ساغلاملىق

دائىم قايناقسۇ ئىچسە، بۆرەككە پايدىلىقمۇ ياكى پايدىسىزمۇ؟

ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە قايناقسۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى رولىنى سۆزلەپ بېرەيلى، بىر ئادەم ھەر كۈنى قانچىلىك سۇ تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارلارنى ئورۇنداش ئۈچۈن سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر سۇ بولمىسا، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈشكە ئامال بولمايدۇ، ئوكسىگېنمۇ ئېھتىياجلىق ئورۇنغا يېتىپ بارالمايدۇ، قانمۇ يوقىلىدۇ، كېرەكسىز ماددىلارمۇ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش توختاپ قالىدۇ. شۇڭا، سۇنى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ماددا دېيىشكە بولىدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن سۇنى ھاياتلىق مەنبەسى دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى.

ئۇنداقتا بىز نورمال ئادەملەر ھەر كۈنى قانچىلىك سۇ تولۇقلىشى كېرەك؟ «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسى 2016-نۇسخا»دىكى تەكلىپتە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 1500 ~ 2000 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى كېرەك، يەنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىغان بىر كۈندە «سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش» دېگەن دەل شۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سەككىز ئىستاكان سۇ ھەرگىزمۇ سىزنى چوقۇم شۇنچە كۆپ ئىستاكان سۇ ئىچىشىڭىز كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ئىستاكاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، مۇھىت، تەر مىقدارى قاتارلىقلارمۇ تەسىر قىلىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ، لېكىن 1500~2000 مىللىلىتىردىن ئىبارەت بۇ مىقدارغا نىسبەتەن، كۆپچىلىك يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېتەرلىك ئىچىشى كېرەك. ئەگەر ھەرىكەت قىلغاندا تەر كۆپ چىقىپ كەتسە، يەنە ئارتۇقچە سۇ تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۆزىگە سۇ تولۇقلاشنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچى خىل ئۇسۇل بولسا كىچىك تەرەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ئەگەر كىچىك تەرەت مىقدارى ئاز ھەم رەڭگى سېرىق بولسا، تولۇقلىغان سۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلېكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر كىچىك تەرەت مىقدارى كۆپ ھەم رەڭگى سۈزۈك بولسا، سۇ تولۇقلاشنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا ئۇسساش سېزىمى بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك، ئەگەر دائىم ئۇسساش سېزىمى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بەدىنىڭىزدە سۇ كەمچىل بولغان بولۇپ، سۇنى كۆپرەك تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئادەتتە سۇ ئىچكەندە ئامال بار چوقۇم ئۇسسىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچمەسلىكى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىككە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، سۇ ئىچىشكە نىسبەتەن، كۆپچىلىك سۇ ئىچىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ھەر قېتىملىق سۇ ئىچىش مىقدارىنى ئازايتسا بولىدۇ، يەنى ئاز-ئازدىن ئىچسىمۇ بولىدۇ، ئامال بار بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.

ئۇنداقتا دائىم قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، بۆرەككە پايدىسى بارمۇ؟

بۆرەك «ھاياتلىق مەنبەسى»، ئۇ خۇددى ئادەم بەدىنىنىڭ ماتورىغا ئوخشاش، ھاياتىمىزنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. قايناقسۇنى ھەر خىل سۇ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى سۇ دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر سىز سۇ ئىچمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم قايناقسۇنى ئاۋۋال ئىچىشىڭىز كېرەك، باشقا ئىچىملىكلەردە ئازدۇر كۆپتۇر كەمچىلىكلەر بولىدۇ، مەسىلەن، چاي ئىچكەندە ئاسانلا تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ، يەنە ئاسانلا بەدەننى غىدىقلاپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى بەك كۆپ ئىچكەندە، شېكەر، ياغ، سۈيدۈك كىسلاتاسى قاتارلىق مېتابولىزمدىكى نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، قايناقسۇدا ھېچقانداق يېتەرسىزلىك بولمايدۇ، شۇڭا چوقۇم قايناقسۇ ئىچىش كېرەك.

شۇڭا ئەگەر بۆرىكىڭىزدە كېسەللىك بولمىسا، دائىم قايناقسۇ ئىچىپ بەرگەندە چوقۇم پايدىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىزنىڭ بۆرىكىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپرەك سۇ ئىچىش ھەر خىل مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق.

بەدىنىمىزدىكى ھەر خىل مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈكتە ئېرىگەندە ئاندىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى يېتەرلىك بولسا، يېتەرلىك سۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى، كرېئاتىنىن قاتارلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر سۇ ئىچىش مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولسا، ئاسانلا بۇ مېتابولىزمنىڭ توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇرىك كىسلاتا، ئەگەر يېتەرلىك چىقىرىلمىغان بولسا، ناھايىتى ئاسانلا ئۇرىك كىسلاتانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغاندىن كېيىن، ئاسانلا بۆرەك شارچىلىرى، بۆرەك قانالچىلىرى قاتارلىقلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى ئورىيالىق قان كېسىلى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، سۇنى كۆپ ئىچىش سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە كالتسىي تۇزلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بەزى كىچىك تاشلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ياكى سۈيدۈك كانىلىدا تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كەتكەن ياكى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، دوختۇر ئۇلارنى كۆپرەك سۇ ئىچىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە بەزى بۆرەك كېسەللىكلىرى بولسا، قايناق سۇ ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزنىڭ ھەممىسى كۆپ سۇ ئىچىشنىڭ ياخشى تەرىپى، لېكىن كۆپ سۇ ئىچىش ھەر بىر ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى بار كىشىلەر، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش، بۇنداق كىشىلەرنىڭ بۆرەكىنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا توكسىننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئامال بولمايدۇ، ھەمدە يەنە قان تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەگەر سىزدە بەزى يۈرەك كېسەللىكلىرى بولسا، سۇ ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. باشقا بىر قىسىم كېسەللىكلەردە ئەگەر سۇنى كۆپ ئىچىشمۇ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارى ۋە كېڭىيىش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر قايناق سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، ئۇلارنىڭ قان ئايلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ، يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارمۇ كۆپ مىقداردا قايناقسۇ ئىچسە بولمايدۇ.

خۇلاسە

ئومۇمەن ئېيتقاندا، نورمال ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش بىزنىڭ بەدىنىمىزگە، بۆرىكىمىزگە پايدىلىق، ئادەتتە بۆرەكنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىزدە بەزى بۆرەك كېسەللىكلىرى ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرى بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى بەزى كېسەللىكلەر قايناقسۇنى كۆپ ئىچسە پايدىلىق، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ قايناقسۇ ئىچىشنىڭ يامان تەرىپى بار، شۇڭا ئامال بار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قايناقسۇ ئىچىش مىقدارىنى تاللاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى