ئالەمتەبىئەت

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 8844 مېتىر بولۇپ يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز چوققا. ئ‍ۇنداقتا ئ‍ۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق تاغ چوققىلىرى ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرالايدۇ؟

كۆپچىلىككە مەلۇم، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى يەر پوستى ئۈزۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاچقا كۆپ خىل يەر شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇڭا يەر شارىمىزدا نۇرغۇن ئىگىز تاغلار بار. نۆۋەتتە يەر شارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا دەل ھىمالايا تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان جۇمۇلاڭما چوققىسى بولۇپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى 8844 مېتىرغا يېتىدۇ. ناۋادا جۇمۇلاڭما چوققىسىنى قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا پىلانېتالاردىكى تاغ تىزمىلىرىغا سېلىشتۇرساق، ئ‍ۇ قانچىنچى ئورۇندا تۇرالايدۇ؟

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

ئالدى بىلەن ئ‍ويلىشىدىغان مەسلە، ئ‍ۇلارنى ئ‍ادىل سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدا كۆزەتكەن بىرىنچى ئىگىز چوققا مارسنىڭ سىرتقى يۈزىگە جايلاشقان ئولىمپس تېغى بولۇپ، بۇ تاغ چوققىسى مارسنىڭ شىمالىي يېرىم شار رايونىغا جايلاشقان، نۆۋەتتە مارستا دېڭىز-ئوكيان يوق، شۇڭا ئولىمپس تېغىنىڭ ئىگىزلىكى تاغنىڭ ئۇلىدىن باشلاپ ئۆلچىنىدۇ، ئومۇمىي ئىگىزلىكى 21 مىڭ 229 مېتىرغا يېتىدۇ، بىراق بۇ بىزنىڭ يەر شارىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ئۆلچەش شەكلىمىز بىلەن ئوخشىمايدۇ.

دېڭىز يۈزى ئىگىزلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى 8844 مېتىر بولۇپ، ئولىمپس تېغى بىلەن بولغان پەرقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ. لېكىن تاغنىڭ ئۇلى بويىچە ھېسابلىساق، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى ئەمەلىيەتتە 4000 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، بۇنداق ئ‍ۆلچىگەندە پەرق تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئەگەر دېڭىز ئاستىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى ئاران 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ، ئولىمپس تېغى بىلەن بولغان پەرقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

ئولىمپس تېغىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۇل بار، ئومۇمىي كۆلىمى 20 نەچچە كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ھەتتا يەر شارىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭكىدىنمۇ چوڭ. چوڭ ئۇل ۋە تاغ بەك ئىگىز بولغاچقا، مارستىكى ھەرقانداق بىر جايدا تۇرۇپ ئولىمپس تېغىنى تولۇق كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، تاغ چوققىسىنى كۆرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئاساسلىقى مارسنىڭ ھەجمىنىڭ كىچىكلىكىدىن كېلىپ چىققان.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

20 مىڭ مېتىردىن ئ‍اشىدىغان ئىگىز تاغنى يەر شارىنىڭ ئۈستىگە قويساق بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان پۇقرالار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئىگىزلىكى تەخمىنەن 13 مىڭ مېتىر بولۇپ، يەر شارىنىڭ ستراتوسفېراسىغا جايلاشقان، ئەگەر ئولىمپس تېغى يەر شارىنىڭ ئۈستىدە بولسا، تاغ چوققىسىمۇ يەر شارىنىڭ ستراتوسفېراسىدىن خېلىلا ئىگىز بولۇپ، يەر شارىدىكى ھازىرقى ھېچقانداق ئۇچقۇ بۇ چوققىدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئولىمپس تېغىدىن باشقا، قۇياش سىستېمىسىدىكى ھەر قايسى چوڭ سەييارىلەرنىڭ ئ‍ىچىدىكى ئالدىنقى بەش تاغ چوققىسىنىڭ ھەممىسى مارستا. بۇ مارسنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مارس شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مارسنىڭ يەر يادروسى ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مارستا يەر پوستى ھەرىكىتى كۆپ يۈز بەرگەن، بولۇپمۇ يانار تاغ ھەرىكىتى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەگەر سەييارىلەرنىڭ ماسسىسى چوڭراق بولسا، ئىچكى قىسىمدا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىپ ماگمىلارنى پۈركۈپ چىقىرىدۇ.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

بىراق مارس ئىنتايىن بەختسىز. ئ‍ۇنىڭ ماسسىسى بەك كىچىك، ئىچكى قىسمىدىكى بېسىم سەل يېتەرسىز، شۇڭا يانار تاغدىن چىققان ماگمىلار پەقەت يانار تاغ ئېغىزى ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئېقىپ چىقىپ يانار تاغ ئېغىزى ئەتراپىدا سوۋۇيدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر مۇكەممەل تاغ چوققىسى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگما بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، دۆۋىلىنىشىمۇ ئ‍ېگىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ تاغ چوققىلىرىنىڭ ئىگىزلىكىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغان.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

ئولىمپس تېغى بولسا دەل مۇشۇنداق شەكىللەنگەن تاغلار ئىچىدىكى بىر تاغ چوققىسى. مارس شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئولىمپس تېغىمۇ ھەرىكەتتىكى يانار تاغ ئىدى، لېكىن نۆۋەتتە مارس ناھايىتى تىمتاس، ھېچقانداق يەر پوستى ھەرىكىتى يوق، چۈنكى مارسنىڭ ماسسىسى كىچىكرەك بولغانلىقتىن مارسنىڭ يەر يادروسى ھەرىكەتتىن ئۈزۈل-كېسىل توختىغان، شۇڭا مارس بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالغان.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەگەر ھەرقايسى سەييارىلەردىكى چوققىلارنى رەت تەرتىپكە تىزساق، قۇياش سىستېمىسىدىكى تاغ چوققىلىرىنىڭ ئالدىنقى بەشنىڭ ھەممىسى مارستا بولىدۇ، ئالتىنچىسى بولسا ۋېنېرادىكى ماكسىۋېل تېغى بولۇپ، ئ‍ۇنىڭ ئىگىزلىكىمۇ 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدۇ، ئ‍ۇنىڭدىن كېيىنكىسى بولسا يەر شارىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسى، ئەلۋەتتە بۇ پەقەت سەككىز چوڭ سەييارە ئارىسىدىكى رەت تەرتىپى، ئەگەر پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىمۇ ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي رەت تەرتىپىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

مەسىلەن، بۇنداق بولغاندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تاغ چوققىسى ئولىمپس تېغى بولماستىن، بەلكى رايياسىلۋىيا تېغى، بۇ تاغ چوققىسى ۋېستا دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك سەييارىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئىگىزلىكى 22 مىڭ 500 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ھەمراھلاردىكى تاغ چوققىلىرىمۇ نەچچە مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ئەگەر بۇ تاغ چوققىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھېسابلىغاندا، جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 10نىڭ ئ‍ىچىگىمۇ كىرەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە بۇ رەت تەرتىپىنى قۇياش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بەكمۇ يامان دېگىلى بولمايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەرقايسى چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان ئىگىز چوققىنى ناھايىتى ئاز شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ھاللاردا كىشىلەر پەقەت سەييارىلەر بىلەن سەييارىلەرنىلا سېلىشتۇرۇشنى خالايدۇ، چۈنكى سەييارىلەر ئارىسىدىكى سېلىشتۇرۇش تېخىمۇ ئ‍وڭاي بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرقەدەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

يەر شارىدىكى ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز جۇمۇلاڭما چوققىسى قۇياش سېستىمىسىدا نەچچىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ؟

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، جۇمۇلاڭما چوققىسى ئەگەر قۇياش سىستېمىسىدىكى سەككىز چوڭ سەييارىدىكى چوققىلار ئ‍ىچىدە تىزىشقا توغرا كەلسە يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، يەنە بىز بايقىمىغان ئىگىز چوققىلارمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن!

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى