ساغلاملىق

ۋىتامىن E نى توغرا قوبۇللاڭ

ۋىتامىنE ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە مېتابولىزىم جەريانىغا قاتىنىشىدۇ ۋە مۇھىم فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە:

ۋىتامىنE نى توغرا قوبۇللاڭ

ۋىتامىنEنىڭ بەش چوڭ ئىقتىدارى:

1. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش. ياشلىقتا ئادەم بەدىنى ئۆزلۈكىدىن ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ھاسىل قىلىپ، ئورگانىزمنىڭ ھاسىل قىلغان ئەركىن رادىكالىغا قارشى تۇرىدۇ، 35 ياشتىن كېيىن بەدەندىكى ئەركىن رادىكال كۆپىيىپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىمۇ ئازىيىدۇ، ھالبۇكى ۋىتامىنE بۇ ۋاقىتتا ئەركىن رادىكاللارنى تازىلايدۇ، بىئولوگىيەلىك پەردە (ھۈجەيرە پەردىسى)نى قوغدايدۇ.

2. تۇغۇت ئىقتىدارىنى ساقلاش. ۋىتامىنE سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددا. ئۇ ئەر-ئاياللاردىكى جىنسىي ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. ئىممۇنىتېتنى ساقلاش. ۋىتامىنE لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى لىمفا ھۈجەيرىلىرى كەنجى گۇرۇپپىسىنىڭ نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

4. تېرىنىڭ قېرىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش. ۋىتامىنE نى سىرتتىن سۈرگەندە، ئۇلتېرا بىنەپشە نۇر ۋە بۇلغىمىلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، قېرىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئاپتاپتىن كۆيۈپ يارىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك قىزىل داغ، سۇلۇق ئىششىق، قورۇق قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ.

ۋىتامىنE نى توغرا قوبۇللاڭ

ۋىتامىنEنى ناتوغرا ياكى ئۇزاق مەزگىل قوبۇللىغاندا قانداق ئەكىس تەسىر كۆرۈلىدۇ:

كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۇتۇقلىشىشى، كۆكسىنىڭ ئىششىپ يوغىنىشى، ئىچ سۈرۈش، باش قېيىش، يۇقۇملۇق زۇكامدەك ئۇنىۋېرسال ئالامەتلەر، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش ھەمدە ئاشقازان مۇجۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

ۋىتامىنE نى يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟

ئۆسۈملۈك مېيى ۋىتامىنE نىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. ئارپا، سۇلۇ قاتارلىقلاردىمۇ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرمۇ ۋىتامىنEنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەنبەسى. تۇخۇم، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىمۇ بەلگىلىك مىقدارغا ئىگە.

نۆۋەتتە ھېچقانداق خەۋەردە تەبىئىي يېمەكلىكلەردىكى ۋىتامىنEنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەسىر ھاسىل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر يوق. ۋىتامىنE قۇۋۋەت تولۇقلاش رېئاكتىۋى، يېمەكلىك كۈچلەندۈرۈش رېئاكتىۋى ياكى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەندە، ئاندىن مىقدارىدىن ئارتىش خەۋىپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز بازارلىرىدىكى تەركىبىدە ۋىتامىنE بار بولغان ئوزۇقلۇق رېئاكتىۋلىرىنى ئادەتتە كۈنىگە 5-150 مىللىگىرام قوبۇللاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئادەتتە يېرىم يىلدىن ئاشماسلىقى كېرەك. بۇ خىل دورىنى تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، قان قويۇق، ئارتېرىيە قېتىشىش، چاچ چۈشۈش، قېرىلىق، كىچىك پاقالچاق تارتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلەتكەندە، كۈندە بىر قېتىم 100دىن 200 مىللىگىرام ئىشلىتىش ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قوبۇللاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى