ساغلاملىق

بەك كۆپ ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇ توسالغۇسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك

ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، بىراق سىز بىلەمسىز؟ كۆپ ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇ توسالغۇسىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ قانچىلىك ئۇخلىسىمۇ ئۇيقۇغا قانمايدىغان، ئۇيقۇسى بۇرۇنقىدىن كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق ئۇيقۇ بۆلۈمى مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى لى يەن مۇنداق بىلدۈردى: ئۇيقۇ توسالغۇسى بەزىدە پەقەت سىرتقى قىياپەت بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە باشقا كېسەللىكلەر، مەسىلەن، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق روھىي پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن.

نۇرغۇن ياشانغانلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزاق مۇددەت ياشىغان جايدىن ئايرىلىپ، يېڭى مۇھىتقا كەلگەندە، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماي، يېڭى تۇرمۇشقا سىڭىشىپ كېتەلمەيدۇ، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار، كۆچمە چىقىم قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارمۇ ياشانغانلارغا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ياشانغانلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ يۈزبېرىش ئەھۋالىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما ئۇخلاش مەسىلىسى ھەمىشە ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈلىدۇ.

ياشانغانلاردىكى ئۇيقۇ توسالغۇسى كۆپىنچە ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىراش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشتىن باشلىنىدۇ. لى يەن مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى توپتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇيقۇ توسالغۇسى بولۇشى مۇمكىن. بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناچار، جاپالىق ئىشلەيدىغان، ئۇيقۇسى تەرتىپلىك بولمىغانلارنىڭ ئۇيقۇسى تېخىمۇ ئاسان توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. دوختۇرخانىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغانلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ھەمىشە ناھايىتى روشەن بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ئاغرىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ، ئۇيقۇ توسالغۇسىنى ئەمەلىيەتتە ئالدىن ئوڭشىغىلى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئۇيقۇ توسالغۇسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيقۇغا قانمىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك».

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جوۋ جيېيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چا گۈەنلىن، ياڭ لىڭلىڭ)

نۇر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۈنۇپكىسى