ساغلاملىق

ھامىلىدارلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان 11 خىل ئامىلنى بىلىۋېلىڭ

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياشنىڭ چوڭىيىشىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھالقىلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن بىر ئايال ئوتتۇرا ياش باسقۇچىدا تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تاشقى ئامىللىرىمۇ ھامىلىدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كۆپىنچە ئاياللار ھامىلىدار بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، تۆۋەندىكىلەر ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولۇپ، ئەگەر سىز ھامىلىدار بولماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ ساۋاتلارنى بىلىۋېلىڭ.

1. سېمىزلىك

ئارتۇق ماي ھورمۇننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ھامىلىدار بولۇشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ، ئايال قانچە سېمىز بولسا تۇخۇمدان ئىقتىدارى شۇنچە تېز تۆۋەنلەيدۇ.

2009-يىلى ئېلان قىلىنغان «تۇغۇت ۋە تۇغماسلىق» (Fertilityy and Sterilityy) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، 18 ياشتىن باشلاپ سەمرىپ كەتكەن ئاياللار ئاسانلا كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، شۇنداقلا ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

2. زىيادە ئورۇق بولۇش

بەدەندە ياغ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە تۇغۇشقا تەسىر يېتىدۇ، ئەكسىچە بەك ئورۇق ئاياللارمۇ تۇغۇت قىيىنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى بەدەندە ئورۇق ئاقسىل كەمچىل بولغاچقا، بۇ خىل ھورمۇن ئاچلىق ۋە تويۇش تۇيغۇسىنى كونترول قىلالايدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2009-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئورۇق ئاقسىل مىقدارى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولسا ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇت تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى.

3. ياشنىڭ چوڭىيىشى

ئاياللار ئادەتتە 40 نەچچە ياش ياكى 50 نەچچە ياش ۋاقتىدا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تۇخۇم چىقىرالمايدۇ ھەم ھامىلىدار بولالمايدۇ. ئەمما كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويۇشتىن تەخمىنەن 10 يىل بۇرۇن تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇخۇم چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدا تۇغۇت مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ مەزگىل ھەيز توختاش مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇغۇت كۈچىنىڭ قاچاندىن باشلاپ جىددىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا، تېخى رەسمىي سانلىق مەلۇمات يوق، لېكىن نۇرغۇن دوختۇرلار «35 ياشتىن كېيىن ھامىلىدار بولۇش بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ» دەپ قارايدۇ. بەزى ئاياللار ھەيز توختاش مەزگىلىگە بالدۇر كىرىدۇ، يەنە بەزىلىرى 40 ياشتىن ئاشقاندىمۇ تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

شۇڭا ھەرقانداق ياشتىكى ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەگەر ھامىلىدار بولماقچى بولسا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى بىر يىل بولغان بولسا، بالدۇرراق كۆپىيىش بۆلۈم دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈش كېرەك.

4. ئانىنىڭ ئىرسىيىتى

قىزنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش يېشى ئانىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ تۇخۇم سانى ئۇ تۇغۇلغاندا مۇقىم بولىدۇ، ئىرسىيەت ئامىلى تۇخۇمنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى شۇنداقلا تۇخۇم چىقىرىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بارلىق ئاياللار ئانىسى بىلەن ئوخشاش قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلمايدۇ، بۇنىڭدا تاشقى ئامىللارمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

5. كۈندىلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار

2013-يىلى «مۇھىت ۋە ساغلاملىق قارىشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغىما ماددىلار، ھاشارات يوقىتىش دورىلىرى ۋە سانائەت بىرىكمىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى %29 چېكىنىپ كېتىدىكەن. بۇ يىل مەلۇم بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت تولۇق فىتورو ئالكىل ۋە پولى فتوروئالكىل ماددىسى (PFAS) بىلەن ئۇچراشقاندا، تۇخۇمداننىڭ فۇنكسىيەلىك زاپىسى ۋە ھورمۇننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىل ماددا ھەر خىل سولياۋ ۋە يېپىشماس قازان سۇۋالغۇلىرىدا بولىدىكەن.

6. تاماكا چېكىش

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىش بوۋاقلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ۋە غەيرىي تۇغۇلۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى تاماكا چېكىش بىلەن تۇغماسلىق كېسىلى ئوتتۇرىسىدىمۇ بەلگىلىك باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.

ئاياللارنىڭ تۇغۇت كۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماكىدىن بايقالغان خىمىيەلىك ماددىلار ئانىلىق ھورمۇننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتىپ، تۇخۇمداننىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە تۇخۇمنىڭ ئۆلۈشىنى تېزلىتىدۇ. ئىس-تۈتەكتىكى زەھەرلىك بىرىكمىلەر داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ چاپلىشىپ قېلىش ۋە يات ئورۇندىكى ھامىلىدارلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇت ئىقتىدارىغا ۋاسىتىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېخىمۇ كۆپ ئاياللار ئۆزى تاماكا چەكمىسىمۇ دائىم ئىككىلەمچى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن زەخىملىنىدۇ.

2010-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە تاماكا ئىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ %72.4 ئى تاماكا ئىسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا 40 شەھەردىن كەلگەن تاماكا چېكىدىغان ۋە ئىككىلەمچى تاماكا چېكىۋاتقان ئاياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاماكا چېكىۋاتقان ۋە ئىككىلەمچى تاماكا چېكىۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇغماسلىق خەۋپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

7. ھاراق ئىچىش

بىر ھەپتىدە بىر نەچچە رومكا ھاراق ئىچىشنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، لېكىن دوختۇر ئاياللارغا ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىكنى، يەنى ھەر كۈنى بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلېكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، بۇ تۇخۇمداننىڭ چېكىنىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، 2004-يىلى شىۋېتسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئايالنى 18 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئاسان ھامىلىدار بولۇپ داۋالىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال ھاراق ئىچىشنى توختىتىش كېرەك، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھاراق ئىچكەندە بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھاراق ئىچىشنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىگە كەلسەك، مېدىتسىنا ساھەسىدە تېخى ئېنىق قاراش يوق. نۇرغۇن دوختۇرلار «ئاياللار ئاز مىقداردا ھاراق ئىچسە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ، ئەمما ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ۋە داۋالاش باش مەھكىمىسى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچمەسلېكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ھاراق ئىچىشنىڭ ھامىلىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.

8. زىيادە ھەرىكەت

ھەرىكەت زىلۋا، كۈچلۈك ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالەتنى ساقلايدۇ، بۇ ھامىلىدار بولۇشنى خالايدىغانلارغا زور ياردەم بېرىدۇ، لېكىن ھەرىكەت زىيادە بولۇپ كەتسە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بەك چوڭ بولسا، تۇخۇم چىقىرىشقا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. زىيادە ئورۇق ئاياللار تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، نورمال بەدەن ئېغىرلىقى بار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، ئەگەر بىر ھەپتىدە بەش سائەتتىن ئارتۇق جىددىي ھەرىكەت قىلسا، تېخىمۇ تەستە ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ روشەن سىگنال ھەيز دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت.

9. قالقانسىمان بەز كېسىلى

ئۇزاقتىن بۇيان، تېببىي ساھەدىكىلەر قالقانسىمان بەز مەسىلىسى تۇخۇم چىقىرىش ۋە ھامىلىدار بولۇشنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ گۇمانلاندى، 2015-يىلى «تۇغۇت بۆلۈمى ۋە ئاياللار بۆلۈمى» (TObstetric& Gynecologgist) قەرەللىك ژۇرنىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتمۇ بۇ قاراشنى قوللىدى، ھەمدە ھامىلىدار بولۇش قىيىن بولغان ئاياللارنىڭ قالقانسىمان بەز كېسەللېكىنى سىناق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئېغىر دەرىجىدىكى قالقانسىمان بەز كېسەللىكى بار كىشىلەردە ئادەتتە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىككىلەمچى كىلىنىكا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكىمۇ ئادەتتە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئاياللار ھېس قىلمىغان ئەھۋالدا نازۇك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

10. كوفېئىن

ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا كوفېئىن قوبۇل قىلسىمۇ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2011-يىلى نېۋادا تېببىي ئىنستىتۇتى (Nevada School of Medicine) نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا، كوفېئىننىڭ تۇخۇمنىڭ تۇخۇمداندىن تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق بالىياتقۇغا بېرىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىغا كاشىلا قىلغانلىقى بايقالغان.

2012-يىلى دانىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى بەش ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىدىكەن، ئەمما باشقا تەتقىقاتلاردا كوفېئىننىڭ پەرزەنت كۆرۈشكە نىسبەتەن ھېچقانداق رولى يوق ئىكەن.

ئەگەر ھامىلىدار بولۇش قىيىن بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈندىلىك كوفېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئەگەر 200 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتسە، يەنى كۈنىگە بىر ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچسە، كوفېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىشنى ئويلىشىش كېرەك.

11. كېسەل بولۇش ئەھۋالى

مەسىلەن، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى ئالامىتى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا ئورۇندا بولۇش كېسىلى ۋە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىسى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ياكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەر (مەسىلەن، بۆرە چاقىسى ياكى رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى) گە گىرىپتار بولغان ئاياللارمۇ ھامىلىدار بولالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ياكى ھەمراھىنىڭ ئۇرۇقىغا ھۇجۇم قىلىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن.

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كۆپ ھاللاردا بۇ خىل ساغلام ئەھۋالدىكى ئاياللار يەنىلا ھامىلىدار بولۇپ ساغلام بوۋاق تۇغۇدىكەن. داۋالاش كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى باشقۇرۇش ۋە ياخشىلاش، زۆرۈر تېپىلغاندا تۇغۇت ياردىمىنى كۆرۈش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى