يېمەك-ئىچمەك

ئەمدى مايدا پىشۇرۇلغان توخونى ئاز يەڭ!

ئەمدى مايدا پىشۇرۇلغان توخونى ئاز يەڭ!

سىز مايدا پىشۇرۇلغان توخو يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئەمدى ئۇلارنى يېمەڭ! مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، مايدا پىشۇرۇلغان توخونىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىگە بولغان بېسىمى ئىنتايىن چوڭ، ئىلگىرى بەزىلەر يەتتە پارچە مايدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشى يېگەچكە، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، 420 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ داۋالاپ ساقايتقان. ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، بولۇپمۇ مايدا پىشۇرۇلغان ۋە قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاشقازان ئاستى بېزى مەسىلىسىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھازىر نۇرغۇن بالىلار ياغدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھە دېسىلا بىر نەچچە تال توخو پاچىقى، بىر نەچچە پارچە توخو قانىتى يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارنىڭ تېنىگە نىسبەتەن غايەت زور جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك كىرىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى مايدا پىشۇرۇلغان توخونى ئاز يەڭ!

مايدا پىشۇرۇلغان توخونىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئوزۇقلۇق زىيانغا ئۇچراش: يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېمەكلىك مېيىدىكى پايدىلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە مايدا قورۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

2. تەستە ھەزىم بولىدۇ: يېمەكلىك مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىنى كۆپ مىقداردا ماي ئوراپ تۇرىدۇ، ئەمما ماينى ھەزىم قىلىش قىيىنراق، شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ قورساق قىسمى چىڭقىلىپ بىئارام بولىدۇ، بولۇپمۇ جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئاشقازان ئۈچەي يولى ئىقتىدارى ناچار كىشىلەر شۇ سەۋەبتىن بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاسان ھەزىم بولىدىغان بەزى يېمەكلىكلەردىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تەستە ھەزىم بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ھەزىم قىلىش يولىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇش، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان دىيابېت بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىقى كېرەك.

3. سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ: يېمەكلىك ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن مولېكۇلا قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، مەسىلەن تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تۆۋەنلەپ، قىسمەن ياغ كىسلاتاسى تەتۈر قۇرۇلمىغا ئۆزگىرىدۇ؛ ئەگەر ئىشلىتىلىدىغىنى ھىدروگېنلاشقان ماي بولسا، مايدا پىشۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ماينىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ياغدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا پايدىسىز.

4. ئىسسىقلىق مىقدارى ئېشىپ كېتىش: يېمەكلىكلەرنى مايدا پىشۇرغاندىن كېيىن، ئەسلىدە تەركىبىدە ياغ بولمىغان ياكى ناھايىتى ئاز بولغان يېمەكلىكلەردە ياغنىڭ مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

بالىلار مەززىلىك تائاملارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ياغدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشى يېيىشلىك، ئەمما ساغلام ئەمەس، كۆپچىلىك ھوشيار بولۇشى كېرەك. مايدا پىشۇرۇلغان توخونىڭ تازىلىق مەسىلىسى كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. نۇرغۇن بالىلار يول بويىدىكى كىچىك دۇكانلاردىكى ياغدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشى يەيدۇ، بىز ياسىغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن مايلىق دۆشە ئۈستىدە توخونى پارچە-پارچە قىلىپ توغرىغانلىقىنى كۆرىمىز. بەزىدە، ياغدا پىشۇرۇلغان يېرىم تەييار مەھسۇلاتنى سىرتتا تاشلاپ قويۇپ، خېرىدارلار بۇيرۇتقاندىن كېيىن قازانغا سېلىپ پىشۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن زور تازىلىق يوشۇرۇن خەۋپى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن دۇكاندارلار ئىشلەتكەن مايلاردىمۇ ناھايىتى چوڭ مەسىلە بار بولۇپ، كۆپ ھاللاردا قازاندىكى ماينى قايتا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى قالدۇقلار بەدەنگە زىيانلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەمدى مايدا پىشۇرۇلغان توخونى ئاز يەڭ!

مايدا پىشۇرۇلغان توخو يېيىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسىنى دوختۇرخانىدا ھەر كۈنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ياغنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىرى تازىلىق مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆز نەپسىنى كونترول قىلىپ، ياغدا پىشۇرۇلغان توخو گۆشىنى ئاز يەپ، سالامەتلىككە ھەمراھ بولۇش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى