يېمەك-ئىچمەك

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

ھەممىمىزگە مەلۇم، دىيابېت بىر خىل ئۆمۈرلۈك كېسەل. دىيابېتنى داۋالاشتا يالغۇز دورىنىلا ئەمەس، يەنە يېمەكلىكلەرنى توغرا تاللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تاماق ئۈستىلىمىزدىلا ئۇنىڭ ئەشەددىي «كۈشەندىسى» بار. ئېنىقكى، كۆكتات ئىسسىقلىقنى تىزگىنلەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. كۆپلىگەن كۆكتاتلارنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشتە ئوبدانلا ياردىمى بار، ئۇنداقتا قايسى خىل كۆكتاتلار دىيابېتنىڭ «كۈشەندىسى»؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە دىيابېتنىڭ «كۈشەندىسى» بولغان سەككىز خىل كۆكتاتنى سۆزلەيمىز:

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

1. چېچەكسەي (菜花)

سۇدا يېنىكرەك پىشۇرۇلغان چېچەكسەي تەملىك بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ يېيىشىدۇ، يەنە كېلىپ تەركىبىدە مول مىقداردا خىروم قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. خىروم قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپلا قالماستىن، يەنە ئورگانىزىملارنىڭ قان شېكىرىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. بىراق ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، چېچەكسەينى زىيادە پىشۇرۇپ يۇمشىتىۋەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئوزۇقلۇق ماددىلار خوراپ كېتىدۇ.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

2. كۆك پۇرچاق (豌豆)

كۆك پۇرچاقتا چېچەكسەيگە ئوخشاشلا خىروم ئېلمېنتى مول بولۇپ، بەدەننىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

3. كۆكمۇچ (青椒)

كۆك لازىنىڭمۇ دىيابېتقا پايدا قىلىدىغانلىقىغا قاراپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە كۆك لازىدىكى سېلىن ئېلمېنتى قەنتنىڭ سۈمۈرۈلىنىشىنى تېزلىتىپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

4. ئىمپومېيە ئوتى (空心菜)

تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئىمپومېيە ئوتى ئىككىنچى تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى تىزگىنلەشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەن، بولۇپمۇ سۆسۈن رەڭدىكى ئىمپومېيە ئوتى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

5. دادۇر (蚕豆)

دادۇردا يېمەكلىك تالالىرى كۆپ بولۇپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى مۇئەييەن نىسبەتتە تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە تېخى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

6. كاللەكبەسەي (圆白菜)

كاللەكبەسەيدە ۋىتامىن E ئېلمېنتى مول بولۇپ، بەدەننىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق قان شېكىرىنى تەڭشەيدۇ.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

7. پېچەكگۈل (山药)

بۇ ئاساسلىق جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن سۆزلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتىدە پېچەكگۈلنىڭ تالنى ئاشقازاننى ياخشىلاپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە بەدەننى روھلاندۇرۇش رولى بار دەپ قارىلىدۇ. دىيابېت كېسىلى ئەمەلىيەتتە جىگەر، تال، بۆرەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

دىيابېت ئەڭ «قورقىدىغان» يېمەكلىكلەر

8. يېسسى پۇرچاق (四季豆)

يېسسى پۇرچاقمۇ ئوخشاشلا دىيابېتقا داۋا قىلىدۇ، لېكىن يېسسى پۇرچاقنى سۇدا پىشۇرغاندا چوقۇم بەكرەك پىشۇرۇۋېتىپ ئاندىن يېيىش كېرەك، بولمىسا ئادەم ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى