يېمەك-ئىچمەك

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى

زەنجىۋىل تەركىبىدىكى تاشقى پېپتىد ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى كۆپەيتىپ، زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، ئۈچەي يولىنىڭ توسۇق ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە زەنجىۋىلنىڭ يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان كۈچلۈك ئۈنۈمى بار.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى

زەنجىۋىل ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 5000 يىلدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىلغان بولۇپ تەمىمۇ ئوخشىمايدۇ.
جۇڭگونىڭ زەنجىۋىلى ئاچچىق، ھىندىستاننىڭ زەنجىۋىلىدە روشەن لىمون پۇرىقى بار، ئافرىقىنىڭ زەنجىۋىلى ئىنتايىن ئاچچىق.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى
◄جۇڭگولۇقلار زەنجىۋىل قارا شېكەر سۈيىنى نەملىكنى يوقىتىپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى، سوغۇقنى تارقىتىدىغان ئەنئ‍ەنىۋى ئىچىملىك دەپ قارايدۇ.
◄ھىندىستاندا تاماقتىن كېيىن تاتلىق زەنجىۋىل چېيى ئىچىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قەدىمىي ئادەت بار.
◄ئەنگلىيە يەنە زەنجىۋىل تەملىك پىۋىنى كەشىپ قىلغان، زەنجىۋىل تەملىك پىۋىنى ھاراق دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى زەنجىۋىلنى سودا سۈيىگە قوشۇپ ياسالغان ئىچىملىك بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
◄ئامېرىكا مەخسۇس قان تومۇر ساقلىقىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان زەنجىۋىل يېمەكلىك تولۇقلاش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
◄ياۋروپا، ئامېرىكا رايونلىرىدا زەنجىۋىل تالقىنىنى ئىچىملىك ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇلغان بۇيۇملارغا قوشىدۇ، مەسىلەن زەنجىۋىل قاتلىمىسى، زەنجىۋىل تەملىك بولكا، زەنجىۋىل تەملىك تورت، زەنجىۋىل شەربىتى گازلىق ئ‍ىچىملىكى، زەنجىۋىل پىۋىسى قاتارلىقلار.
◄ئافرىقىدا نۇرغۇن داڭلىق زەنجىۋىل جەۋھىرى ماركىلىرى بار، ئۇنى بەدەنگە سۈرسە پەيلەرنى جانلاندۇرۇپ، قان ئۇيۇپ قېلىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى

قانداق قىلغاندا زەنجىۋىلنى توغرا يېگىلى بولىدۇ؟
نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە زەنجىۋىلنىڭ مۇنتىزىم تەۋسىيە قىلىنغان قوبۇل قىلىش مىقدارى يوق، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېگەن: كۈندىلىك تۇرمۇشتا زەنجىۋىلنى تەم تەڭشىگۈچ، قورۇما قاتارلىقلار بىلەن يېسە قوبۇل قىلىش مىقدارى ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلسىلا كۇپايە:

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسى

بۇزۇلۇپ قالغان زەنجىۋىلنى يېمەڭ
زەنجىۋىلنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئورگانىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەم راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ يېڭىسىنى تاللاش كېرەك، ئادەتتە يېڭى زەنجىۋىلنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق، سۇ تەركىبى كۆپ، پوستى نېپىز ھەم پارقىراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇرىقى مۆتىدىل. ئەگەر توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىسا بىر ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر كەسكەن زەنجىۋىلنىڭ رەڭگى قوڭۇر، تەمى غەلىتە بولسا چوقۇم يېمەسلىك كېرەك.
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «زەنجىۋىل»دە كۈتۈنۈش ئەندىزىسىئاسان ئىسسىقى ئۆرلەپ قالىدىغانلار زەنجىۋىلنى ئاز يەڭ

ئىچى ئىسسىق ۋە مەنپىيلىك ئاجىزلاپ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر زەنجىۋىلنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. بۇ ئىككى خىل كىشىلەردە دائىم ئۇزاق مۇددەت ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك، تاپان ئالىقىنى قىزىش، ئېغىز قۇرۇش، يۆتىلىش، بەلغەم ئاز بولۇش، قەۋزىيەت بولۇش، گېموروي ئىششىپ قانلىق تەرەت قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتتە تاش پەيدا بولغانلار، قان ئۇيۇتۇش تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلغانلارمۇ زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى