ساغلاملىق

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

نۇرغۇن ئاياللارغا ئاياللار كېسەللىكى ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ھەمىشە دوختۇردىن: «نېمە ئۈچۈن ئاياللار كېسەللىكى بولۇپ قالغاندىمەن، ئېرىم جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ماڭا يۇقتۇرۇپ قويغانمىدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.
ئاياللار كېسەللىكلىرى ياللۇغى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەقىقەتەن بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش (جىنسىي مۇناسىۋەت )تىن يۇقىدۇ، مەسىلەن: تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى(滴虫性阴道炎)، سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى(淋病奈瑟菌)، تىراخوما خىلامىدىيەسىدىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلار. قايسى خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ؟ قانداق ئالامەتلەر بار؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى
تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي يول تامچە قۇرۇتىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ياللۇغلىنىش بولۇپ، ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىلىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

تامچە قۇرت ئەرلەرنىڭ خەتنىلىك پۈرۈلمىسى، سۈيدۈك يولى ياكى مەزى بېزىدە پارازىت ياشايدۇ، ئەرلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن دائىم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئاياللارغا يۇقۇپ، ئاياللاردا تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟
تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىش ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، قىچىشقان ئورۇن ئاساسلىقى جىنسىي يول ئېغىزى ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزادا بولىدۇ. يەنە قىزىش، ئاغرىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئاق خۇن سۇيۇق يىرىڭلىق، سارغۇچ يېشىل كېلىدۇ ھەمدە سېسىق پۇرايدۇ. ئەگەر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلسە، پات ـ پات سىيىش، سىيگەندە ئاغرىش، ھەتتا قان سىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

جىنسىي يول تامچە قۇرتى ئىسپېرمىنى يۇتۇۋېلىپ، ئىسپېرمىنىڭ جىنسىي يولدا ھايات قېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلدار بولالماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانسا، يەنە ھامىلە پەردىسى بالدۇر يېرىلىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋە ئېغىرلىقى يېنىك تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قانداق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك؟
ئاسما ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: دوختۇرلار مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن جىنسىي يولنى ئېچىپ، مىكروبسىز كىچىك قىرىش تاختىسى بىلەن جىنسىي يولدىن ئاجرالمىلارنى ئالىدۇ، ئاجرالمىلارنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال فىزىيولوگىيىلىك تۇز سۈيى تېمىتقان ئەينەك پارچىسىغا قويۇپ، مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، تېز سۈرەتتە تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقارغىلى بولىدۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە چالا تەكشۈرۈش نىسبىتى بار. ئەگەر يۇقىرىقىدەك كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلۈپ، كۆپ قېتىم تامچە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ تامچە قۇرتنى تاپقىلى بولمىسا، يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، توغرىلىق نىسبىتى %98كە يېتىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى، تىراخوما خىلامىدىيەسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى
سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى ۋە تىراخوما خلامىدىيەسى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىپ، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى يەنىمۇ ئېغىرلاشسا، يۇقىرىغا ئۆرلەپ داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىپ، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى ۋە تىراخوما خلامىدىيەسىمۇ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىپ بىۋاسىتە داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىپ، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى ياكى خىلامىدىيە (衣原体) كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلەن قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، مەسىلەن: مەقئەت، ئەۋرەت، ئېغىز ئارقىلىق ئۇچرىشىشنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. ھەمجىنىسنىڭ جىنسىي ھەمراھى مەنىي چىقارمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئىلگىرى سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى ياكى خىلامىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان ھەمدە داۋالانغان بولسىڭىز، بۇ ئىككى خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم بىلەن قوغداش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلمىغاندا، قايتا يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى
مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىمارلىرىدا روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر بولمىغاچقا، ئاسانلا سەل قارىلىدۇ.
بىر قىسىم بىمارلاردا يېپىشقاق يىرىڭلىق ئاق خۇن، ھەيز مەزگىلى بولمىسىمۇ قاناش ياكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن قاناش ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا سۈيدۈك يولى ياللۇغى قوشۇلۇپ، پات ـ پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

داس بوشلۇقى ياللۇغى بىمارلىرىدا ئادەتتە تۆۋەنكى قورساق ئاغرىشتا ئىپادىلىنىدۇ، دائىم ھەرىكەت قىلغاندا ياكى جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ، ئاساسلىقى ھەيزنىڭ ئاخىرىدا يۈز بېرىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا قىزىش، سوغۇقتىن قورقۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ھامىلدار بولالماسلىق، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ئاغرىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسى ياكى خىلامىدىيەدىن يۇقۇملىنىشمۇ ھامىلىدار ئانا ۋە بالىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن،

دىياگنوز قويۇش
سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيىسى، خىلامىدىيە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرۈش: بالىياتقۇ بوينى ئاجراتمىلىرىنى قوللىنىپ، سۆزنەك نېيسسېرىيە باكتېرىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، سۆزنەككە دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئالتۇن ئۆلچىمى.
خىلامىدىيەنى تەكشۈرۈش: بالىياتقۇ بوينى ئاجرالمىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە ئىممۇنىتېتلىق فلۇئورېسسېنسىيە ئۇسۇلى ۋە ئېنزىم بىرلەشمە ئىممۇنىتېتلىق ئادسورپسىيە تەجرىبىسى ئىشلەش، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى.

داس بوشلۇقى ياللۇغى بىمارلىرى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى ياكى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشى كېرەك. بەزى ئېغىر داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىشىغا قارىتا، ئانتىبىئوتىك دورىلاردىن باشقا، يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىشىمۇ مۇمكىن.
جىنسىي ھەمراھنى بىرلا ۋاقىتتا داۋالاپ، يەنە بىر قېتىم گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. داۋالاشتىن كېيىنكى ئۈچ ئايدا ئىككى تەرەپ قايتا تەكشۈرۈپ، يۇقۇملىنىشنىڭ تازىلانغانلىقىنى بېكىتىشى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر ئۆزىنىڭ بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىسا، خالىغانچە دورا ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشى كېرەك.

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقامدۇ؟

تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە داس بوشلۇقى ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ:
جىنسىي تۇرمۇش تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش، قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جىنسىي تارقىلىشنى ئازايتىش كېرەك.
يېشى 25 ياشتىن كىچىك، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار، جىنسىي ھەمراھىدا جىنسىي تارقىلىش بولغان ئاياللارنى قەرەللىك تاللاپ تەكشۈرۈش كېرەك.
يۇقۇملىنىش يۈز بەرگەن ھامان، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇنتىزىم، ئۈزۈل ـ كېسىل داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. جىنسىي ھەمراھنى بىرلا ۋاقىتتا داۋالاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى