يېمەك-ئىچمەك

بۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقالمايدۇ

كۆكتاتنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزگەندە، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن Cنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئەمما كۆكتاتنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىنغا بولغان تەسىرى PH قىممىتى، قىزدۇرۇش تېمپېراتۇرىسى ۋە ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، كۆكتاتنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە پىشۇرغاندا، ۋىتامىن Cنىڭ يوقىلىشى %70تىن %90كىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا كۆكتاتلارنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈشتە قانداق قىلغاندا ئاندىن ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

بۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقالمايدۇك

1. ئوت كۈچى كۈچلۈك، سۇ مىقدارى يېتەرلىك، ۋاقىت قىسقا بولۇشى كېرەك.

ئوت كۈچى كۈچلۈك بولغاندا سۇ ئىزچىل قايناش ھالىتىدە بولىدۇ، سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولسا سۇ قوشۇش سەۋەبىدىن تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى كۆكتاتنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغاندا، تۈركۈمگە بۆلۈپ سۇدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، تېمپېراتۇرىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قايناۋاتقان سۇدىن كۆكتاتنى قىسقا ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، كۆكتاتلاردىكى ئوكسىدازا ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناۋاتقان سۇدا ئوكسىگېننىڭ مىقدارى يوق دېيەرلىك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچرىشى ئازىيىدۇ. ئەمما ۋىتامىن C ئىسسىققا چىدامسىز بولغاچقا، ۋاقىت چوقۇم قىسقا بولۇشى كېرەك. ئادەتتە، شىلەنخۇا، خۇاسەينى قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا، پالەك، شياڭچۈن بىر مىنۇت ئەتراپىدا بولسىلا بولىدۇ.

2. تۇز سېلىش، ياغ قويۇش.

كۆكتاتنى قايناۋاتقان سۇدىن ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا تۇز قوشۇۋەتكەندە، كۆكتات ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى قويۇقلۇقى نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولغان مۇھىتتا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشچان تەركىبىنىڭ سۇغا تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. كۆكتاتلارنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ياغ قۇيىۋەتكەندە، ياغ كۆكتات ئەتراپىنى ئورىۋالىدۇ-دە، سۇ بىلەن كۆكتاتنىڭ ئۇچرىشىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ماددىلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىمنىڭ خىلوروفىلنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆكتاتنىڭ ئوچۇق رەڭگىنى ساقلايدۇ.

3. سوغۇق سۇ ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش.

ئەگەر سۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنى دەرھال قورۇشقا توغرا كەلسە، سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق ۋاقتىنچە قويۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سۇدىن چىققاندىن كېيىن ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاسانلا ئىسسىقلىقتىن ئوكسىدلىنىش رولى يۈزبېرىپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. شۇڭا، قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا سوۋۇتۇپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى