يېمەك-ئىچمەك

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

ھەممە ئادەمنىڭ يېنىدا مىجەزى چۇس ئادەملەر بولىدۇ، بەزىدە مىجەزى چۇس بولۇپ قالسىمۇ ئۆزىگە جىق ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. سەپرا مىجەز نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن بېسىم ئېغىر بولۇش، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى قاتارلىقلار. تۇرمۇشتىكى بەزى يېمەكلىكلەر كەيپىياتنى ياخشىلاپ، مىجەزنى كونترول قىلىدۇ.

مىجەزى چۇس بولسا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە بىر قەدەر ياخشى؟

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

1. بېلىق

بېلىقنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر مىجەزى چۇس بولسا، بېلىق يېسە كەيپىياتنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. بېلىق تەركىبىدە ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ ھەمدە ئىچى تىتىلداش تۇيغۇسىنى ئازايتىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بېلىق يېسە، مىجەزى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

2. سۇلۇ

ئەگەر مىجەزى ئەسلىدىنلا ياخشى بولمىسا، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا تېرىككەك بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ بەك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدە. سۇلۇ قاتارلىق مۇرەككەپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بەدەننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا ساغلام بولغان قان قەنتى سەۋىيەسىنى ساقلاشقا، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقلىقىغا پايدىلىق.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

3. ئاپېلسىن

مىجەزى چۇس كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دائىم ئاپېلسىن ئىستېمال قىلغاندا كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بەدەننى كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بىلەن تەمىنلەپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىدلاپ زەخىملەندۈرۈشنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر مىجەزى ناچار بولۇپ قالسا، بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئادەمنى تىنچلاندۇرىدۇ.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

4. تۇخۇم

تۇخۇم ئاقسىل تولۇقلىغاندىن باشقا تەركىبىدە تىرىپتوفان بار، تىرىپتوفان خامۇشلۇقنى تەڭشەش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

5. ئەينۇلا

ئەينۇلا بىر خىل ساغلام ھەم تەملىك مېۋە، ئەينۇلا يېيىش چوڭ مېڭىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېڭە ياللۇغىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. مىجەزى چۇس كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەينۇلا تەركىبىدە فىلاۋون بار بولۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەشكە، مىجەزنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

ئاچچىقى يامان كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك ئالتە خىل يېمەكلىك

6. بانان

بانان ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى مېۋە. بانان كالىي ۋە ۋىتامىن Bنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، بۇ ئېلېمېنتلار كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە يېمەكلىك تاللاش كەيپىياتنى كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يەردىكى يېمەكلىكلەر بەدەننى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، كەيپىياتنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كەيپىياتنى ياخشىلاش ۋە غەزىپىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئەخلەت يېمەكلىك، شېكەر ۋە ھاراق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېمەكلىكتىن باشقا، ھەرىكەتمۇ سەپرا كەيپىياتنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر يېمەكلىك ۋە باشقا ئۇسۇللار ئۈنۈم بەرمىسە، دورا ئارقىلىق كەيپىياتنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى