ساغلاملىق

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

نۆۋەتتە ياشلاردا ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئالدىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئومۇملاشقان. ئۇنداقتا ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى زادى قانچىلىك؟

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

2019ـ يىلى خاڭجۇلۇق يىگىت سۇنى ئاز ئىچكەنلىكى ھەم ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆپكە كەپلەشمىسى پەيدا بولۇپ، مەيدىسى ئاغرىپ قان تۈكۈرگەن. 2018-يىلى جۇڭگو گېزىتىنىڭ 21 ياشلىق بىر ئايال مۇخبىرى پۇتىنى قايرىۋالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئۆيدە ئولتۇرغاچقا، تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىدا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ، قان نوكچىسى ئۆپكە ئارتېرىيە تومۇرىنى توسۇۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاللىقاچان ئۇزۇن ئولتۇرۇشنى ئون چوڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. يەر شارىدا ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

ئاۋسترالىيە كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بىر سائەت ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى تەخمىنەن ئىككى تال تاماكا چەككەنگە باراۋەر بولۇپ، بۇ 22 مىنۇت ئۆمۈرنى قىسقارتىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق تېببىي ژۇرنىلىدا ئىلگىرى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىنغان، تەتقىقاتتا ھەر كۈنى ئۈچ سائەت ئۇزاق ئولتۇرىدىغان كىشىلەر باشقا كىشىلەر توپىغا قارىغاندا ئىككى يىل ئاز ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا راك كېسىلى جەمئىيىتى 128 مىڭ ئادەمنى 21 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بايقىغان: «ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرغان ئادەمنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ئادەمگە قارىغاندا %19 ئاشىدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرۇش 14 خىل كېسەللىكنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنى كۆپەيتىدىكەن، بۇ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، دىئابېت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاقىلىپ، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى %50 تۆۋەنلەيدۇ. ياغنى پارچىلايدىغان ئېنزىم %90 ئازىيىپ، سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا قانچىلىك ۋاقىت ئاندىن ئۇزۇن ئولتۇرغان ھېسابلىنىدۇ؟

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

كانادا ئاممىۋى سەھىيە ئىدارىسى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ھەر كۈنى 8~12 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا، مىدىرلىماي ئۇزاق ئولتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ ھەر كۈنى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسىلا زىيىنى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس بولۇپ، يەنە ئولتۇرۇش ھالىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم». ئەگەر ئۇزاق ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندا، توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك؛ ھەر 60-90 مىنۇتقىچە ئولتۇرغاندا قىياپەتنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ، بەل مۇسكۇللىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك. ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا، كىچىك بەل كاردىن چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئولتۇرسا دائىم ئۆزىنى تۇيماي دۈمچىيىپ، بوينىنى ئالدىغا قىلىۋالىدۇ، ئەمما بۇ دەل بەلنى ئەڭ زەخمىلەندۈرىدىغان قىياپەت.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئولتۇرۇش ھالىتىدە بەل ئومۇرتقىسى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %150 بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. ئولتۇرۇش + بەدەن ئالدىغا ئېڭىشكەندە بەل ئومۇرتقىسى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %250 بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرغاندا بەل ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىرلاپ، مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىپ، ئاسانلا بەل تېلىپ ئاغرىش، بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن، ئېغىر بولغاندا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ يەنە پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش، گىرەلەشمە ئولتۇرۇش، مايماق يۆلىنىپ ئولتۇرۇش قاتارلىق خاتا ئولتۇرۇش قىياپىتى بەل مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە ئومۇرتقا شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە «بەل ئاغرىقى»نىڭ قوزغىلىش نىسبىتى زۇكامدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بەل ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. ئۇنداقتا سىزنىڭ بېلىڭىز ساغلاممۇ؟ تۆۋەندە بەل ئاغرىقىنىڭ ئىككى خىل كېسەللىك ئالامىتى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

1. بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش: ئاستا خاراكتېرلىك، ئارىلاپ ياكى داۋاملىشىش خاراكتېرلىك بەل تېلىپ ئاغرىش ھەمدە ئاغرىقنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. چارچىغاندا ئېغىرلىشىدۇ، ئارام ئالغاندا ياخشىلىنىدۇ. ئاغرىش ئورنى ئادەتتە دۈمبە ئوتتۇرا سىزىقىدىن يىراق بولغان ئىككى تەرەپتىكى مۇسكۇلدا بولىدۇ.

2. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش: ئاساسلىق ئىپادىسى بىلىنەر بىلىنمەس ئاغرىش، ئاغرىش ئورنى دۈمبە قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. بىر تەرەپتىكى پۇتتا ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

پەقەت بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن بەل مۇسكۇلى زورۇقۇش ۋە بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ئېلىپ كەلگەن بىئاراملىق ئالامەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ياكى پەسەيتكىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل چېنىقىشنى كۆپرەك ئىشلىسە بەل ئاغرىقىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ:

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

1. قارلىغاچنىڭ ئۇچىشى

ھەرىكەتنىڭ قىياپەت ئۆلچىمىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەگەر ھەرىكەت قىلغاندا پۇتى ئۇيۇشۇپ ئاغرىسا، مەشىقنى توختىتىش كېرەك.

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

2. ساغرا كۆتۈرۈش ھەرىكىتى

ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى تىزنى ئېگىپ، ئىككى مۈرە، ئىككى پۇتنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بەل قورساق كۈچىدىن پايدىلىنىپ داس سۆڭىكى، بەل قىسمىنى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈش، قىياپەتنى ساقلاپ بەش سېكۈنت مىدىرلىماسلىق، ئاندىن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ئۆز ئورنىغا قايتىش.

3. ئارقىچە مېڭىش

ئارقىچىلاپ ماڭغاندا بەل ۋە دۈمبىنى چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بەل ۋە دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ۋە تارىمۇشنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، بەل ئومۇرتقىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. كەينىچىلەپ ماڭغاندا تىزنى ئامال بار ئەگمەسلىك، قەدەمنى تەكشى ئاستا ئېلىش، ئىككى قول بىلەن مۇشتنى تۈگۈش، ماڭغاچ كەينىگە تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە مىنۇتىغا 60 قەدەمدىن 100 قەدەمگىچە، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ماڭسىلا بولىدۇ.

يۇقىرىقى چېنىقىش ئۇسۇلىدا ھەرىكەتنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىغا دىققەت قىلىش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك؛ لېكىن بەل قىسمى جىددىي ئاغرىش مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى چېنىقماسلىق، ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

ھەر يىلى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن

ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشتا بەل قىسمىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ۋە قىياپەتلەرنى تونۇپ يېتىشىنى ھەمدە تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي ئۇسۇلدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ بېلىنى ئاسراش كېرەك؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، بەل ئاغرىقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى