تەبىئەت

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى بىر شەرقىي شىمال يولۋىسى دەرەخنى قۇچاقلاپ تۇرماقتا. رۇسىيەلىك فوتوگراف سېرگېي گروشكوۋ (Sergey Gorshkov) «قۇچاقلاش» ناملىق بۇ سۈرەت ئارقىلىق لوندون تەبىئەت تارىخى مۇزيېى تەشكىللىگەن خەلقئارالىق ياۋايى ھايۋاناتلار يىللىق فوتوگرافلىق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

فىنلاندىيەلىك 13 ياشلىق قىزچاق لىنا خېيككىنېن (Liina Heikkinen) «يىللىق ياش-ئۆسمۈرلەر ياۋايى جانلىقلار فوتوگرافى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇ خېلسىنكىنىڭ سىرتىدىكى كىچىك ئارالدىن بىر تۈلكىنىڭ ئۆلۈپ قالغان غازنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغانىدى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

كۆزىنى يۇمۇپ تۇرغان ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق مايمۇننى دانىيەلىك فوتوگراف موگېنس تىروللې (Mogens Trolle) تارتقان بولۇپ، بۇ سۈرەت بىلەن ئۇ «ھايۋاناتلار پورتېرىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاندېس تاغ ئېتىكىدە ماندۇرىياكۇ ئەينەك پاقىسى بىر ئۆمۈچۈكنى يېمەكتە. ئىسپانىيەلىك فوتوگراف جەيمې كۇلېبراس (Jaime Culebras) بۇ سۈرىتى بىلەن «ھەرىكەت: قوش ماكانلىق ھايۋانلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار» تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەينەك پاقىلار مۇھىم تۈرلەرگە تەۋە بولۇپ، ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

فوتوگراف جوسې لۇيس رۇيز جىمېن (Jose Luis Ruiz Jiménez) ئىسپانىيەنىڭ غەربىدىكى بىر لاگۇنادىن (قۇملۇق، يانتولۇقلار ئارقىلىق دېڭىزدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان كۆل) بىر ئائىلىلىك پۆپۈچەكلىك چۆمگەكنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. بۇ سۈرەت بىلەن ئۇ قۇشلار ھەرىكىتى تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

فوتوگراف فىرەنك دېسچاندو (Deschandol) ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئىككى ھەرىنىڭ سۈرىتىنى تارتىۋالغان. بۇ سۈرەت ئۇنى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ھەرىكىتى تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

فوتوگراف لى شەنيۈەن ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىڭخەي ئىگىزلىكىدىن بىر ئائىلىك توشقانسىمان سۈلەيسۈننى (مولۇن) سۈرەتكە تارتىۋالغان. بۇ سۈرەت ئۇنى سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار ھەرىكىتى تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. مۈشۈك ئائىلىسىدىكى جۇغى كىچىك بۇ جانلىق دائىم يالغۇز يۈرىيدۇ، تېپىش قىيىن، كۆپىنچە سەھەر ياكى كەچقۇرۇندا ھەرىكەت قىلىدۇ.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

گابرىيېل ئېيسېنبەند (Gabriel Eisenband) ئاق تاغ سېرىق جۇخارگۈلىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. بۇ خىل جۇخارگۈلنى ھازىر پەقەت كولومبىيەدىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ سۈرەت ئۆسۈملۈك ۋە زەمبۇرۇغلار تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

جۇڭگولۇق فوتوگراف سەي سوڭدا فىلىپپىننىڭ ئانىلاۋ دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى چوڭقۇر دېڭىزدا كېچىدە غەۋۋاسلىق قىلىۋاتقاندا، تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىۋاتقان كىچىك رومبىسىمان پالاقچىلىق سىياھبېلىقنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ سۈرەت سۇ ئاستى فوتوگرافلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ئامېرىكىدىكى رۇسىيەلىك فوتوگراف ئالېكس بەديەۋ (Alex Badyaev) مونتانا ئىشتاتى روككى تېغى ئالدىغا جايلاشقان ئۆيىنىڭ سىرتىدىن كوردىللېرا ھاشارەتچى قۇشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ئىتالىيەلىك فوتوگراف لۇسىيانو گادېنزىيو (Luciano Gaudenzio) ئېتنا يانار تېغىنىڭ يېرىقىدىن لاۋالار ئېقىپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ سۈرەت «يەر شارى مۇھىتى» تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ئامېرىكىلىق فوتوگراف كىرىستېن لۇسې (Kirsten Luce) مۇز ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ، «ياۋايى ھايۋاناتلار ئاخبارات فوتوگرافلىقى: بىر پارچە سۈرەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

پائۇل خىلتون (Paul Hilton) دۇنيا ياۋايى ھايۋاناتلار سودىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن سۈرىتى بىلەن «ياۋايى ھايۋاناتلار ئاخبارات فوتوگرافلىقى: ھېكايىلەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ سۈرەت بالى ئارىلىدىكى قۇش تۈرلىرى بازىرىدىن تارتىلغان.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ئىتالىيەلىك فوتوگراف ئالبېرتو فانتونى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قۇش تۈرلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ «يېڭى يۇلتۇز ئەسەرلەر توپلىمى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ سۈرەتتە ساردىن ئارىلىغا جايلاشقان تىك قىيادا ئۇۋا سالغان ئەركەك لاچىننىڭ جۈپتىگە يېمەكلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

2020-يىللىق ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ  ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرى

ھىندىستانلىق فوتوگراف رىپان بىسۋاس (Ripan Biswas) ئىككى ۋەھشىي ئوۋچى ئۇچرىشىپ قالغاندا سۈرەتكە تارتىۋالغان. سۈرەتتە، يەر يۈزى ئوۋچىسى بولغان چىپار قوڭغۇزنىڭ دەرەختىن ھاشارات تۇتىدىغان يوپۇرماق توقۇغۇچى چۈمۈلىگە ئۇچراپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ سۈرەت ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئىشتاتى بۇكسا يولۋاسلارنى قوغداش رايونى (Buxa Tiger Reserve)نىڭ قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىدىن تارتىلغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى