋالدۇر. شۇڭا بۇ چاغدا كالا، قوي گۆشىنى يېگەندە بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىقتۇر.

كالا گۆشىدە ۋىتامىن B6، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە تۆمۈر قاتارلىق مېنېرال ماددا ئېلمىنتلىرى بولۇپ، ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ.

قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول. قەھرىتان قىش كۈنلىرى دائىم يېسە بەدەننىڭ سوغۇققا قارشى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەن ئاجىزلىقى، بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كېتىشتەك ئەھۋاللارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

قىش پەسلىدە كالا قوي گۆشلىرىنى كۆپ يېيىشنىڭ پايدىسى

* ئاق تۇرۇپ كالا گۆشى شورپىسى

ماتېرىيال: كالا گۆشى 300 گىرام، ئاق تۇرۇپ يېرىم تال، زەنجىۋىل بەش گىرام، غولپىياز ئىككى تال، تېتىتقۇ ھارىقى بىر قوشۇق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كالا گۆشى ۋە تۇرۇپنى پارچە، زەنجىۋىلنى ياپراقچە، غولپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز. قازانغا تېتىتقۇ ھارىقى ۋە سوغۇق سۇ قۇيۇپ كالا گۆشىنى سالىمىز. سۇ قايناپ كۆپۈكچىلەر ھاسىل بولغاندا، كالا گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز. قازاننى قايتىدىن قاينتىپ، غولپىياز، زەنجىۋىللەرنى سېلىپ، سۇنى قاينىتىپ، كالا گۆشىنى سالىمىز، سۇ تولۇق قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، 40 مىنۇت ئەتراپىدا تۇۋاقنى يېپىپ قايناتساق بولىدۇ. گۆشنى يۇمشىغاندىن كېيىن، ئاق تۇرۇپنى سېلىپ، تۇز قوشۇپ بىر ئاز قاينىتىپ قاچىغا ئېلىپ، ئۈستىگە غولپىيازنىڭ كۆكىنى ئۇششاق توغراپ سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

قىش پەسلىدە كالا قوي گۆشلىرىنى كۆپ يېيىشنىڭ پايدىسى

كىرەش (当归)، پىچەكگۈل، قوي گۆشى شورپىسى

ماتېرىيال: قوي گۆشى 600 گىرام، پىچەكگۈل 200 گىرام، كىرەش 50 گىرام، زەنجىۋەل 15 گىرام، تۇز بەش گىرام، تېتىتقۇ ئۈچ گىرام، كاۋاۋىچىن ئۇنى ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى پارچىلاپ، قايناقسۇدىن ئۆتكۈزىمىز. پىچەكگۈلنى ئاقلاپ، ئۇنىمۇ قايناقسۇدىن ئۆتكۈزىمىز. ئاندىن قوي گۆشى، كىرەش، زەنجىۋىل ياپراقچىسى قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، پەس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىپ، ئاندىن پىچەكگۈلنى قوشۇپ، تاكى پىشقۇچە قاينىتىپ ئاندىن تېتىتقۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن ئۇنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ قازاندىن ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى