ساغلاملىق

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

ياغ دېگەن نېمە؟
قورساقتىكى بىر دۆۋە سېمىز گۆش دەل ياغ، ياغنىڭ يەنە بىر ئىسمى ياغ توقۇلمىسى. ماي توقۇلمىلىرىدا يەنە ماي ھۈجەيرىلىرى بار، بۇ دوختۇرخانىلار دائىم دەيدىغان ترى گلىتسېرىد (甘油三酯)، ئەمەلىيەتتە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياغ دېگەن ماي، خۇددى سىز كۆكتات بازىرىدىن سېتىۋالغان قىچا يېغىغا ئوخشاش.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

شۋېتسىيە دوكتورىنىڭ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياغ ھۈجەيرىلىرى بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلىدە زور مىقداردا ئېشىپ، يېتىلىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. شۇڭا قورامىغا يەتكەنلەر سەمرىپ كەتسە، ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجىمى تېخىمۇ چوڭىيىپ، ئىچىدىكى ماي تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن، بۇ خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

شۇڭا، بىز كېيىنكى مەزگىللىك ئورۇقلاش جەريانىدا، ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىمىز، بۇمۇ بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلىغاندىن كېيىن تېرىمىزدە قورۇق پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى.

ماينىڭ قانچە خىل تۈرى بار؟
ياغ ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى تېرە ئاستىدىكى ماي دەپ ئاتىلىدۇ، تېرە ئاستىدىكى ياغ تېرىمىزنىڭ ئاستىدا بولۇپ، قولىمىز بىلەنلا تۇتالايمىز، يەنە بىرى ئىچكى ئەزادىكى ماي دەپ ئاتىلىدۇ، ئىچكى ئەزادىكى ماي دەل ئەزالىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر جىگەرنى ماي قاپلاشنى چۈشىنىدۇ.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

ماي نەدىن كېلىپ بەدەنگە يىغىلىدۇ؟
بىرىنچى خىلى، مېۋە قەنتى جىگەرگە كىرگەندىن كېيىن، ماي ھۈجەيرىلىرىگە توشۇلىدۇ. بىز يېگەن قەنت قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ئاسان پىۋا قورساق شەكىللىنىدۇ.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

ئىككىنچى خىلى: كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تۈرىدىكىلەر، گازلىق سۇ، مېۋە شەربىتى، پىۋا، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، كاۋاپ تۈرىدىكىلەر، بۇ يېمەكلىكلەر تېز سۈرەتتە ھەزىم قىلىنىدۇ، ھاسىل بولغان گىلۇكوزا قانغا ئېقىپ كىرىپ، غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئارتۇق كالورىيەنى مايغا ئايلاندۇرۇپ ساقلايدۇ؛

ماي قانداق پارچىلىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ؟
ماينىڭ قانداق پارچىلىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندە ماينىڭ ئوكسىدلىنىش جەريانىدىكى بىر فورمۇلانى كۆرۈپ باقايلى:
C55H104O6 (ئوتتۇرىچە ترى گلىتسېرىد )+7802(ئوكسىگېن)=55CO2(كاربون (Ⅳ) ئوكسىد)+52H2O(سۇ)+ئ‍ېنىرگىيە؛
يۇقىرىقى ئاجرىتىش فورمۇلاسىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ماي پارچىلانغاندىن كېيىن، سۇ ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىغا ئايلانسا، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قانچىلىك بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

دېمەك، ماينىڭ %84تى نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، پەقەت %16تى سۇ ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، شۇڭا سىز ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئەڭ مۇھىمى ماينى پارچىلىشىڭىز كېرەك، بەدەندىكى سۇ تەركىبىمۇ تەر ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىلمىي ئۇسۇلدا ئورۇقلاش كېرەك.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

قانداق ھەرىكەت ماينى تېز سۈرئەتتە خوراتقىلى بولىدۇ؟
يۇقىرىقى فورمۇلادىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماينىڭ سەرپ قىلىنىشى ئوكسىگېن تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ماينى ئەڭ كۆپ خورىتىدىغان ھەرىكەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا ماي پارچىلىنىدۇ.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

لېكىن نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر كۈچ مەشىقى ياغنى تېخىمۇ ياخشى خورىتىدۇ دەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كۈچ مەشىقى ماينى خوراتمايدۇ، بەلكى كۈچ مەشىقى قىلغاندىن كېيىن مۇسكۇللىرىمىز ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشىق قىلغاندا مۇسكۇل ۋە مۇسكۇللارنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىقمۇ تەبىئىيلا ئاشىدۇ.

ماينىڭ خورىغان ـ خورىمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

خۇلاسە: ئەگەر تېز سۈرئ‍ەتتە ئورۇقلىماقچى بولساق، ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمىز ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ۋە يېمەك ـ ئىچمەكنى كونترول قىلىش، خاتا تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتتە يۈگۈرۈش، دۆڭگە چىقىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئارغامچا سەكرەش، تېز مېڭىش قاتارلىقلارنى تاللىساق بولىدۇ، يېمەك ـ ئىچمەكتە يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى يېمەكلىك تالاسى، تۆۋەن ياغ، تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ، سۇنى كۆپ ئىچىش، خاتا تۇرمۇش ئادىتى مەسىلەن: تۈنەش، كېچىلىك تاماق يېيىش، ناشتا قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى