تەبىئەت

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

دۇنيادىكى تۇنجى ھايۋانات باغچىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1500-يىللار ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھايۋانات باغچىسىنىڭ تاۋارلىشىش قەدىمى تېزلەشتى، ھايۋانات تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى. بىراق، ھايۋانلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ھېچقاچان توختاپ باقمىدى، بەزىلىرى ھەتتا قەپىسىنى بۇزۇپ قېچىپ چىقتى. ئۇلار باغچىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى نەرسىلەردىن ئۈركۈپ، ئىنسانلارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. تۆۋەندە بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن قېچىپ چىققان ھايۋانلار قالايمىقانچىلىقلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

1. قەپەستىن قاچقان شىر

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى بۇرلىڭتون تەبىئەتنى قوغداش مەركىزىدىكى 14 ياشلىق ئەركەك شىر قۇلۇپلاقلىق قەپەستىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، 22 ياشلىق پىراكتىكانت ئالېكساندرا بىلەكنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ قىزنىڭ تەبىئەتنى قوغداش مەركىزىدە پىراكتىكا قىلىۋاتقىنىغا ئەمدىلا ئىككى ھەپتە بولغانىدى. كېيىن باغچىدىكىلەر مەسېۋ ئىسىملىك بۇ شىرنى تىنچلاندۇرۇشقا ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق پايدىسى بولماي، ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

2. ھايۋانات باغچىسىدىن قېچىپ چىققان كىچىك مۈشۈكئېيىق

كىچىك مۈشۈكئېيىق تولىمۇ ئوماق. ئۇ ئېغىر دەرىجىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان. 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا كورا ئىسىملىك ئىككى ياشلىق كىچىك مۈشۈكئېيىق باغچىدىن قېچىپ چىقىپ، ئوخايو ئىشتاتى كولومبۇ ھايۋانات باغچىسى ۋە سۇ جانلىقلار سارىيىدىكىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن. بۇ كىچىك مۈشۈكئېيىق شۇنىڭ ئالدىدىلا ئىككىنى تۇغقان بولغاچقا، باغچىدىكىلەر ئۇنى تېپىشقا ئالدىراپ كەتكەن. كېيىن ئىككى ساياھەتچى ئۇنى كۆرۈپ باغچىغا خەۋەر قىلغان. بىراق، باغچا خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، كىچىك مۈشۈكئېيىق خۇددى ئەركىنلىكىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغاندەك دەرەخقە چىقىۋېلىپ چۈشكىلى ئۇنىمىغان.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

3. زەھەرلىك كۆزەينەكلىك يىلان

2011-يىلى بىر زەھەرلىك كۆزەينەكلىك يىلان بىرونكس ھايۋانات باغچىسىدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، نيۇيورك ئاممىسى ئالتە كۈنگىچە ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلالمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ زەھىرى 15 مىنۇتتىلا جاننى ئالىدۇ. بەختكە يارىشا، كېيىن بۇ يىلان ھايۋانات باغچىسىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىدىن تېپىلغان.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

4. ھاياتىدا توققۇز قېتىم «تۈرمىدىن قاچقان» ئورانگۇتان

1985-يىلى تۇنجى قېتىم سانتىياگودىكى ھايۋانات كۆرگەزمىسىدە قېچىپ كەتكەن كېن ئەللېن ئىسىملىك ئورانگۇتان بىر مەزگىل «رىۋايەتلىك شەخس»كە ئايلانغان. ئۇ قەپەسنىڭ بولتىسىنى بوشىتالايدىغان بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا قېچىشقا باشلىغانىدى. ئۇ ھەتتا 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇنجى قېتىم قېچىپ چىققاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ قەپەستىكى باشقا ھايۋانلارنى كۆرگەن، قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن گەرچە بىخەتەرلىك تەدبىرى يۇقىرىلىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ھەرخىل ئاماللار بىلەن قېچىپ كەتكەن. بىر قېتىم ئۇ دېرىزىنى چېقىپ قېچىپ چىققانلىقتىن، تېخىمۇ مۇستەھكەم جايغا سولانغان. شۇنداق قىلىپ ھاياتىدا جەمئىي توققۇز قېتىم «تۈرمىدىن قاچقان» بۇ ئورانگۇتان 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لىمفا ئۆسمىسى بولۇپ قېلىپ، ئازابلىماي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

5. شەھەر رايونىغا كىرىۋالغان كېنگورۇ بالىسى

2020-يىلى 6-ئايدا، 10 ياشلىق، ئىگىزلىكى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 23 كىلوگىرام كېلىدىغان، «خۇشاللىق» ئىسىملىك كېنگورۇ بالىسى ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى ھايۋانات فوندى جەمئىيىتى قوغداش رايونىدىن قېچىپ كېتىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، قوغداش رايونىدىن 64 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەھەر رايونىغا بېرىۋالغانلىقى بايقالغان. گەرچە ئېكىلوگىيە فوندى جەمئىيىتىدىكىلەر ئادەم ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

6. نايروبى دۆلەتلىك باغچىسىدىن قېچىپ چىققان شىر

2016-يىلى 3-ئايدا، كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى بىر شىر نايروبى دۆلەتلىك باغچىسىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، بىر ئەرنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە ئاخىرىدا ئۆزىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ باغچا شەھەردىن 6.4 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھەرخىل گۆشخور ھايۋانلار بېقىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىرلارنىڭ ئىنسانلار تۇرالغۇ رايونىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇپ قېلىشى ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسلىقى باشقۇرۇشنىڭ چىڭ بولماسلىقى، قەپەسلەرنىڭ چىڭ ئېتىلمەسلىكى سەۋەب بولغان. 2016-يىلى 2-ئايدىمۇ ئىككى شىر نوپۇسى زىچ نامراتلار مەھەللىسىنى بىر كۈن ئايلانغاندىن كېيىن، باغچىغا قايتىپ كەتكەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بازاردا تېخىمۇ كۆپ شىر پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنى قورقۇتۇۋەتكەن.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

7. قېچىپ چىققان 70 ماكاكا مايمۇنى

2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا 16 ياشلىق بىر بالا ياپونىيەنىڭ فۇجى شەھىرىدىكى بىر ھايۋانات باغچىسىدىن 70 ماكاكا مايمۇنىنى قويۇۋېتىپ قولغا ئېلىنغان. بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ ۋاقىتتا ماكاكا مايمۇنلىرىنىڭ قەپىسىدىن 30 سانتىمېتىرلىق تۆشۈك ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى.

ھايۋانلارنىڭ سەككىز قېتىملىق «تۈرمىدىن قېچىش» قىلمىشى

8. قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئىستولبىغا يامىشىۋالغان شىمپەنزە

2016-يىلى ياپونىيەدىكى بىر ھايۋانات باغچىسىدىن بىر شىمپەنزە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈپ، كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇتۇۋەتكەن، يەنە تېخى توك سىمىدا ماڭغان. ئاخىرى، ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى سېلىنىپ، باغچىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى