تەرمىلەر

ئامېرىكىلىق ياشلار شەھۋانى تور بېكەتلەردىن جىنسى تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىكەن

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا «جىنسىيەت ئارخىپى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئاساسلىق جىنسىي بىلىملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى شەھۋانىي تور بېكەتلەر ئىكەن.

ئامېرىكىلىق ياشلار شەھۋانى تور بېكەتلەردىن جىنسى تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىكەن

ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق ئىنستىتۇتىدىكى مەھەللە ساغلاملىق پەنلىرى پىروفېسسورى ئېمىلىي روتمان (Emily Rothman)نىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ تەتقىقات 357 نەپەر 18 ياشتىن 24 ياش ئارىلىقىدىكىلەر ۋە 324 نەپەر 14 ياشتىن 17 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ، جىنسىي ساغلاملىقى ۋە جىنسىي ھەرىكىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي تۇرمۇشقا قارىتا مەلۇم چۈشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتقان.

تەكشۈرۈشكە قاتناشقان %25 ياش شەھۋانىي تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. %25 كىمۇ يەتمەيدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ جىنسىي ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تېخىمۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، دوستلىرى، تاراتقۇلار ياكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەمراھىدىن ئېرىشكەن جىنسى تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ نىسبىتى ئەر زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، ئەرلەرنىڭ شەھۋانىي تور بېكەتلەردىن جىنسى تۇرمۇش بىلىملىرىغا ئېرىشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.

ئېمىلىي روتمان مۇنداق دېگەن: ياشلار، بولۇپمۇ ئەرلەر ئۆزىنىڭ ھەمراھى بىلەن بولغان ئىككى جىنس مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى «جىنس»قا ماھىر دەپ قارايدۇ ۋە جىنسىي ھەمراھىنىڭ ئىنكاسىغا سەل قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاساسلىقى شەھۋانىي تور بېكەتلەردىن كېلىدۇ، لېكىن شەھۋانىي تور بېكەتلەر ھەمىشە ئادەمنى خاتا يېتەكلەپ قويىدۇ. توردىكى ۋىدېيولارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلچەملىك جىنسىي تەربىيە بولماستىن، بەلكى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تاپاۋەت ئۈچۈن ئىشلەنگەن، شۇڭا ياخشى بولغان يېتەكلەش رولىنى ئوينىيالمايدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپلىگەن ياش-ئۆسمۈرلەر يەنە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەكلىپ-پىكرى ۋە تەربىيەسىنى ئاڭلىغان. ئېمىلىي روتماننىڭ قارىشىچە، ياشلارنىڭ جىنسىي بىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەھۋانىي تور بېكەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئاممىۋى ساغلاملىق مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ يەنە: «بىز جىنسىي تەربىيەنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇشىمىز، ئۇلارغا «جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كىشىلىك ئالاقىدىكى رولىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى