ساغلاملىق

خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ زىيىنى يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسەللىكى ۋە راك قاتارلىق قارىماققا «تېخىمۇ ئەجەللىك كېسەللىك»لەردىن خېلىلا ئىغىر بولۇپ، لېكىن كىشىلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىكىگە بولغان چۈشەنچىسى راك كېسەللىكىگە بولغان چۈشەنچىسىگىمۇ يەتمەيدۇ. ھالبۇكى، خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرى تۈرلۈك پىسخىكىلىق يۈكلەر تۈپەيلىدىن، ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلمەي، ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە نۇرغۇن ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە خامۇشلۇق كېسىلى كىشىلەرنىڭ توغرا چۈشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن «پىسخىكىلىق كېسەللىك»، ئۇنىڭغا توغرا ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس

1. خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

خامۇشلۇق ئادەتتىكى كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئەمەس، بەلكى بىر خىل داۋاملىشىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن (ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە)، ھەر ۋاقىت دېگۈدەك ئىنتايىن چۈشكۈن كەيپىياتنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتىكى كىشىلەردە چۈشكۈن كەيپىياتىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملىشىشى ناھايىتى تەس. خامۇشلۇق كېسىلى خۇددى بىر پاتقاققا ئوخشاش بىمار قانچە تىركەشكەنسېرى شۇنچە چوڭقۇر پېتىپ كېتىدۇ.

ئەگەر سىز خامۇشلۇق كېسىلىنى پەقەت ئۇزۇن ۋاقىت كەيپىيات ناچارلىق دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يەنە خاتالاشتىڭىز. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بەزىدە ئۇيقۇسىز بولۇپ قېلىشى، بەزىدە كارىۋاتتا بىر كۈن ئۇخلىشى مۇمكىن، ئۇلاردا ھەتتا كارىۋاتتىن چۈشكىچىلىك مادارمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق قىزىقىشىلىرى، ئارزۇ ھەۋەسلىرى ئۇلارنى قىزىقتۇرالماسلىقى، ھەتتا مەززىلىك تائاملارمۇ جەلپ قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەتتا يولدىن ئۆتۈشتەك ئادەتتىكى ئىشلارمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ، زېھنىنى يىغالماسلىقى، خىزمەت ئەمەس، بەلكى نورمال تۇرمۇشنىمۇ داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن.

ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلىغاندا، خامۇشلۇق كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەن ئۆزگىرىشى ئاز دېگەندىمۇ توققۇز جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەل كۆرسەتكۈچىلەر ئاز دېگەندە بەش تەرەپنى قانائەتلەندۈرگەندىلا، دوختۇر ئاندىن خامۇشلۇق كېسىلى دەپ دىياگنوز قويىدۇ. بىراق بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ ماقالە ياكى باشقا توردا تەمىنلىگەن مەسلىھەت / سىناققا سېلىشتۇرۇپ دىياگنوز قويغىلى بولمايدۇ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرگىز ئۆز ئالدىغا دىياگنوز قويۇشقا بولمايدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس

2. خامۇشلۇق كېسىلى ئىرسىيەت قالامدۇ؟

كىشىلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبىگە بولغان خاتا چۈشەنچىسى دائىم ئەتراپىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى مۇۋاپىق داۋالاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، خامۇشلۇق كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىكلەر ئەزەلدىن «پىسخىكىلىق مەسىلە» ئەمەس، دوختۇرنىڭ نەزىرىدە، ئۇلار پەقەت پىسخىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بولغان چوڭ مېڭە كېسەللىكى.

خامۇشلۇق كېسىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىيولوگىيە دەرسىدە سۆزلەنگەن «ئىرسىيەت كېسەللىكى»گە ئوخشاش، بىمار ئارقىلىق بىۋاسىتە پەرزەنتلىرىگە ئىرسىيەت بولۇپ قالمايدۇ، ئەمما خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بەلگىلىك ئىرسىيەت خەتىرى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر تۇخۇملۇق قوشكېزەك ئاكا / ئۇكا / ئاچا / سىڭىل بار بولسا، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ ئەگەر سىز تۇرۇشلۇق چوڭ ئائىلىدە خامۇشلۇق كېسىلى ياكى باشقا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىرقانچە قانداش تۇغقان بولسا، ئۇنداقتا سىز «خەتەرلىك» بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، مېدىتسىنادىمۇ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن كىمنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا تەرەپلەردىن كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپ خىل ئامىللار بىر يەرگە توپلانغاندىلا، ئاندىن خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس

3. ئىچ مىجەزلىك كىشىلەر ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالامدۇ؟

خاراكتېر بىلەن خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بەلكىم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خاتا چۈشەنچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىچ مىجەزلىك كىشىلەر ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي خاتا. پىسخولوگ ۋە روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئىچ مىجەز ياكى تاش مىجەز بولۇش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، بەلكى يەنە بىر خىل «نېرۋا مىجەز» دەپ ئاتىلىدىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بەزى جەھەتلەردە خامۇشلۇق كېسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ كەيپىياتنى كونترول قىلىشى تەس، بېسىمنى ئۆزى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ۋەھاكازالار. تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئوخشاشلا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ھازىر تەتقىقاتلاردا ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارالماقتا: بۇ ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي بېسىم چوڭ مېڭىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان «خامۇشلۇق تەپكىسى»نى بېسىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار كەيپىيات، ئۇيقۇ، يېمەك-ئىچمەك، بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇسى ۋە قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كونكرېت ۋەقەلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ، ھەم دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئەمەس.

خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس

4. خامۇشلۇق كېسىلى، چوڭ مېڭىدىكى ئېغىر زۇكام

خامۇشلۇق كېسىلى چوڭ مېڭىدىكى «ئېغىر زۇكام»غا ئوخشايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، خامۇشلۇق كېسىلى شەخسنىڭ خاراكتېرى ياكى پىسخىكىلىق كەمتۈكلۈكتىن كېلىپ چىققان ئەمەس، خامۇشلۇق كېسىلىگە مۇئامىلە قىلىشتا باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش، پىسخىكىلىق داۋالاش ياكى دورا بىلەن داۋالاش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. خامۇشلۇق كېسىلى سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس، خامۇشلۇق كېسىلى يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى