يېمەك-ئىچمەك

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان توققۇز خىل يېمەكلىك

ئىممۇنىتېت كۈچى يەنى بىز دائىم دەيدىغان «قارشىلىق كۈچى» بەدەننىڭ سىرتتىن كەلگەن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ياكى يوقىتىش ئىقتىدارىدۇر. كۈندىلىك ھەرىكەت، ياخشى ئارام ئېلىشتىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى، ئۇنداقتا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

1. ئۆرۈك مېغىزى

ئۆرۈك مېغىزى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىك، گەرچە ئۇ بىر خىل يۇقىرى مايلىق يېمەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى يەككە تويۇنمىغان ياغ بولۇپ، يۈرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆرۈك مېغىزى ساپ پىگمېنت ئاقسىلىنىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسى ۋە زۆرۈر بولمىغان ئامىنو كىسلاتاسى بار. ئادەتتە قېتىق ياكى سالاتقا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

2. پېرسېيە نەشپۈتى (牛油果)

پېرسېيە نەشپۈتى تەركىبىدە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇش بىلەن مەشھۇر (بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولغان يەنە بىر خىل يېمەكلىك زەيتۇن يېغىدۇر). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇمۇ ۋىتامىن E، ۋىتامىن C، تۆمۈر ۋە سىنكنىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى.

ئەمما پېرسېيە نەشپۈتىنىڭ ئىسسىقلىقىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بىر تال پېرسېيە نەشپۈتىنى يەۋەتسە بەدەن ئېغىرلىقىغا ئانچە ياخشى بولمايدۇ. پېرسېيە نەشپۈتىنى يالپاقلاپ، ساندىۋىچنىڭ ئىچىگە ياكى سالاتنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

3. چېچەكسەي

چېچەكسەي ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى، بىر ئىستاكان چېچەكسەي سۈيىنىڭ تەركىبىدە بەدەن پۈتۈن بىر كۈن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن C بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېچەكسەي يەنە ۋىتامىن A ۋە ئۆسۈملۈك تىپىدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

4. پەيسىمان كاپۇستا

پەيسىمان كاپۇستا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى تۆۋەن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تۆۋەن يېمەكلىك بولۇپ، ۋىتامىن kنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Kنىڭ مىقدارى بىز كۈندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن Kنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ. ۋىتامىن K سۆڭەك ساغلاملىقى ۋە قان ئۇيۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

5. ئەنبەھ (ماڭگو)

بىر خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنبەھنىڭ شىرنىسى كۆپ، تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇقىمۇ مول. بىر ئەنبەھ تەركىبىدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ۋىتامىن C بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كالىي مول بولۇپ، ناترىي تەركىبى يوق دېيەرلىك، ئۇنى يېگەندە قان بېسىمى ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ.

6. قىزىل قاپاق مۇچ

قىزىل قاپاق مۇچنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما تەركىبىدە مول ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن B6 بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ۋىتامىن E، ۋىتامىن K، فولىك كىسلاتاسى، كالىي ۋە مانگاننىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بىر چوڭ قىزىل قاپاق مۇچ 1.3mg مانگان بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ بىز كۈندىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مانگاننىڭ %55 ~%75نى ئىگىلەيدۇ.

7. تاتلىقبەرەنگى

تاتلىقبەرەنگىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ۋىتامىن C، ۋىتامىن E ۋە تۆمۈر ئېلېمېنتى بار، ئادەتتە دۇخوپكىدا پىشۇرۇپ يېسە ناھايىتى تەملىك بولىدۇ.

8. تۇننۇس بېلىقى (金枪鱼)

تۇننۇس بېلىقى تەركىبىدە Omega-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولۇش بىلەن داڭلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىنك، سېلېن ۋە ئاقسىلمۇ مول بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ.

9. قېتىق

قېتىق تەركىبىدە پايدىلىق باكتېرىيىلەر كۆپ بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇ يەنە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە يەنە بەزى ۋىتامىن A ۋە سىنك بار. ئەمما بازاردا سېتىلىۋاتقان قېتىقنىڭ قەنت تەركىبى ئادەتتە بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئەسلى تەمدىكى قېتىقنى تاللاپ، ئازراق قاتتىق پوستلۇق مېۋە، شىرنىلىك مېۋە ۋە ئازراق ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئەسلىدىكى ئوزۇقلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى