تەرمىلەر

دۇنيا تەرەققىياتىنى 100يىل ئىلگىرى سۈرگەن ئالىم

كولا تېسلا 1856-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سەربەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەن تېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى،مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.
ئۇ توكنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھەمدە ھازىرقى زامان ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپ قىلغان ئادەم. ئۇ نۇرغۇن ئالاقىدار پاتنېتى، شۇنداقلا ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيىسى تەتقىقات خىزمىتى ھازىرقى زامان سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز تېلېگرافنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ. تېسلا سەككىز خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ: چېخ تىلى، ئىنگلىز تىلى،فرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى، ۋېنگىرىيە تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سېرب تىلى.
تېسلا ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپقىلغاندا ئەگەر ئۇ پاتېنت ھەققى يىغىشنى قارار قىلغان بولسا، ھەربىر ئات كۈچى ئۆزگىرىشچانئىشلەتكەندە چوقۇم ئۇنىڭغا 2.5 دوللار پاتېنت ھەققى تۆلەش كېرەك ئىدى. بۇنداق بولسائۇ ناھايىتى تېزلا روكفېللېردىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىناتتى
بىراق ئۇ ئۆزگىرىشچان توكنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ھۆججىتىنى يىرتىۋېتىپ، بۇ توكنى كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغان.
تېسلا 100 نەچچە يىل بۇرۇن قۇرغان توك تارقىتىش ئىستانسىسى تا ھازىرغىچە نورمال خىزمەت قىلماقتا.

 

رېنتىگېن نۇرىنىمۇ تېسلا ئاۋۋال بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قولىنى رېنتىگىن نۇرى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ رېنتىگىنگە ئەۋەتىپبەرگەن، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل بايقىشىنى سىرتقا جاكارلىمىغان.
1892-يىلى تېسلا سىمسىز رادىئو تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققان.
1899-يىلى چاقماق ھاسىل قىلغان .
تېسلانىڭ ئەڭ قالتىس كەشپىياتى بولسا دۇنيا سىگنال سىستېمىسى. بۇ نەرسە سىمسىز تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھەرقانداق تىپتىكى سىگنال، ئۇچۇر، يېزىق قاتارلىقلارنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر بۇرجىكىگە يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تېلېگرامما، تېلېفون ۋە باشقا سىگنال پونكىتلىرى ئارىسىدا ئۆزارا تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ سېستىما ئارقىلىق بىر تېلېفون ئابۇنتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى تېلېفون ئابۇنتىنى چاقىرالايدۇ، بۇ ھەتتا ھازىرقى ئەشيا تورىدىنمۇ ئىلغار. ئەپسۇس بۇ سىستېما ۋاردېنكىلىف مۇنارى تۈرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى بىلەن تاماملانمىغان.
ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئالاقىدار پاتېنتى ۋە ئېلېكتر ماگنىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرقى زامان سىمسىز تېلېگراف ساھەسىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ جەمئىي 86 يىل ياشىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم پەنگە بېغىشلىغان، بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تېسلا ئۇيقۇ ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. 1000دىن ئارتۇق كەشپىياتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغائىگە بۇ ئالىم ۋاپات بولۇش ئالدىدا ناھايىتى نامرات ئىدى
ئۇنىڭ جەسەت كۈلى 1957-يىلى سېربىيە بېلگرادتىكنىكولا تېسلا مۇزېيىغا قويۇلغان.
2003-يىلى تېسلانىڭ دۇنيانىڭ ئېلېكترلىشىشى ۋە كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ مۇزېي دۇنياۋىي ئەسلىمە مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئەگەر قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا ئەۋلىيالارغا يېقىنلىشىدىغان ئىككى ئادەم بار دېيىلسە، ئۇلارنىڭ بىرى داۋىنچى، يەنە بىرى دەل بۇ ئادەم تېسلا. ئەگەر سىز ئېينىشتىيىننىڭ پاراسەت قىممىتىنىڭ 200 دىن ئاشىدىغانلىقىدىن ئەجەبلەنسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېدىسوننىڭ ناھايىتى تىرىشچان تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.بىراق تېسلا بولسا ئۆزىنىڭ ئىلھامىغا تايانغان تالانت ئىگىسى.
تېسلا يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشىدى،لېكىن ئۇ يەككە-يېگانە ئەمەس، كەشپىيات ئۇنىڭ ھەمراھى، تەتقىقات ئۇنىڭ سىرداش دوستى،ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشاپ، پۈتكۈل سىرتقى دۇنيانى ئۆزگەرتتى.
ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك كەشپىياتى ھازىرقى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى، مەسىلەن ئىنتېرنېت تورى،يانفون قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەتقىقات ئاساسىدا پەيدا بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تېسلا دۇنيا تەرەققىياتىنى 100 يىل ئىلگىرى سۈرگەن.

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

2 باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى