ساغلاملىق

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئېنىقلىمىسىدا ئادەتتە سالامەتلىكى نورمال ئادەملەر بىلەن پەرقى يوق، لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەبئىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشنى تۇيۇقسىز ئۆلۈش دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردە ئېيتقان «قىسقا ۋاقىت» دەل كېسەللىك قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ ۋاقىتقا قارىتا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بىر سائەت، 12 سائەت ۋە 24 سائەت ئىچىدىكى ۋاقىتنى كۆرسىتىىدىكەن.

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يۈرەك تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ «پىلتىسى»، كىلىنكىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈشنى يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش ياكى باشقا مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ، بۇنىڭ ئارىسىدا يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش %80-%70 نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

2020-يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن ژۇرنىلى «جۇڭگو جىددىي قۇتقۇزۇش تىبابىتى» دە «دۆلىتىمىزدىكى 5516 نەپەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش بىرىنچى نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن، ئىگىلىگەن نىسبىتى %57.8 بولۇپ، ئۆپكە مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش ئىككىنچى نىسبەتنى ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.6 ئىكەن.

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

ھەر يىلى قانچىلىك ئادەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ ھازىرچە بۇ توغرىسىدا پاتولوگىيىلىك ماتېرىيال كەمچىل، تۆۋەندە ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باقايلى.

دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ «جۇڭگو يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوكلاتى 2018»دە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى كۆرسەتكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە يۈرەك سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 41.8/100000 ئىكەن. گەرچە يۈز بېرىش نىسبىتىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئانچە يۇقىرى ھېسابلانمىسىمۇ، دۆلىتىمىزدىكى غايەت زور نوپۇس ئۈچۈن ھېسابلىغاندا، ھەر يىلى مەملىكىتىمىزدە يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش ھادىسىسى 540 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەر مىنۇتتا بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دېگەن گەپ.

گەرچە كۆپ ساندىكى يۈرەك مەنبەلىك ئۆلۈش ھادىسىسى 65 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆرۈلسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئەھۋال ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

2015-يىلى «جۇڭگو قانۇن دوختۇرلۇق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان «گۇاڭدۇڭ رايونىدىكى 622 نەپەر تۇيۇقسىز ئۆلۈش دېلو مىسالىنىڭ پاتولوگىيلىك دوكلاتى» ناملىق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 31 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈش دېلو مىسالى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 20 ياشتىن تۆۋەن ۋە 30-21 ياشقىچە بولغانلار ئايرىم ھالدا 32 نەپەر ۋە 59 نەپەر بولغان.

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

ئەگەردە باشقا تۈرلەرنىمۇ قوشقاندا، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. ئەمەلىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆلۈش پەللىسىگە كېلىپ قالغان، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەھۋالىنى سەزمەي يۈرىۋاتقانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. «دۆلىتىمىزدىكى 5516 نەپەر تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەتقىقات»دا كۆرسىتىلىشىچە، تۇيۇقسىز ئۆلۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ھاياجانلىنىش (%25.66) ۋە زىيادە چارچاش (%24.53) ئىكەن.

بەدەنگە نىسبەتەن ھاياجانلىنىش خۇددى چوڭ توسمىنى ئېچىۋەتكەنگە ئوخشاش بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك ۋە مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا ئېغىر بېسىم كەلتۈرىدۇ. زىيادە چارچاش بولسا ئاستا خاراكتېرلىك خوراش، ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىشارەتىسىز بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خېلە بۇرۇنلا يوشۇرۇنۇپ تەييارلىنىپ بولىدۇ.

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

ئادەم قاتتىق ئاچچىقلانغاندا مەيدىسى چىڭقىلىپلا قالماستىن يەنە تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ خەۋپى يۇقىرىلايدۇ، ھاياجانلانغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسېگىن سەرپىياتىمۇ ئۆرلەيدۇ. «ياۋروپا يۈرەك ژۇرنىلى (欧洲心脏杂志)» ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېيىنكى ئىككى سائەتتە سەكتە بولۇش خەۋپى ئۈچ ھەسسە ئۆرلەيدىكەن. شۇڭا تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن سۆزلىگەندە، ئانچە تەلەپچان بولماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ يامان ئىش ئەمەس.

كىلىنكىدا بايقىلىشىچە، كۆپلىگەن تۇيۇقسىز ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى سىجىللىق خىزمەت ھالىتىنى باشتىن ئۆتكۈزىدىكەن. ياپونىيىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خىزمەت ۋاقتى ھەر ھەپتىدە 60 سائەتتىن يۇقىرى بولغۇچىلار بىلەن 40 سائەتكە يەتمەيدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقىسىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەتنى قىلغاندا، سىمپتىك نېرۋا ئۇدا روھلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى قان تومۇر ئاكتىپ ماددىلىرى ئاجىرتىپ چىقىرىلىپ قان تومۇرلار تارىيىدۇ ئاخىرىدا قاننىڭ بېسىمى ئۆرلەيدۇ. بۇ چاغدا يۈرەك تېخىمۇ كۈچەپ قاننى ئىنچىكىلەپ كەتكەن تومۇرلارغا سىقىدۇ، تومۇرلارمۇ يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى سۈرئەتتىكى قاننىڭ چوڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ھال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا يۈرەك ۋە قان تومۇر ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.

تۈنەشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ روشەن، يۇقىرىدا ئېيتقان سېلىشتۇرما تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى بەش سائەتكىمۇ يەتمەيدىغانلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈش خەۋپىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ 8-6 سائەتكىچە بولىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا 2.3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ ناھايىتى روشەن باغلىنىشلىقى بولىدىكەن، كۆپلىگەن ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت ۋە خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭا تۈنەپ يانفۇن ئوينايدىغان دوستلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنى بۇنداق «ئۆلۈمگە تۇتۇپ» بەرمەسلىكى لازىم.

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

بۇنىڭدىن باشقا، تۇيۇقسىز ئۆلۈش يەنە پەسىل بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پەۋقۇلئادە تېمپىراتۇرا كۆرۈلىدىغان ياز ۋە قىشتا تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەتىياز ۋە كۈزدىن يۇقىرى بولىدىكەن. قىشتا تۆۋن تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا بەدەننى ئورىغان تومۇرلار تارىيىپ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، بۇ چاغدا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. يازدا بەدەننىڭ مېتابولىزىمى تېزلىشىپ قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بەدەندىكى سۇ ئاسانلا خوراپ قان قويۇقلىشىدۇ قاننىڭ ئايلىنىشى تەسلىشىدۇ، بۇ ئوڭايلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش ياكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەسىل ئالماشقاندا ھاۋارايى تۇراقسىزلىشىدۇ، بۇمۇ يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: 2012-يىلى قىش بىلەن ئەتىياز ئالماشقان ۋاقىتتا شېنجېندا 11 كۈن ئىچىدىلا 16 ئادەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

خەتەرلىك ئامىللارغا سېلىشتۇرۇپ دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىپ تۈزىتىش ئىشلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئالدىن بىشارەتلىرىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزى ۋە جۇڭگو تىببى ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى يۈ مىڭيۆنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈشتىن بۇرۇن مەيدىسى چىڭقىلىش، ھودۇقسىراش، يۈرەك رىتىمى ئاستىلاش، ھوشسىزلىنىش، نامەلۇم سەۋەبتىن چارچاش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ۋە پۇت-قول ئۇيۇشۇش قاتارلىق بىشارەتلەر بولىدىكەن.

ئەگەر تۇيۇقسىز كېلىشمەسلىك كۆرۈلسە جەزمەن ۋاقتىدا توغرا جىددىي قۇتقۇزۇپ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا تىرىشىش كېرەك. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە %90 ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانا سىرتىدا يۈز بېرىدىكەن، شۇڭىلاشقا يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۈرەك تىترەشنى يوقاتقۇچ (心脏除颤器) نىڭ مەشغۇلاتىنى توغرا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان ئادەمنى تۆت مىنۇت ئىچىدە يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى %30 گە يېتىدىكەن. ئەگەر تۆت مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن نۆل بولىدىكەن. شاڭخەي جۇڭگو تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقى شۇگۇاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈيسوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، %90-%85 تۇيۇقسىز ئۆلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەل يامان سۈپەتلىك يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش بولۇپ، يەنى يۈرەك قېرىنچىسى «تىترەش»نى كۆرسىتىدىكەن، دەل ۋاقتىدا يۈرەكنىڭ تىترىشىنى يوقىتىش ھازىرغا قەدەر ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر دەپ ھېسابلىنىدىكەن.

ياشلار نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

ئاخىرىدا دوستلارنىڭ خىزمەت ۋە يانفۇنغا زىيادە ئېسىلىۋالماي، ئۆزىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇيۇقسىز ئۆلۈش خەتىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى تەكىتلەيمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى