تەرمىلەر

ئاچچىقىڭىزدىن بالىڭىزغا ۋارقىرىغىنىڭىزدا ئۇ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

بالىلىرىغا ۋارقىراش كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىملىق ئەھۋالىغا ئايلاندى. ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئاۋازىنى قويۇپ ۋارقىرىغاندا بالىسىنىڭ قەلبىنى چۆچۈتكىلى بولىدىغاندەك، ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بىراق ۋارقىرىغان چېغىڭىزدا ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ ئەگەر ۋارقىرىشىڭىزنىڭ پايدىسى بولغان بولسا تاكى بۈگۈنگىچە نېمىشقا ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ۋارقىرىغان چېغىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تىزگىنلىيەلمەي، ئىش ئۆتكەندىن كېيىن بالىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىپ پۇشايمان قىلامسىز؟

ئاچچىقىڭىزدىن بالىڭىزغا ۋارقىرىغىنىڭىزدا ئۇ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، %90 ئائىلىنىڭ بالىسىغا ۋارقىراپ باشقۇرۇش سەرگۈزەشتىسى بولىدىكەن. بىراق بالىغا ۋارقىرىغاندىكى ئەھۋال يەنە نەچچىگە بۆلۈنىدىكەن، ئۇنداقتا قايسى خىل ئەھۋالنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ۋە زىيىنىنىڭ ئەڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

80% ئاتا-ئانىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بالىغا ۋارقىراپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يىغلىماي، قەغىشلىك قىلماي، تەڭ تۇرماي، بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلماي، ھەتتا ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىمۇ بىلدۈرمەي، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇۋېلىشىدۇر. بۇ چاغدا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟

بالىنىڭ تۇنجى ئويى بولسا «مەن ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدىم، ئەكسىچە ئاتا-ئانام مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ» دىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ غەزەپ يېغىپ تۇرغان چىرايى ۋە قاتتىق ئەيىبلىشىدىن چۆچۈيدۇ، قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى مۇھەببەتنىڭ قورغىنى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىشنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن قىلچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئاتا-ئانىسىنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ، نەتىجىدە ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىغا بولغان بىر خىل ئېغىر روھىي خورلىشى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قېتىمقى تىل-دەشنام بالىنىڭ ئىچكى قەلبى ۋە روھىي دۇنياسىنى قىيناپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

قانداق قىلغاندا ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى ۋە بالىغا مۇھەببەتكە تويۇنغان، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار ئائىلە مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ؟

ئاچچىقىڭىزدىن بالىڭىزغا ۋارقىرىغىنىڭىزدا ئۇ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

«مۇشۇ كەمگىچىمۇ چىشىڭنى چوتكىلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ، ئۇيقۇڭنى ئۇخلىمايدىغان قانداق بالىسەن؟» دېگەندىن كۆرە، «قوزام، ئىككىمىز بىرگە چىشىمىزنى چوتكىلاپ يۈزىمىزنى يۇيايلى، بولامدۇ؟» دېيىش كېرەك.

«يەنە تۆۋەن نومۇر ئاپسەنغۇ؟» دېگەندىن كۆرە، «بالام، بۇ قېتىم ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەن بولساڭ ھېچقىسى يوق، كېلەر قېتىم تىرىشقىن، مەن ساڭا ئىشىنىمەن» دېيىش كېرەك.

بالىلار بىلەن بولغان پارىڭىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىمىزنى بالىغا زورلىماي، بەلكى ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك.

دائىم تىل-دەشنام ئاڭلايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق ئادەتلەر بولىدۇ: دائىم ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، ھەمىشە ئۆزىنى سۆيۈلۈشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئاسانلا ساختا تونغا ئورۇنىۋالىدۇ، ئۆزىنى كۈچلۈك ھالەتتە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراشتىن ۋە چەتكە قېقىلىشتىن قورقىدۇ، كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ئويىنى ئىپادىلەشنى ياقتۇرمايدۇ، خىيال سۈرۈشنى ۋە يالغۇزلۇقنى خالايدۇ.

ئاچچىقىڭىزدىن بالىڭىزغا ۋارقىرىغىنىڭىزدا ئۇ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

ئاتا-ئانىلار ھەمىشە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى كەيپىياتىنى بالىسىغا يۈكلەشكە ئادەتلەنگەن، بالىنى ئاچچىقىنى چىقىرىشتىكى قورالغا ئايلاندۇرغان. بالىلار تولىمۇ ئاجىز ھەم بىچارە كېلىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قېلىپتىكى تەربىيەنى 10-20 يىل ئىشلىتىشى ھاجەتسىز. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىلا ياشىماسلىقى، ئاچچىقى كەلگەندە ئاۋال 10 سېكۈنت تۇرىۋېتىپ، ئاندىن ئاچچىقلىنىش ياكى ئاچچىقلانماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى تۇتالماي ۋارقىراپ سالغىنىدا دەرھال بالىنى قۇچاقلاپ ئورنىنى تولدۇرۇشنى، بالىنىڭ كەيپىياتىغا ئېتىبار بېرىشنى، ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بالىغا مۇھەببەت ۋە توغرا-خاتالىقنى تەڭ ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

تۇرمۇشتا مۇكەممەل ئاتا-ئانىلار بولمايدۇ، شۇنىڭدەك مۇكەممەل بالىمۇ بولمايدۇ. بالىنى مەقسەتلىك ھالدا مۇكەممەل قىلىمەن دېگەندىن كۆرە، بالىنى مۇھەببەت ۋە بەخت تۇيغۇسىغا تويۇندۇرۇپ تەربىيەلەش كېرەك. شۇندىلا بۇ بالىغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا سوۋغات ھېسابلىنىدۇ. مۇكەممەل بولماسلىقنىڭمۇ بىر خىل گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىز، ھەقىقىي بەختنى تاپقان ۋە شۇنداقلا بەخت ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا باشلىغان ۋاقتىڭىزدۇر.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى