تەبىئەت

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

قان شورىغۇچى گىلەم يەنە بورا، سۇ بورىسى، يەر پوستى يۆگىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۈننەن ئۆلكىسىگە تارقالغان (شىشۇاڭبەننا ئەتراپىدا تېخىمۇ كۆپ) سىرلىق جانلىق بولۇپ، ئەسەرلەردە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. (ئەمما بىرەر پارچە ماددىي سۈرىتى يوق، پەقەت بىر-ئىككى پارچە تەسەۋۋۇر رەسىمىلا بار)
2004-يىلىدىكى «ئىلىم-پەن دوستى»، «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ ئىچىدىكى «يەر يۆگىمىسى رىۋايىتى» ناملىق ماقالىدە قان شورىغۇچى گىلەم توغرىسىدا مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان:

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

يەرلىكلەر بۇ خىل غەلىتە مەخلۇقنى «قان شورىغۇچى گىلەم» دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى گىلەمگە ئوخشايدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يامغۇرلۇق ئورماندىكى چوڭقۇر كۆلچەك ئىچىدە ياكى تاش قاتلىمىنىڭ يوچۇقلىرىدا ياشايدۇ، دۈمبىسىدە مۇخقا ئوخشاش ئىنچىكە تۈكچىلەر بولىدۇ، قورساق تەرىپىدە نەچچە تال چىراغ جازىسىنىڭ چوڭلۇقىدىكى سۈمۈرۈش تەخسىسى بار بولۇپ، سۈمۈرگۈچى تەخسە ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چاپلاشقاندا خۇددى چېكەتكە قان سۈمۈرگەنگە ئوخشاش ئولجىسىنىڭ قېنىنى سۈمۈرۈپ روھسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.
2000-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىشۇاڭبەننادىكى لا ماۋلى ئىسىملىك بىر ئوۋچى دەريا بويىدا بېلىق تۇتىۋاتقاندا دەريادا تۆت چاسا شەكىللىك نەرسىنىڭ لەيلەپ كەلگەنلېكىنى بايقايدۇ، ئۇ بۇنى باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئەدىيال ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئاندىن بۇ «ئەدىيال»نىڭ بىر بۇرجىكىدە پارقىراپ تۇرغان ئىككى كىچىك كۆزنىڭ بارلىقىنى، سىممېتىرىيەلىك يەنە بىر بۇرجىكىدە بىر ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولغان قۇيرۇقى بارلىقىنى، باشقا ئىككى بۇرجىكىنىڭ ئۇنىڭ قوش قانىتى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
لا ماۋلى بۇ نەرسىنىڭ گىلەم ئەمەس بەلكى تىرىك جانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭغا تاشتىن بىرنى ئېتىپ باقىدۇ، بۇ چاغدا مەخلۇق سۇ يۈزىدە بىردەم لەيلەپ يۈرۈپ ناھايىتى تۇيۇقسىزلا غايىب بولىدۇ.
يېرىم كېچىدە ئۇ ئىتىنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۆز كۆزى بىلەن ئوۋ ئىتىنىڭ «گىلەم»گە ئورىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلېكىنى كۆرىدۇ.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

شۇ يىلى كۈزدە بىر جۈپ دەيزۇ ئاكا-ئۇكىلار دالو دەرياسىدىكى ئۆڭكۈردە تاش پاقا تۇتماقچى بولىدۇ، ئىنىسى غارنىڭ ئىچىدە بىر پارچە «ئەدىيال» سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى بىرنى تېپىدۇ، نەتىجىدە بۇ «ئەدىيال» تۇيۇقسىز ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنى ئورىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنىسى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرايدۇ، ئاكىسى ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەندە ئىنىسىنىڭ ياپيېشىل «ئەدىيال» بىلەن ئورىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنىسىنى خاتا يارىلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ مەشئەل بىلەن ھېلىقى «ئەدىيال»غا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئاخىرىدا ھېلىقى «ئەدىيال» غەلىتە ئاۋاز چىقارغىنىچە ئىنىسىنى قويىۋېتىپ ياندىكى كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ غايىب بولىدۇ.
ۋەقەدىن كېيىن ئاكىسى ئىنىسىنىڭ پۇتىدىكى تېرىلەرنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك غەلىتە مەخلۇق تەرىپىدىن سويۇۋېتىلگەنلىكى بايقايدۇ.
توردا يەنە بىرەيلەن بوۋىسىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى يۈننەن پۇئېر مېڭليەندە ئەسكەر بولغان چاغدا بۇ سىرلىق جانلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلېكىنى مۇنداق بايان قىلغان:
ئەينى چاغدا چاڭجياڭ دەرياسى رايونىدىن كەلگەن بىر نەچچە ئەسكەر سۇغا چۈشۈپ چۆمۈلمەكچى بولغاندا شۇ جايدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۇلارغا چوڭقۇر كۆلدە «بورا» بارلىقىنى ئېيتىپ سۇغا چۈشمەسلېكىنى ئاگاھلاندۇرغان، نەتىجىدە ئۇلار گەپكە قۇلاق سالماي ئىچىدىكى بىرى بەختكە قارشى «بورا»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چوڭقۇر سۇغا چۆكۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك سۇغا ئوق چىقارغان، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان.
ئەسكەرلەر يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن يۇقىرىدىن سۇغا گىرانات تاشلاش توغرىسىدا يوليورۇق كەلگەن، نەتىجىدە «بورا» ئۆلۈپ كەتكەن ئەسكەرنى ئورىۋالغىنىچە سۇ يۈزىگە قاڭقىپ چىققان.
«بورا» نىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر بولۇپ، ئېلاستىكلىققا ئىگە، تۇمشۇقى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، قالغان پۈتۈن بەدىنى قارا رەڭدە، بەدىنىدە يەنە يېشىل رەڭلىك تۈكلىرى بار ئىكەن. (كېيىن «بورا»نىڭ جەسىتى يۈتۈپ كەتكەن)
بۇ ئادەم تەسۋىرلىگەن «بورا» بىلەن لا ماۋلى ئۇچراتقان «ئەدىيال»نىڭ نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار، لېكىن نۇرغۇن سۆز-چۆچەك ۋە رىۋايەتلەرنىڭ چىنلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر ھېكايە ھەقىقىي ياكى يۇقىرى دەرىجىدە ئەينەن بولمىسا غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئەسلىي شەكلىنى تەھلىل قىلىش ناھايىتى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قان شورىغۇچى گىلەم»گە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەمەلىي پاكىت ۋە سۈرەتلەر يوق، شۇڭا «بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئەسلى شەكلى قانداق؟» دېگەن سوئالغا نسبەتەن پەقەت پەرەزگىلا تايىنىش كېرەك.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىلەر «قان شورىغۇچى گىلەم» چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب يۈەن مېينىڭ ئاجايىباتلار خاتىرىسى «سۆز-چۆچەك»دە خاتىرىلەنگەن «شازا تاشپاقىسى» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ.
«شازا تاشپاقا»نىڭ ھېكايىسى چيەنلۇڭنىڭ توشقان يىلى، يەنى 1771-يىلى يۈز بەرگەن.
جياڭيىنلىق ليۇ جىيۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ جېنجياڭدىن ئۆتكەندە نۇرغۇن كېمىلەرنىڭ شامالدا ئۆرۈلۈپ دەريا يۈزىدە نۇرغۇن ماللارنىڭ لەيلەپ يۈرگەنلېكىنى كۆرىدۇ. ئەينى چاغدا دەريا بويىدا مال سۈزۈپ جان باقىدىغان كىشىلەر ياشايتتى، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولۇپ «سۇ ئالۋاستىسى» دەپ ئاتىلاتتى.
يولوچىلار كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن سۇ ئالۋاستىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ مال ئىگىسى بىلەن باھانى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن سۇغا چۈشۈپ مالنى سۈزۈشكە باشلايدۇ.
قىرغاققا چىققاندا سۇ ئالۋاستىسى بىر ئادەمنىڭ كەملېكىنى بايقاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قىممەتلىك نەرسىنى سۇ ئاستىغا يوشۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇ ئالۋاستىلىرى سۇغا كىرىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ، ئىزدەش جەريانىدا ئۇلار يوغان تاشپاقا سىياقىدىكى بىر جانلىقنى كۆرىدۇ (قىزىل رەڭلىك، جۇغى يوغانراق كەلگەن، شەكلى شازىغا ئوخشايدۇ، بېشى، قۇيرۇقى ۋە پۇتى يوق)، بۇ غەلىتە جانلىق دەل يوقاپ كەتكەن سۇ ئالۋاستىسىنى چىڭ چىشلىۋالغان.
كۆپچىلىك غەلىتە مەخلۇقنى سۇ ئالۋاستىسىدىن تارتقان بولسىمۇ ئاجرىتىپ بولالماي ئاخىرىدا ئامالسىز تۆمۈر ئىلمەك بىلەن ئىككىسىنى بىللە تارتىپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ.
قىرغاققا چىققاندىن كېيىن ئۇلار سۇ ئالۋاستىسىنىڭ بەدىنىدە نەچچە يۈز تۆشۈكنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ، بۇ يارا ئىغىزلىرىنىڭ ھەممىسى غەلىتە مەخلۇقنىڭ ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن بولغان بولۇپ، غەلىتە مەخلۇق سۇ ئالۋاستىسىنى چىشلىگەندىن كېيىن قېنىنى شوراپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئولجسى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قاتتىق چاپلىشىپ تۇرىۋالغان، ھەتتا باشقىلار پىچاق تىقسىمۇ تەسىر بولمىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىز ھالدا ئۆلگەن سۇ ئالۋاستىسىنى غەلىتە مەخلۇق بىلەن بىللە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلغان.
بۇ غەلىتە مەخلۇقنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى توغرىسىدا يۈەن مېي كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ دەل قازاننىڭ تۇۋىقىچىلىك بېلىق بولۇپ، يەنجوۋ دەرياسىدا تېخىمۇ كۆپ».

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

قازان تۇۋىقى بېلىقى كېرا تۈرىدىكى بېلىق بولۇپ، ئادەتتە يېقىن دېڭىزدا ياشايدۇ ۋە ئاندا-ساندا دەريالارغا كىرىپ قالىدۇ، شۇڭا كىشىلەر «شازا تاشپاقىسى»نىڭ بېلىق تۈرلىرى ئىچىدىكى چوڭ يەككە تەن ئىكەنلىكىنى قىياس قىلغان.
بىز «قان شورىغۇچى گىلەم» بىلەن «شازا تاشپاقىسى»نى سېلىشتۇرساق، ئىككىسىنىڭ ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بارلىقىنى بايقايمىز، مەسىلەن ئىككىسىنىڭ سىرتقى شەكلى بىرقەدەر ياپىلاق، چوڭ بولۇپ، قان سۈمۈرەلەيدۇ.
«شازا تاشپاقا» تاتلىق سۇدا ياشايدىغان چوڭ تىپلىق بېلىق تۈرى دەپ پەرەز قىلىنغان، ئۇنداقتا «قان شورىغۇچى گىلەم»نىمۇ شۇ جەھەتتىن قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
كېرا بېلىقى بىلەن سىكاتى بېلىقى تۈرىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياپىلاق شەكىلدە بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىككى تۈرنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر يىراق.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

ئادەتتە، سىكاتى بېلىقىنىڭ قۇيرۇقى توم، قۇيرۇق پالاقچىسى ياكى دۈمبە پالاقچىسى بار، زەھەرلىك تىكىنى يوق.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

كېرا بېلىقى تۈرىنىڭ قۇيرۇقى ئىنچىكە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ قۇيرۇق پالاقچىسى ياكى دۈمبە پالاقچىسى يوق، زەھەرلىك تىكىنى بار.
كېرا بېلىقى ئىچىدە نۇرغۇن تاتلىق سۇ بېلىق تۈرلىرى بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەن شەكلى بىر قەدەر يوغان بولۇپ دائىم تاتلىق سۇ بېلىقلىرى بەدەن تىپى رەت تەرتىپى تىزىملىكىگە كىرىپ تۇرىدۇ.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

مەسىلەن Urogymnuss polylepiis، مەلۇم ماتېرىيالدا بۇ خىل جانلىق ئەڭ چوڭ بولغاندا 600 كىلوگىرام كېلىدۇ دېيىلگەن، لېكىن بىر قەدەر ئېتىراپ قىلىنغان رېكورت كەڭلىكى 2.4 مېتىر، ئېغىرلىقى 265 كىلوگىرام بولۇپ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىردىن ئاشىدۇ.
بۇ خىل جانلىق چافى ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارىلى ۋە بورنېئو ئارىلىغا تارقالغان، ئەڭ شىمالدا لائوسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىكون دەرياسى بۆلىكىگىچە يېتىپ بارغان، بۇ يەر شىشۇاڭبەنناغا ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ لېكىن ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە بۇنداق بېلىق تۈرىنىڭ بايقالغانلىق خاتىرىسى يوق.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

«دەريادىكى گىگانت مەخلۇق، جانغا زامىن تاتلىق سۇ بېلىقلىرى»دىكى جېرېمى ۋادې تۇتۇۋالغان چافى ئىنچىكە قۇيرۇقلۇق بېلىق تۈرى بولۇپ، كەڭلىكى 1.91 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 180 كىلوگىرام كېلىدۇ.
‏Potamotrygonنىڭ كەڭلىكى 2.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 260 كىلوگرام بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان.
پۈرمە قۇيرۇق بېلىق (Pastinachhus sephen)، ئەڭ چوڭىنىڭ كەڭلىكى 1.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 250 كىلوگرام، ئادەتتە دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ، تاتلىق سۇغا كىرەلەيدۇ.
‏Dasyatis thetidiss ئېخىنوپسىد بېلىقى، ئەڭ چوڭىنىڭ كەڭلىكى 1.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 214 كىلوگرام، ئادەتتە دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ، تاتلىق سۇغا كىرەلەيدۇ.
ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى شىشۇاڭبەنناغا تارقالمىغان بولۇپ، بۇلارغا غەلىتە مەخلۇق قالپىقى كىيگۈزۈشكە بولمايدۇ.
ئۇنداقتا شىشۇاڭبەننادىكى دەريالاردا تاتلىق سۇ بېلىقى بارمۇ؟
جاۋاب: بار!

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

«زوئولوگىيە تەتقىقاتى» 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان «يۈننەندىكى بېلىق تۈرلىرى تىزىملىكى»دە كۆرسىتىلىشىچە، قارلىغاچسمان بېلىق ئەترىتى (كېپىنەكلۈكلەر ئەترىتى)نىڭ سىشۇاڭبەننا لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا تارقالغان بىر تۈرى بار بولۇپ ئۇ لائۇس كېراسى (Dasyatis laosensiis) دەپ ئاتالغان، كېيىن ئۇنىڭ ئىلمىي نامى Hemitrygoon laosensiis دەپ ئۆزگەرتىلگەن. (ئۇنىڭدىن باشقا رۈيلىجياڭدا يەنە بىر تۈر بار)
لائۇس كېرا بېلىقى ئېلىمىز مۇشۇ ئەسىردە شىشۇاڭبەننادا بايقىغان يېڭى تۈر بولۇپ، 2008-يىلى 4-ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا لەنساڭجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ گۇەنلې بۆلىكىدىن بىر تال ئەۋرىشكە ئالغان. Wikipediaa ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كەڭلېكىنىڭ 62 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 30 كىلوگرامغا يېتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن.

«قان شورىغۇچى گىلەم» زادى قانداق غەلىتە مەخلۇق؟

لائوس كېراسى باشقا بېلىق تۈرىدىكىلەرگە ئوخشاش سۇ ئاستىدا ياشايدىغان جانلىقلار ۋە كىچىك بېلىق، راكلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، زەھەرلىك تىكىنىنى ئادەم بەدىنىگە سانجىيدۇ، لېكىن قان شورىمايدۇ، ئۇچالمايدۇ، ئادەمنى ئورىۋالمايدۇ.
بەلكىم «قان شورىغۇچى گىلەم» سۆز-چۆچەكلەر سەۋەبىدىن ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى نۇرغۇن ئادەم ئىشلارنى بايان قىلغاندا ھەمىشە سۇبيېكتىپ ئىجادىيەتنى قوشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن «شەرقىي كەنىتتە قوي ئۆلسە غەربىي كەنتكە ئانا ئۆلدى دەپ بېرىپتۇ» دېگەندەك نۇرغۇن تور رىۋايەتلىرى مانا مۇشۇنداق تارقالغان.
«قان شورىغۇچى گىلەم»نىڭ ئەسلىي شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى، سىرتقى شەكىل تەسۋىرىدىن قارىغاندا ئەڭ يېقىن كەلگىنى شىشۇاڭبەننادا تارقالغان لائوس كېراسى ياكى بايقالمىغان باشقا تاتلىق سۇ بېلىق تۈرلىرى بولۇپ، لا ماۋلى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن «ئەدىيال»نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ قالغان.
شىشۇاڭبەننادىكى دەريالاردا يەنە تېخىمۇ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى ساقلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بايقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى