تەبىئەتساغلاملىق

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

چەتئەلدىكى بىر مەخسۇس ساياھەت ۋە فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلايدىغان جۇغراپىيەلىك ئادىمىيەت تور بېكىتى يېقىندا، بىر مەيدان يىللىق قۇتۇپ نۇرى فوتوگرافلىرىنى باھالاشنى پىلانلىدى، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى ئىچىدە تور بېكەت فوتو -سۈرەت سۈپىتى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى ھېكايىگە ئاساسەن 25 پارچە ئەڭ ياخشى سۈرەتنى تاللاپ چىقتى.

قۇتۇپ نۇرىنى قوغلاشقان بۇ باتۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى نورۋېگىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلىق بولۇپ، ئاۋسترالىيەلىك فوتوگرافلارمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەربىر ئەسەر بىزگە ئىختىيارسىز ھالدا «تەبىئەت ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار!» دەيدۇ.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئانتاركتىكادىكى مۇز كۇبى رەسەتخانىسى، فوتوگراف 24 سائەت ۋاقىت تەرتىپى تەسۋىرلەنگەن بىر گۇرۇپپا ئەسەردىن بۇ «كۈچلۈك زەربە كۈچىگە ئىگە رەڭگارەڭ قۇتۇپ نۇرى»نى بايقىغان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

رۇسىيەدىكى كورا يېرىم ئارىلى، نەچچە يىل ئىلگىرى فوتوگراف بارېنتس دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدىن بۇ تاش ساھىلنى بايقىغان، ئۇ ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۇ ئىزچىل بۇ يەردە قۇتۇپ نۇرىنى ساقلىماقچى بولغان، كېيىن بۇ رەسىم تارتىلغان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئاۋسترالىيە، فوتوگراف تەلەيگە يارىشا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل ئاسترونومىيەلىك ھادىسىنى بايقىغان، يەنى كۈن پېتىش جەريانىدىكى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق يۇلتۇزلار توپى، سېرىق نۇر (يۇلتۇزلار ئارا چاڭ-توزانلارنىڭ قۇياش نۇرىنى چېچىشى)، يەنە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان جەنۇبىي قۇتۇپ نۇرى بار، سۇدىمۇ نۇر چىقىرىدىغان جانلىقلار تىپتىنچ دېڭىز دولقۇنلىرىنى زىننەتلىگەن.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى لاگىلفوس شارقىراتمىسى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى سالمار ساندۇر چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان قالدۇقلىرى خارابىلىكى، فوتوگراف «سىز قۇتۇپ نۇرىنى قوغلاپ يۈرىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ھاياجاندا كۆرگىلى بولىدۇ، قۇتۇپ نۇرىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگەننىڭ پايدىسى يوق، ئۆزىڭىز بېرىپ ساقلاڭ، ئۇ ھەر قانداق جايدىن چىقىشى مۇمكىن» دەيدۇ.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى مەلۇم يانار تاغ، بۇ يەردىكى ئالاھىدە قارا رەڭلىك تۆپىلىك بىلەن يېشىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، ناھايىتى ھەيران قالارلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى مەلۇم تاغ تىزمىسى، سۈرەتكە ئېلىش جەريانى ناھايىتى جاپالىق، فوتوگراف «تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن، مەن چوقۇم ئېكراننى توختىماي سۈرتۈپ، بەدىئىي تۈزۈلۈش ۋە نۇرلاندۇرۇشنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك. ھېلىمۇ ياخشى، كۆرۈنۈش ياخشى چىقىپتۇ» دېدى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى ۋىستراخورن تېغى، فوتوگراف بىرلا ۋاقىتتا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ۋە قۇتۇپ نۇرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

سكوگافوس شارقىراتمىسى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئىسلاندىيىدىكى مەلۇم بىر دۆلەت باغچىسى، قار قېلىن ياغقاچقا، ئاپتوموبىلنىڭ ئوتى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالدى، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرغان فوتوگراف بۇ گۈزەل دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

فىنلاندىيەدىكى لاپلاند، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان تەبىئەت دۇنياسى، سارغۇچ رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى خۇددى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئاسمان قارىماققا خۇددى ساليۇت ئېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

تىنچ سۇ يۈزىدە قىزغۇچ رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى ئەكس ئېتەتتى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

فىنلاندىيەدىكى لاپۇلانمو ئورمانلىقى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

نورۋېگىيە لوفتېن تاقىم ئاراللىرى، بىر گۇرۇپپا غايەت زور قۇتۇپ نۇرى رەسىمى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

نورۋېگىيە فورتېن تاقىم ئارىلى، كۆرۈنۈشتىكى قۇتۇپ نۇرى قارىماققا خۇددى بىر پارچە سۇس بۇلۇتقا ئوخشايدۇ.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

نورۋېگىيە روفتتېن تاقىم ئاراللىرى، شىمالىي قۇتۇپ نۇرى مۇز تۈۋرۈكىدە ئەكس ئېتىدۇ.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

نورۋېگىيە رومسو شەھىرى، فوتوگراف قىيا تاش ئۈستىدە تۇرۇپ، فوتو ئاپپاراتنى ئاسمانغا توغرىلاپ، ھەيۋەتلىك پەيتلەرنى ئاپپارات كۆزىدە ساقلىۋالغان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

نورۋېگىيەنىڭ ئالپېس تېغى، شىمالىي قۇتۇپ نۇرى خۇددى بىر تاغدىن ئېتىلىپ چىققاندەك نۇر شەكلىدە كۆرۈنەتتى. «بۇ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى دائىم تىنچ ھالدا، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شىمالىي قۇتۇپ نۇرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ».

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ياۋروپادىن باشقا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى فوتوگرافلارمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتقان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

كانادانىڭ غەربىي شىمالى، قۇتۇپ نۇرى خۇددى سىرلىق تۇمانلىققا ئوخشاش، ئۇچلۇق تاغ چوققىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

كانادا ساسكاتچېۋان ئۆلكىسى، فوتوگراف شۇ جايدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قۇتۇپ نۇرىنى سۈرەتكە تارتىپ: «ئۇ بىر ئىللىق باھار كېچىسى، قۇتۇپ نۇرى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

كانادا كولومبىيە ئۆلكىسى.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

ئامېرىكا مىچگان ئىشتاتىنىڭ يۇقىرىقى يېرىم ئارىلى، يۇلتۇزلار ئارىسىدا شىمالىي قۇتۇپ نۇرى قاتلىمى ئېنىق بولغان بىنەپشە ۋە سېرىق رەڭلىك نۇر بەلبېغىنى ھاسىل قىلغان.

شىمالى قۇتۇپ نۇرىنىڭ گۈزەللېكىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟

بۇ تور بېكىتى قۇتۇپ نۇرى سۈرەتلىرىنى توپلاشنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ سۈرەتلەر قۇتۇپ نۇرىنى سۈرەتكە تارتىدىغان نۇرغۇن فوتوگرافلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئىنسانلار بىلەن ئالەمنىڭ ئارىلىقىنىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ھەر بىر ئادەم تەبىئەتتىكى تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن ئۇچۇرلارنى چۈشىنەلەيدۇ ۋە بايقىيالايدۇ» دېدى.

ئېتىراپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، تەبىئەت «ئەڭ قالتىس سەنئەتكار»دۇر، بەلكىم ئىنسانلار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، ساليۇت كۆرگەزمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە لايىھەگە ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئالەم، يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ يەر شارىدا تاسادىپىي قېلىپ قالغان بىر دەقىقىىسىگىمۇ يەتمەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى