تەبىئەت

شىر ئ‍وۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيادىكى ئ‍ەڭ چوڭ بۈركۈت

شىر ئ‍وۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيادىكى ئ‍ەڭ چوڭ بۈركۈت

بۈركۈت قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ كۈشەندە، چۈنكى ئۇلار نىشاننى بەلگىلىۋالسىلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە شۇڭغۇپ ئولجىنى بوشلۇققا ئېلىپ چىقالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئولجىغا نىسبەتەن پەقەت ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمايدۇ. ئادەتتىكى بۈركۈتلەرنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىدە پەرق ئانچە چوڭ ئەمەس. بىراق بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىردىن ئاشىدىغان، كۈشەندىسى يوق دېيەرلىك، بوشلۇقتىكى زومىگەر بۈركۈتنى تونۇشتۇرماقچى.

شىر ئ‍وۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيادىكى ئ‍ەڭ چوڭ بۈركۈت

بۇ خىل بۈركۈت ئارگېنتىنانىڭ گىگانت بۈركۈتى بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندا ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 70 كىلوگرام كېلىدۇ. ئىككى قانىتىنى يايسا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 14 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ خۇددى بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانغا باراۋەر. ئۇلار ئادەتتىكى بۈركۈتكە ئوخشاش نەچچە يۈز مېتىر ئىگىزلىكتە ئوۋ ئىزدەشكە ئامراق بولۇپ، نىشاننى بېكېتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال شۇڭغۇپ ئوۋ ئوۋلايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار ھايۋاناتلار شاھى شىرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

شىر ئ‍وۋلاشنى ياخشى كۆرىدىغان دۇنيادىكى ئ‍ەڭ چوڭ بۈركۈت

بۇ خىل بۈركۈتنىڭ تېنى چوڭ بولغاچقا ھېچقانداق كۈشەندىسى يوق دېيەرلىك. بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئاساسەن ئىككى يىلدا ئاران بىردىن ئىككىگىچە تۇخۇم تۇغىدىكەن، شۇڭا ھازىر ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى