ساغلاملىق

تاماقتىن كېيىن دائىم قورساق كۆپۈپ ئاغرىمدۇ؟

تاماقتىن كېيىن دائىم قورساق كۆپۈپ ئاغرىمدۇ؟

ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىككە يولۇققاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆپ ئىستېمال قىلىۋېلىپ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ، بۇ بىر خىل نورمال ھادىسە. ئەمما، بەزى كىشىلەر ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قورسىقى ئاغرىيدۇ، مەيلى قانچىلىك يېسۇن، مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ بەلكىم ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بارلىقىنى ۋە قانداق تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

تاماقتىن كېيىن دائىم قورساق كۆپۈپ ئاغرىمدۇ؟

ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

1. بەك تويۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىش

يېمەكلىكنى ئاشقازانغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر يىغىلىپ قېلىپ، كىشىلەردە تويۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل سېزىم ئوزۇقلۇقنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە باغلىق بولمايدۇ، كۆپ يېمىسىمۇ، بۇ خىل سېزىم پەيدا بولىدۇ.

2. قورساق ئاغرىش

ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئادەمنىڭ قورساق قىسمىنى ئاغرىتىدۇ، بۇ ئاشقازان، ئۈچەي يولىنىڭ ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، سىلىق مۇسكۇللارنىڭ سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنىلا يېمەكلىكلەرنىڭ تولۇق ھەزىم بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە. قورساق ئاغرىش داۋاملىشىش ۋاقتى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ، ئون نەچچە مىنۇتلا ئاغرىيدۇ، بەزىلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، نەچچە سائەت ئاغرىيدۇ.

3. ئىشتىھاسى ناچار بولۇش

يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ياخشى ھەزىم بولمىسا، ئاچلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ مەسىلە ئۇزاق ۋاقىت ھەل قىلىنمىسا، ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

1. مەسىلىنىڭ كەينىدىكى سەۋەبنى تېپىش كېرەك

ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر بەزى ئاشقازان كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان سپازمىلىنىش، ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچتە تەتۈر ئېقىش كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتساق، مەسىلە ئاسانلا ھەل بولىدۇ. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ.

2. تاماقنى ئاستىراق يېيىش

بەزى كىشىلەر تاماق يېگەندە ئاچ بۆرىدەك يېمەكلىكلەرنى چاينىمايلا يۇتۇۋېتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك.

تاماقتىن كېيىن دائىم قورساق كۆپۈپ ئاغرىمدۇ؟

3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك

يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇخلىسا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرگىز بىر نەرسە يېمەڭ، ئەگەر قورسىقىڭىز ئاچقاندەك ھېس قىلسىڭىز، بىر ئىستاكان سۈت ئىچسىڭىز بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. دەم ئېلىش جەھەتلەردىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ياكى دائىم تۈنىسە، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم ناچارلىشىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش گەرچە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنچىۋالا ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما مەيلىگە قويۇپ بېرىش، كارى بولماسلىقمۇ بەزى زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەزىم قىلىش ناچارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى چۈشىنىپ، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا تەڭشەپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنىڭ ناچار تەسىرىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى