تەبىئەت

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

2020-يىلى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بىز قارىماققا كىشىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان نۇرغۇن غەلىتە ئىشلارنى كۆردۇق، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەتتا ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە 2020-يىلى يەر شارىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم «غەلىتە ئىشلار» نى ئەسلەپ كۆرەيلى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

1. رېكورت ياراتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ھادىسىسى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا كىلىمات ئىللىپ كېتىش مەسىلىسى. پۈتۈن يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرا خاتىرىسى 1880-يىلى ئەتراپىدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 100 يىلدىن ئاشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان بۇ ۋاقىت تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق ۋاقىت بولۇپ قالدى. 2020-يىلى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 20.75 گىرادۇسقا، شىمالى قۇتۇپنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇسقا يەتتى، ئەگەر بۇ تېمپېراتۇرا ئوتتۇرا، تۆۋەن كەڭلىك رايونلىرىدا كۆرۈلسە ناھايىتى نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئەمما سوغۇق رايونلاردا كۆرۈلسە ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

2. «قان رەڭگىدىكى قار»، «يېشىل رەڭلىك قار» ھادىسىلىرى

يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھادىسىسىگە ئەگىشىپ يەنە بەزى غەلىتە ھادىسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. 2020-يىلىنىڭ بېشىدا، جەنۇبىي قۇتۇپ يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ شىمالىي ئۇچىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا «قان رەڭگىدىكى قار» پەيدا بولدى، قىزىل رەڭدىكى بۇ «قانلىق قار» ئاپئاق قار ئۈستىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئەجەبا جەنۇبىي قۇتۇپتىن «قان ئېقىۋاتامدۇ»؟

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

ئەمەلىيەتتە، جەنۇبىي قۇتۇپتىن قان ئېقىۋاتقىنى يوق، بەلكى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى قارلىق دالىدا «Chlamydommonas nivalis» دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل رەڭلىك يوسۇن چېچەكلىگەن ئىدى. بۇ خىل خىلامىدومۇناس يوسۇنى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما سوغۇق شارائىتتا ئۈچەككە كىرگەن ئىدى. ئەمما تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ قارلىق تاغلارنىڭ ئېرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، يوسۇنلار ئويغىنىپ كەتتى ھەمدە قىزىل رەڭدە چېچەكلىدى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

ئۇنىڭدىن باشقا تەتقىقاتچىلار يەنە جەنۇبىي قۇتۇپ يېرىم ئارىلىدىكى بىر رايوندا 1600 دىن ئارتۇق «يېشىل قار» رايونىنى بايقىدى، بۇ رايوننىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1.9 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، «يېشىل قار» نىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ ئوخشاشلا يېشىل رەڭلىك يوسۇنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

3. ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە چېكەتكە ئاپىتى

2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2020-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىتتا، كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئاۋسترالىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتى بولسا كېرەك. يەنە كېلىپ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما مۇھىمى بۇ رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئوت ئاپىتىنىڭ خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتتى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

2020-يىلىدىكى تۈرلۈك ئاپەتلەر تېخى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىگىنى يوق، ئوت ئاپىتىدىن باشقا يەنە چېكەتكە ئاپىتىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى چېكەتكە ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى 2018 ـ يىلىدىن تارتىپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، شۇ يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلى رايونىدا ئىككى قېتىم سىكلونلۇق بوران چىقىپ، قۇملۇقتىكى بەزى رايونلاردا زور مىقداردا يامغۇر ياغدى، بۇنىڭ بىلەن ھەتتا پەسىل خاراكتېرلىك كۆللەر پەيدا بولدى. ئىللىق ۋە نەم مۇھىت ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، قۇملۇق رايونلىرىدا ياشايدىغان قۇملۇق چېكەتكىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق مەنبەسىگە ئىگە بولدى ھەمدە شىددەت بىلەن كۆپەيدى. ئاخىرىدا بۇ رايوندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتكەن چېكەتكېلەر، باشقا رايونلارغا كۆچۈپ بېرىپ يېڭى ئوزۇقلۇق مەنبەسى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى، شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتتە چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەردى.

2020-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار ۋە ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش

يەر شارىدىكى جانلىقلار ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتامدۇ؟

2020-يىلى بۇلاردىن باشقا بىز يەنە نۇرغۇنلىغان «غەلىتە ئىشلار» نى كۆردۇق، بەزى تەتقىقاتلاردا دېيىلگەندەك، يەر شارىدىكى جانلىقلار ئالتىنچى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتامدۇ؟ دۇنيا تەبىئەت فوندى (WWF) ئېلان قىلغان «2020-يىللىق يەر شارى ھاياتلىق دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار 1970-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بايقالغان 4392 خىلدىن ئارتۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، قۇش تۈرىدىكېلەر، بېلىق تۈرىدىكېلەر، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ سانىنى باھالاپ چىققان، نەتىجىدە ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا يەر شارىدىكى ياۋايى ھايۋانلار سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %68 ئازلاپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە ئاستىلاش يۈزلىنىشى كۆرۈلمىگەن.

قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل ئىچىدە نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار يوقاپ كەتتى، شۇ سەۋەبلىك بەزى ئالىملار كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. گەرچە ھازىر كەڭ دائىرىلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تۈر توپلىرى كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ كېتىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يوقىلىشى مەلۇم دەرىجىدە بىز ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، كىلىمات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىنسانلارنىڭ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى