ئەتىگەنلىك قان تەكشۈرۈتۈشتە سۇ ئىچسە، دورا يېسە بولامدۇ؟
كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل مەسىلە بار: « ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشتە سۇ ئىچسەك بولامدۇ؟ يېرىم كېچىدە گېلىم بەك قۇرۇپ كېتىدۇ، بىر نەچچە يۇتۇم سۇ ئىچسەم ئەتە ئەتىگەندىكى قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتەمدۇ؟». «ئەتىگەندە قان ئالغاچقا، قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسى يېمىگەن، شۇڭا قان بېسىمىم ئۆرلەپ كەتتى».
بىر قىسىم سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، قەرەللىك قان تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھەر قېتىم تەكشۈرۈتۈشتىن بۇرۇن، دوختۇر ئۇنىڭغا ئاچ قورساق كېلىشنى تاپىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بىمارلار كەچتە سۇ ئىچمەيدۇ، ئەتىگەندىمۇ دورا يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇش، نومۇر ئېلىش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش تالونى كېسىش، ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش، ئۆچرەتتە تۇرۇش، قان ئېلىش… بۇ جەرياندا ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ قالىدۇ.
1. نېمە ئۈچۈن ئاچ قورساق بولۇش كېرەك؟
قورساق 8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە ئاچ قالغاندىن كېيىن، قاندىكى ھەر خىل ماددىلار نىسبەتەن تۇراقلىق ۋە تەڭپۇڭ ھالەتكە يېتىدۇ، ئالدىنقى قېتىملىق تاماقتىكى يېمەك ـ ئىچمەك ئامىلىنىڭ قان تەركىبىگە بولغان تەسىرى يوقايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قان ئالغاندا نىسبەتەن تۇراقلىق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2. ئاچ قورساق دېگەن نېمە؟
تۇنجى كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئەتىسى سەھەرگىچە تاماق يېمەسلىك، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئاچ قورساق تۇرۇش ۋاقتى 8 ـ 12 سائەتكە يېتىدۇ.
3. ئاچ قورساق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشتە سۇ ئىچسە بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئادەتتە بىمارلارنىڭ كۆپ مىقداردا سۇ ئىچمەسلېكىنى، ئىچكەن سۇ مىقدارىنىڭ 200 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلېكىنى تەۋسىيە قىلىمىز. قايناقسۇ ئىچىش، قېنىق چاي ۋە قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. ئاچ قورساق خىمىيەلىك تەكشۈرۈشتە دورا يېسە بولامدۇ؟
بولىدۇ. ئاچ قورساققا دورا ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئاز مىقداردا ئىچىملىك سۇ ئىچسە بولىدۇ چوقۇم دورا ئىچىش كېرەك.
5. قان ئېلىپ خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئەڭ ياخشىسى قايسى ۋاقىتتا بولسا ياخشى؟
سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە ئاچ قورساق قان ئالغاندا ئەڭ ياخشىسى سەھەر سائەت 6:30 دىن 9:30 غىچە ئېلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنىنىڭ تەسىرى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ.
6. ئاچ قورساق ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك
بەزى بىمارلار ئەتىسى قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ «توغرا» بولۇشى ئۈچۈن، تۇنجى كۈنى كەچتىلا كەچلىك تاماق يېمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەن ھەددىدىن زىيادە ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەكسىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
7. قايسى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئاچ قورساق قىلىش كېرەك؟
قاننى بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش (ھەر خىل ئىيونلار، مەسىلەن: كالىي، ناترىي، خىلور قاتارلىقلار) جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى، قاندىكى ماي، قان شېكىرى قاتارلىقلار.
8. قايسى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىدە چوقۇم ئاچ قورساق بولمىسىمۇ بولىدۇ؟
قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى(凝血功能)، گېموگلوبىن (糖化血红蛋白)، قاننى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش، قان چۆكۈش، ئىممۇنىتېت تۈرلىرى مەسىلەن: B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بەش تۈرى، جىگەر ياللۇغىنىڭ پۈتۈن تۈرى، ھەر خىل ھورمۇن، يۈرەك مۇسكۇل ماددىسى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى(甲状腺)، ئۆسمە ماددىسى، ئۆزىدىكى ئانتىتېلا(自身抗体)، رېماتوئىد(类风湿) تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. بۇ تەكشۈرۈشلەرنى ئامال بار ئاچ قورساق قىلىش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاچ قورساق يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېمىسىلا بولىدۇ.